ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ تاماق رىسالىسى

بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ تاماق رىسالىسى

ۋاقتى: 2016-03-22 ئاۋاتلىقى: 796 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ تاماق رىسالىسى

1.سەۋزە شورپىسى:

سەۋزە تەركىبىدە ئۆسۈملۈك تالالىرى بولۇپ، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈچەيدە ھەجىمى كېڭىيىپ، ئۈچەينى تولدۇرۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۈچەينى بوشىتىپ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تەييارلىنىشى: 250 گرام يىڭى سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ پوستى بىلەن قوشۇپ توغراپ قازانغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېزىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ سۈيىنى كۈندە 3~2 قېتىم ئىچىدۇ.

2.تۇخۇم سېرىقى مىيى:

بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار ھەركۈنى بىر تال تۇخۇم سېرىقىنڭ مېيىنى 3~2 قېتىمغا بۆلۈپ، بىر ياشتىن يۇقىرى بوۋاقلار ھەركۈنى ئىككى تال تۇخۇم سېرىقىنڭ مېيىنى 3~2 قېتىمغا بۆلۈپ ئۈچ كۈن يېسە ئىچى سۈرۈشنى ساقايتىپ ئاشقازان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

تەييارلىنىشى: تۇخۇمنى پۇشۇرۇپ، سېرىقىنى ئايرىپ قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا قىززىتىپ مېيىنى ئالىمىز.
 
3.ئالما مۇرابباسى:

ئالما تەركىبىدە مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ، توكسىنلارنى سۈمۈرەلىگەنلىكتىن  بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، بولۇپمۇ ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا ماس كېلىدۇ.

تەييارلىنىشى: ئالمىنى كېسىپ ئۇششاقلاپ، قوچۇپ مۇراببا ھالەتكە كەلتۈرۈپ ھەركۈنى 3~2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 60~30 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. يەنە بىر تال ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، 0.9~0.8 گرام تۇز، 5 گرام شېكەر، 250 گرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، 3~2 قېتىمغا بۆلۈپ  ئىستېمال قىلىسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى