ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامما ئېتىراپ قىلغان ئون چوڭ بالىلارغا پايدىلىق مېۋىلەر

ئامما ئېتىراپ قىلغان ئون چوڭ بالىلارغا پايدىلىق مېۋىلەر

ۋاقتى: 2015-03-13 ئاۋاتلىقى: 711 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئامما ئېتىراپ قىلغان ئون چوڭ بالىلارغا پايدىلىق مېۋىلەر 

قايسى خىل مېۋە ئەڭ پايدىلىق؟ مېۋە-چىۋىلەر ئىچىدە ئالما بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالمىنىڭ تەركىبىدە تالا مول بولۇپ، بەدەننىڭ تالا ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، يۈرەك كېسىلىنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئالمىنى ئورۇقلاشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىدۇ، ھەر ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تاماق يېمەي پەقەت ئالمىلا يەيدۇ، بۇ كۈننى « ئالما كۈنى» دەپ ئاتايدۇ. 

مەلۇم بىر سىنگاپورلۇق ئادەم ئالمىنى توغرا يېيىشنىڭ ئۇسۇلىنى رەتلەپ چىققان: سېمىز ئادەملەر تاتلىق ئالما يېيىشى، دىئابىت بىمارلىرى چۈچۈمەل ئالما يېيىشى، قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار پىششىق ئالما يېيىشى، ئىچى سۈرۈشنى داۋالاشتا تېخى پىشمىغان ئالما يېيىشى كېرەككەن. ئالمىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا كېسەل داۋالايدۇ. تەجرىبە ئىسپاتلىدىكى، دىئابىت بىمارلىرى چۈچۈمەل ئالما يەپ بەرسە  ياخشى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىرى بىمارلىرى تاتلىق ئالما يەپ بەرگەن ياخشى، قەۋزىيەت بىمارلىرى بەك پىشقان ئالما يەپ بەرگەن ياخشى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېڭى ئۈزۈلگەن ئالما يەپ بەرگەندە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى يوقىتىش، بۆرەك ئىقتىدارىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. توڭ ئالمىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرگەندە يۆتەلنى يېنىكلىتىپ، بوغۇزىنىڭ بۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئالما قىيامىنى ئىللىتىپ يېگەندە، كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلاردىكى ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئالمىدىن قالسىلا ئۆرۈك، بانان، قارا بۆلجۈرگەن، كۆك بۆلجۈرگەن، قوغۇن، گىلاس، قىزىل ئېيىقئۈزۈمى، ئۈزۈمسىمان ئاپېلسىن ۋە قىزىل ئۈزۈم مېۋىلەر بالىلار ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇلارنىڭ رولى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 

ئىككىنچى ياخشى: ئۆرۈك، تەركىبىدە مول بولغان β-كاروتىن بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ۋېتامىن Aنىڭ تولۇق قوبۇل قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. 

ئۈچىنچى ياخشى مېۋە: بانان، كالىي ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، يۈرەك ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. 

تۆتىنچى ياخشى مېۋە: قارا بۆلجۈرگەن، قارا بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى تالانىڭ مىقدارى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى باشقا مېۋىنىڭ تەركىبىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولىدۇ. يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا گەپ كەتمەيدۇ. 

بەشىنچى ياخشى مېۋە: كۆك بۆلجۈرگەن، ئالاھىدە بىر خىل مېۋە. كۆك بۆلجۈرگەننى كۆپ يەپ بەرگەندە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

ئالتىنچى ياخشى مېۋە: قوغۇن، ۋېتامىن A ۋە ۋېتامىن C مول بولۇپ، ۋېتامىن تولۇقلايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك مېۋە ھېسابلىنىدۇ. 

يەتتىنچى ياخشى مېۋە: گىلاس، يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. 

سەككىزىنچى ياخشى مېۋە: قىزىل ئېيىقئۈزۈمى، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. 

توققۇزىنچى ياخشى مېۋە: ئۈزۈمسىمان ئاپېلسىن(葡萄柚)، تەركىبىدە ۋېتامىن Cنىڭ مىقدارى ئىتايىن مول بولىدۇ. 

ئونىنچى ياخشى مېۋە: قىزىل ئۈزۈم، تەركىبىدىكى فلاۋوننىڭ يۈرەكنى مەلۇم دەرىجىدە قوغداش رولى بار. 


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى