يانبىلوگنىڭ كومپيۇتېر نەشرىمۇ بارمۇ؟
ۋاقتى: 2016-11-06
ئاۋاتلىقى: 1418 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يانبىلوگ سىستېمىسى كۆپ خىللاشتۇرۇلغان، كۆپ ئىقتىدارلىق سىستېما بولۇپ، يانبىلوگ سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نەشرى ھەم يانفون نەشرى تەڭ تەمىنلەنگەن. ئەمما كومپيۇتېر نەشرىنى ئىشلىتىشنى كۆپ تەشەببۇس قىلىپ كەتمەيمىز. چۈنكى كومپيۇتېر نەشرى ئادەتتىكى بىلوگلار بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، «يانبىلوگ»لۇق ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش مەقسىتىدە، سۈكۈتتىكى ھالەتتە كومپيۇتېر نەشرى ئادەتتە قوزغىتىلمىغان (ئېچىلمىغان) بولىدۇ.
ئەگەر بىلوگىرلارنىڭ كومپيۇتېر نەشرىگە ئېھتىياجى بولسا، ئارقا سۇپىدىن كومپيۇتېر نەشرىنى قوزغىتىپ قويسىلا ئۆزگىچە بىلوگ ئېچىلىدۇ.
كومپيۇتېر نەشرىنى قوزغىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
ئالدى بىلەن ئارقا سۇپىدىن «بىلوگ خاسلاشتۇرۇش» دېگەن تاللاشنى چېكىمىز.
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:

ئاندىن سول تەرەپتىكى تاللاش رايونىدىن «كومپيۇتېر نۇسخىسى ئوچۇقمۇ؟» دېگەندىن «ھەئە»نى تاللىساقلا بولىدۇ.
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:

