ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەنئىي قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەنئىي قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر

ۋاقتى: 2016-05-31 ئاۋاتلىقى: 711 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. تاماكا، ھاراق، زەھەرلىك بويۇملار بەلكىم ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىكلەپ كېتىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ناچار بولۇش، ھەتتا تۇغما غەيرىي بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىز بۇنىڭدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشىمىز كېرەك.

2. ئاچچىق ۋە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشىنىڭ تېزلىشىشى، كۆپۈش، گېموروينىڭ قوزغىلىشى قاتارلىقلار ساقسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
3. ھامىلىدار ئاياللار ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە گەرچە ئوزۇقلۇققا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بىراق، ئىشتىھانى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلمىغاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېزلا ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن بەلكى بەدەن سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى، ھامىلىنىڭ يوغىناپ كېتىش، تۇغۇتتا قىينىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا-بالا ئىككىلا تەرەپكە يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە كۆپرەك بېلىق، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات قاتارلىق تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ياكى قوشۇمچە ماددىلار كۆپ بولغان ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، شۇندىلا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.



پەرىشتە ئانا-بالا تورىنىڭ كىچىك ئەسكەرتمىسى:
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى توغرىسىدا
ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 40-ھەپتىسىدىكى ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرىچە 10-15 كىلوگىرام ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھامىلە تەخمىنەن 3 كىلوگرامدىن 4 كىلوگرامغىچە ئىگىلەيدۇ. ھەم ھامىلە سىستېمىسىنى قوللايدىغان بالا ھەمراھى، باش سۈيى، قان سۇيۇقلۇقى، ياغ، ئەمچەك توقۇلمىلىرى تەخمىنەن 7-12 كىلوگرامچە ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، 4-ئېيىغا كەلگەندە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېزلىشىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئېشىشى يەنە سەل-پەل ئازلايدۇ. بۇ خىل رىتىم ئەمەلىيەتتە شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى: ئانا تېنى ئاستا-ئاستا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا ماسلىشىپ، ھامىلىمۇ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشىدۇ.


تۇغۇت مەزگىلى يېقىنلاشقانسېرى، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى  بايقايسىز. بۇ ۋاقىتتا سىز، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سىز ۋە ھامىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغان-قاندۇرالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىغا بولغان ئېھتىياجىڭىز ھەركۈنى %15 ئاشىدۇ. ئادەتتىكى يېمەكلىك مىقدارىنىڭ 2 ھەسسىسى بولۇشى كېرەك. بەزى ئانا  بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار بەلكىم بۇرۇن يېمەك-ئىچمەك يېتەرسىز بولغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئالاھىدە تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.


پەرىشتە ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
«ئىككى كىشىلىك تاماق مىقدارى»نىڭ كۆرسىتىدىغىنى، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز بىلەن قورساقتىكى ھامىلىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەرگىز ئورۇقلاشنى ئويلىماڭ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە،  ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىز ياكى يېتەرسىز بولسا، دائىم تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش،  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۆلۈپ كېتىش، بوۋاقلارنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىغا توشماسلىقتەك ھادىسىلەر يۈز بېرىدىكەن.
 ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر ۋاقلىق غىزادا تەڭپۇڭ بولۇش تەلەپ قىلىش تەس بولۇشى مۇمكىن، ئەمما 24 سائەت ئىچىدىكى  يېمەكلىك مىقدارى تەڭپۇڭلۇقى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئىككى كىشىلىك يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز ئازراق سەمىرىيسىز، بىلەك بىلەن پۇتلاردىكى  توپلانغان ياغلارنى تۇغۇتتىن كېيىن چىقىرىۋېتىش ئاسان ئەمەس،  شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر تۆۋەن ئەخلەت يېمەكلىكلەر بولۇپ، دەل  زىيادە سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قاتىللاردۇر.



 1.  ھەر قانداق تەم كىرگۈزگۈچ

ئاق شېكەر، قارا شېكەر، شېكەر قىيامى قاتارلىقلار.
 شېكەر تەركىبى يۇقىرى بولسا، سېمىزلىكنى ئەڭ ئاسان تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ھەمدە، كۆپ مىقداردا شېكەر ماددىسىنى قوبۇل قىلسا، چىشنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ. تەم تەڭشەش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئاز مىقداردا تەبىئىي شېكەر ئىشلەتسە بولىدۇ.
2.  قەنت-گېزەك ھەم شاكىلات
قەنت-گېزەك تەركىبىدىكى خۇشپۇراق ماتېرىياللار ۋە بوياق ماددىسى، شاكىلات تەركىبىدىكى كوفئېن، ھەم شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى شېكەر ماددىسى سالامەتلىككە نىسبەتەن پايدىسىز.
ھامىلىدارلىق مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.  


3.  كولا ياكى سۈنئىي تەم تەڭشىگۈچى مېۋە شىرنىسى قوشۇلغان ئىچىملىك
ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلەنگەن خۇرۇچ تەركىبى بار بولۇپ، ھامىلىگە نىسبەتەن پايدىسىز تەسىرى بار.
ئىچىشكە بولىدىغان ئىچىملىكلەر: %100 تەبىئىي مېۋە شەربىتى، ساپ سۇ، مىنېرال سۇ ياكى بىۋاسىتە مېۋە يېيىش.
4. مېۋە كونسېرۋاسى
تەركىبىدە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى بار بولۇپ، ياخشىسى يېڭى ئۈزۈلگەن مېۋىلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىڭ.



5.  سۈنئىي قايماقلار
تەركىبىدە بوياق ماددىسى ۋە خۇرۇچلار بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئەمەس. ھەمدە ئاسانلا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، باشقا ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يېمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.

6. ماروژنى، توڭلىتىلغان مېۋە شەربەتلىرى
ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، تەركىبىدە ھەرخىل خۇرۇچلار بار، ئاز ئىستېمال قىلىڭ.
7.  تەركىبىدە شېكەر بولغان خاسىڭ قىيامى، ئىتالىيە چۆپى قىيامى، سالات قىيامى
ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، تەركىبىدە ھەرخىل خۇرۇچلار بار، ئاز ئىستېمال قىلىڭ.
ئۆزىڭىزنىڭ ئوزۇقلىنىش تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن سىرت، ئانىلار تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى  ھامىلىنىڭ ئېھتىياجى. ھەقىقەتەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سىز ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىردىنبىر تەمىنلەش پونكىتى بولۇپ، ھامىلە ئېھتىياجلىق ھەربىر ئۈلۈش ئىسسىقلىق مىقدارى، ۋېتامىن، ئاقسىل ھەممىسى ئانا قوبۇل قىلغان يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ.
ئەگەر سىز ھەر كۈندىكى قوبۇل قىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپرەكى مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات، پۇرچاق تۈردىكىلەر، خاسىڭ، بېلىق، قۇش گۆشى ھەم ياغ ماددىسى تۆۋەن بولغان سۈت مەھسۇلاتلىرى بولسا، چوقۇم ھامىلىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا نىسبەتەن بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. دانىيەنىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى بولغان بېلىق تۈردىكىلەردىن، مەسىلەن: ساردىنا بېلىقى، سالمۇن بېلىقى، سېلىد بېلىقى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە بوۋاق بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.



ئەلۋەتتە، ئۆزىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ، ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك سىزنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بىرىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەرداشلىق بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، كەيپىيات ئۆزگىرىشى ۋە ھارغىنلىقنى ئازلىتىدۇ. ئوزۇقلۇق ماددىلار ناچار بولغان ھامىلىدار ئاياللاردا قان ئازلىق، سېزىك بولۇش، پۇت قىسمىنىڭ پېيى تارتىشىش كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاسانلا يۈز بىرىدۇ.


4. ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار بىلەن چاي ۋە قەھۋە
كۈچلۈك پۇراقلىق قەھۋە، ساپ چاي پۇرىقى، كىشىلەر ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن لەززەتلىرىنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى، شۇنداقلا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ياخشى چارىسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ھامىلىدار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ياكى ھامىلىدار بولۇپ ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار دىققەت قىلىش كېرەك! ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ھەركۈنى ئىچكەن قەھۋە ياكى چاي ئۈچ ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتسە، بويىدىن ئاجراش ئېھتىماللىقىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى، چاي بىلەن قەھۋە ئىككىلىسىنىڭ تەركىبىدە كوفېئىن بار، ھەمدە كوفېئىن ھامىلە غەلىتە بولۇپ قىلىش ۋە بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كوفېئىن ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇش سۈرئىتى ۋە ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. شۇڭا، ھامىلىگە نىسبەتەن ناچار تەسىرى بار. كوفېئىن ئانا تېنىدە قان سۇيۇقلۇقىنىڭ بالىياتقۇغا كىرىش سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ھامىلىگە تەمىنلىنىدىغان قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كوفېئىن سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغانلىقتىن، ئەسلىدىنلا كىچىك تەرەت كۆپ بولىدىغان ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا تېخىمۇ كۆپ قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كالتسىينىڭ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.


دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھامىلىنىڭ جىگىرى تېخى يېتىلمىگەنلىكتىن، كوفېئىن تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار چاي، قەھۋە، كولا، كاكائو، شاكىلات قاتارلىق تەركىبىدە كوفېئىن بار يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلماسلىق كېرەك دەپ تەكلىپ بېرىدۇ.
 بىراق، كۆپلىگەن ئانا بولغۇچىلارغا ھەركۈنى چاي ياكى قەھۋە ئېچىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بولسا، بىردىنلا تاشلاش ئانچە ئوڭاي ئەمەس، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار سىزنىڭ كوفېئىن قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئازايتىشىڭىزغا ياردەم قىلغۇسى:



1. چاي ياكى قەھۋەنى ئانچە ئۇزاق دەملىمەڭ. چۈنكى، قەھۋە، چاي ياكى شاكىلاتلار قانچە قېنىق بولغانسېرى، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كوفېئىن شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
2. ئىچىملىك سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن كۆرسەتمىسىگە قاراشقا دىققەت قىلىش، مۇبادا ئىچىملىك تەركىبىدە كوفېئىن بولسا، ئىچمەسلىك كېرەك.
3. تەركىبىدە كوفېئىن بولمىغان گۈل-گىياھ چايلىرى ياكى سۇدا قاينىتىلغان كوفېئىن تۆۋەن بولغان قەھۋەنى ئىچىش ئارقىلىق ئىمكانقەدەر كوفېئىن قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. 


4. ئىمكانقەدەر سۈت، مېۋە شىرنىسى، قايناقسۇلارنى چاي، قەھۋەلەرنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش.
5. ئەگەر راستتىنلا قەھۋە ئىچمىسە بولمايدىغان بولسا، قەھۋەنىڭ قېنىقلىق دەرىجىسىنى يېرىملىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، ئاستا-ئاستا قېنىقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قېتىم سانىنى بارغانسېرى ئازايتىش تاكى تامامەن ئىچمەيدىغان بولغانغا قەدەر.
بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىمىز، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ھەرگىز كۆك چاي ئىچمەسلىك كېرەك. كۆكچاي تەركىبىدە تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر بار. راكقا قارشى تۇرۇش، ئاقارتىش، زۇكامغا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بىرخىل تەن سالامەتلىككە پايدىلىق ئىچىملىك. بىراق ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ.



چۈنكى، كۆكچاينىڭ تەركىبىدە ئۆسۈپ چىققان يېڭى قان تومۇرنى توختىدىغان تەركىب بار، ئۆزگىرىشچان تېز ئۆسىدىغان راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن بۇ چاغدا دەل بەدەننىڭ يېڭى قان تومۇرلارنى ئۆستۈرىدىغان ۋاقىت، ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆكچاي ئىچسىڭىز، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
پەرىشتە ئانا-بالا تورىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى:
ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ ئايدىن باشلاپ ئېمىتىش مەزگىلى ئاخىرلاشقىچە، كوفېئىندىن يىراق تۇرۇڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى