قايغۇ-ھەسرەت ھامىلىدار بولۇشقا پايدىسىز
ۋاقتى: 2016-06-27
ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئاياللار تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، دائىم روھى ھارغىن، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، قورسىقى ئاسان كۆپىدۇ، پۇت-قولى ماغدۇرسىز، دەرد-ئەلەملىرى كۆپ بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن روھى يۈكى بەك ئېغىرلىشىپ، ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھامىلىدار بولۇشقىمۇ زىيانلىق، ھامىلىدار بولغان تەقدىردىمۇ بالىغا مەلۇم جەھەتتىن تەسىرى بار.
ترىپتوفان تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر خامۇشلۇققا پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، بېلىق گۆشى، توخۇ گۆشى، تۇخۇم، پىشلاق(ئىرىمچىك)، سۇلۇ، بانان ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى قەنت تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر، يەنى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىش كېرەك، شۇنداق بولغاندا ترىپتوفاننىڭ ھەزىم قىلىنىشى، سۈمۈرۈلۈشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە پايدىلىق.
كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىپ دوستلار بىلەن مۇڭدىشىش ۋە بىرقىسىم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق.