ساقلىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان تارىخى ئۇيغۇر رەسىملىرى: خوتەندىكى بىر كوچا (3)
ۋاقتى: 2015-10-30
ئاۋاتلىقى: 728 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە «خوتەندىكى بىر كوچا» ناملىق رەسىم كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر رەسىم شىنجاڭلىق داڭلىق رەسسام لوڭ چىڭلىيەن 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجاد قىلغان 100 مېتىردىن ئارتۇق رەسىم بولۇپ، پۈتكۈل رەسىمنىڭ ئېگىزلىكى 2.15 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 115.5 مېتىر، خوتەن بازىرىدىكى ئەمەلىي بىر كۆرۈنۈشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سىزىلغان ئىدى.
مەزكۇر ئەسەردە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرى بولۇپ، 10 نەچچە كۆرۈنۈشتىن تەركىب تاپقان. قىزىققۇچىلارنىڭ كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشىغا سۇندۇق.