ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ساغلام بوۋاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەر قىلىدىغان سەۋەبلەر(2)

ساغلام بوۋاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەرلەر قىلىدىغان سەۋەبلەر(2)

ۋاقتى: 2015-07-17 ئاۋاتلىقى: 715 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پۇرچاق ئۈندۈرمىسى
سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى سېرىق پۇرچاقتىن ياسالغان بولسىمۇ، بىراق سېرىق پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بار، چۈنكى سېرىق پۇرچاق بىخ سۈرۈش جەريانىدا تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە كراخمال كۆپ خىل ئىنىزىمنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىدۇ، ئاساسلىقى سۈپەت ۋە ساندىكى ئۆزگۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. سېرىق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن، ئاممونىي كىسلاتاسى ۋە پولىپېپتىدقا ئايلىنىدۇ، كراخمال مونوساخارىد بىلەن ئولىگو ساخارىدقا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېرىق پۇرچاق يەنە ئېنزىمنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە سىنىك قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ، بولۇپمۇ كاروتىن، ۋېتامىنB2، ۋېتامىن B12، ۋېتامىنE ۋە نىك كىسلاتاسى(尼克酸) قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. 


گەرچە سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدىكى ئاقسىل ۋە كراخمالنىڭ مىقدارى سېرىق پۇرچاققا قارىغاندا ئاز بولسىمۇ، بىراق ئاقسىلنىڭ ئىشلىتىلىشى جەھەتتە سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى سېرىق پۇرچاققا قارىغاندا %10 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سېرىق پۇرچاق بىخ سۈرۈش جەريانىدا ئاسپارتىك كىسلاتا تېز سۈرئەتتە كۆپيىدۇ، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن بەدەندىكى سۈت كىلاتاسىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. مەيلى سېرىق پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق بولسۇن، بىخ سۈرگەندە پەيدا بولغان كۆپ خىل ۋېتامىننىڭ ھەممىسى بەدەندىكى غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، جىنسىي ھورموننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 
لىسىن كىسلاتاسى(赖氨酸)
لىسىن كىسلاتاسى ئىسپېرما شەكىللىنىشنىڭ زۆرۈر تەركىبى، ھامىلىدارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دادا بولۇش ئۈچۈن لىسىن كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ، مەسىلەن يىلانبېلىق، لاييېگەك، تاغ دورىسى ۋە دۇفۇ پىشلىقى قاتارلىقلار. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى