نېمە ئۈچۈن يانبىلوگنى يانفوندا كۆرگەندە پەش، سوئال بەلگىسى قاتارلىقلار تەتۈر چىقىۋالىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-10
ئاۋاتلىقى: 1957 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يانبىلوگ سىستېمىسىدا ھەر قانداق يانفوندا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال كۆرسىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، پەش، سوئال بەلگىسى قاتارلىق تېنىش بەلگىسىنىڭ تەتۈر چىقىۋېلىشى ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق بىر تەرەپ قىلىنغان.
تېنىش بەلگىلىرىنى نورمال كۆرسىتىمىز دېسەك، سىستېما نەشرى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان يانفونلار ياكى داڭلىق ماركىدىكى يانفونلاردا نورمال كۆرۈنگەن بىلەن، سىستېما نەشرى نىسبەتەن تۆۋەن ياكى بىر قىسىم سۈپەتسىز (杂牌) يانفونلاردا خەتلەردە بىنورماللىق كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، يانبىلوگ سىستېمىسىدىكى تېنىش بەلگىلىرى تەتۈر چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن. چۈنكى تېنىش بەلگىسى تەتۈر چىققاندا سىستېما نەشرى تۆۋەن ياكى سۈپەتسىز يانفونلاردىمۇ خەت نورمالسىز كۆرۈنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد ئەمەس. شۇڭا بۇ جەھەتتە، كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.