ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەنھەرىكەت

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەنھەرىكەت

ۋاقتى: 2015-04-29 ئاۋاتلىقى: 715 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دالىدا ئايلىنىش، يېنىك بولغان ئائىلە ئىشلىرى قاتارلىقلار مۇۋاپىق بولغان ھەرىكەتلەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، يەنى زىيادە چارچاپ كەتمەسلىك، ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەسلىك، جىددىي ھەرىكەت قىلماسلىق، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۇزۇن سەپەرگە چىقماسلىق دېگەندەك.


1. بەزى ھامىلىدار ئانىلار پەلەمپەيدە مېڭىش ئارقىلىق ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنى تاللايدۇ، بۇخىل خەلق ئىچىدىكى ئۇسۇلنىڭ تەبىئىي تۇغقان ئاياللارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئۈنۈمى بار. ئەمما، ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولسا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش پىرىنسىپى. پەقەت ھارغىنلىق ھېس قىلمىسىلا بۇ خىل ھەرىكەت ناھايىتى ياخشى.
2. سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرۈدىغان ھامىلىدار ئاياللار بۇ خىل ئادىتىنى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدۇ، بىراق پاكىز سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛ قىستاڭچىلىق ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇ ئۈزمەڭ؛ سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى ئىسسىق ساقلاپ زۇكام بولۇپ قالماسلىققا چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك؛ يەنە بىرسى سۇ ئۈزۈش ۋاقتى ئادەتتىكىگە قارىغاندا قىسقا بولۇشى كېرەك.
3. يۈگۈرۈش، سەكرەش، تۆت مۈچە تولۇق كېرىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش كەسپى تەنھەرىكەتچى بولمىغان ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن ناھايىتى خەتەرلىك. ئەڭ ياخشىسى قىلماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا. ئەگەر سىزنىڭ بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ھەرىكىتىڭىز ياكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت مەشىق قىلىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، ئەڭ ياخشىسى تېرىنىرىڭىزدىن مەسلىھەت سوراپ بېقىڭ، ئەگەر مەشىقتە بىرەر بىئاراملىق بايقالسا دەرھال توختىتىپ تۇغۇت دوختۇرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.



4. ۋېلىسىپىت مىنىش بولسا نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن مېڭىشنىڭ ئورنىدىكى دائىملىق چېنىقىش ئۇسۇلى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋېلىسىپىت مىنىشنىڭ ھېچقانداق خەتىرى يوق، بىراق سىز قاتناش بىرقەدەر قالايمىقان كوچا بۆلىكىدە مىنسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ، بولۇپمۇ ھامىلىدار بولۇپ تۆت بەش ئايدىن كېيىن، بەدىنى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ئىنكاسچانلىقى ۋە سەزگۈرلۈكىدە تۆۋەنلەش بولىدۇ، ئەگەر تۇيۇقسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ بەختكە قارشى يېقىلىپ كەتسە ناھايىتى ئاسانلا خەتەر كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ تۇغۇت دەۋرىگە كېلىپ قالغاندا ئەڭ ياخشىسى ئاز مىنىش ياكى مىنىشنى توختىتىش كېرەك.
5. ھەركۈنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە سەيلە قىلىش ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھەرىكەت، ئەڭ ياخشىسى سەھەر ياكى كەچقۇرۇندىكى ۋاقىتنى تاللاڭ، ئەتىگەندە ياكى كەچلىك تاماقتىن كېيىن گۈللۈككە، يېشىلچىلىق جايلارغا ياكى ھاۋاسى ساپ، مۇھىتى تىنچ جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىڭ، شارائىت يار بەرسە ئەڭ ياخشىسى بىرەر كىشى سىزگە ھەمراھ بولسۇن، ئەگەر تۇغۇت ۋاقتىڭىز يېقىنلاپ قالغان بولسا چوقۇم بىر ئادەم ھەمراھ بولسۇن ياكى ئالاقىلىشىش ئەسۋابلىرىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا ئەڭ تېز ياردەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
6. ھامىلىدارلىق دەۋرىدىكى تەنھەرىكەت تۈرى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تاللاپ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما، ھەرىكەت مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولۇشى كېرەك. ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى، ھامىلىدارلىق دەۋرىدە چوقۇم بەلگىلىك ھەرىكەت قىلىش، پەقەت يەپ ۋە ئۇخلاپلا قىلسا بولمايدۇ، ئەگەر قوبۇل قىلىپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلمىسا سەمىرىپ كېتىلا قالماستىن بەلكى قورساقتىكى ھامىلىنىڭمۇ سەمىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار، بۇنداق بولغاندا بوۋاقنىڭ كەلگۈسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدىغان گەپ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى