بالىلاردىكى پارازىت قۇرۇت كېسىلى قانداق كېسەللىك؟
يانفوندا كۆرۈش
پارازىت قۇرۇت ‹parasite› ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى باشقا بىر جانلىقنىڭ تېنىدە ئۆتكۈزىدىغان جانلىق، پارازىت مۇھىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچى پارازىتى ئىگىسى (host) دەپ ئاتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پارازىت قۇرۇتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.
پارازىت قۇرۇت كېسەللىكى بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك، بالىلارغا بولغان تەسىرى چوڭ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. پارازىت قۇرۇت كېسىلىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ناھايىتى يۇقىرى، كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە پارازىت قۇرۇت كېسىلى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە پارازىت قۇرۇت كېسىلىمۇ سەھىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1988~1992 دۆلىتىمىزنىڭ ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە : دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ پارازىت قۇرۇت بىلەن يۇقۇملىنىش ئوتتۇرىچە نىسبىتى 62.5%، بۇنىڭ ئىچىدە 0~15 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 55.3%-73.3%، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ پارازىت قۇرۇت كېسەللىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلانغان.
بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان پارازىت قۇرۇت كېسىلىدىن: مەددە قۇرت كېسىلى، تۈتۈ قۇرت كېسىلى، ئىلمەكلىك مەددە قۇرت كېسىلى، تاسما قۇرت كېسىلى، ئۆپكە شورىغۇچى قۇرت كېسىلى، گىئاردىيە قۇرت كېسىلى قاتارلىقلار بار.