ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 4- ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 4- ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 661 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ھامىلىدارلىق ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش

بۇ ۋاقىتتا تۈرەلمە ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا، ئانىنىڭ تېنىدىكى ھورمۇن سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كۆپ قىسىم ئاياللار ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغان بولمىغانلىقىنى سېزەلمەيدۇ. ئانا بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرىۋاتقان ئاياللار، ياكى باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىغان ئاياللار، ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى لازىمدۇر.


2. ھەر قانداق زىيانلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش زۆرۈر
چۈنكى كۆپ قىسىم ئاياللار ھامىلىدار بولغان بولمىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، چوقۇم بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشى لازىم. مۇبادا ھامىلىدار بولۇپ قالغاندەك ئالامەتلەرنى بايقىسا، ھەرگىزمۇ قالايمىقان دورا ئىچمەسلىكى، X نۇرىدا تەكشۈرتمەسلىكى، قاتتىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىقى كېرەك.
3. ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم
كۆپ خىل ئېلېمېنتلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشى، بولۇپمۇ زۆرۈر بولغان مېكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلىشى لازىم. ئامال بار يېڭى تەبىئىي ساپ يېشىل يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشى، تەركىبىدە پىگمېنت، خۇرۇچ، ئېچىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ۋە قەھۋە تەركىبى بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

4. ئاكتىپ روھىي كەيپىيات ۋە ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىشى لازىم
زېرىكىشلىك كەيپىياتتىن قۇتۇلۇپ، ئازادە روھىي كەيپىياتنى ساقلاش بوۋىقىڭىزنىڭ ساغلام يېتىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنى ئەڭ ئىللىق مۇھىتقا قويۇپ، ئەتراپىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ مۇھىتتىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم، بۇ نۇقتىغا يولدىشى بولغان ئەرلەر شارائىت يارىتىپ بېرىشكە دىققەت قىلىشى زۆرۈر. ئۆزىڭىزمۇ روھىي كەيپىياتىڭىزنىڭ ئاكتىپ، جۇشقۇن بولۇشىنى ساقلىغان ئاساستا، يۇمۇرلۇق تىللارنى ئىشلىتىپ، كۆپرەك گۈزەل نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، باشقا ھامىلىدار ئاياللار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جىددىيلىشىشتەك پىسىخىكىلىق توسالغۇنى يېڭىشىڭىز لازىم. ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئازادە روھىي ھالىتىڭىز بوۋىقىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
5. تۆرەلمىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىق ماددىلاردىن يىراق تۇرۇڭ
مۇبادا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چەككەن بولسا، ھاراق ئىچكەن بولسا، قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلغان بولسا، ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بىر قەدەر ئېغىر بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان بولسا (يەلتاشما كېسىلى دېگەندەك) ياكى مەلۇم سەۋەبلەردىن ئوكسىگېن كەملىك ياكى زەھەرلىنىش دېگەندەك ئامىللارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسا، تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى غەيرى بولۇپ قالىدىغان ياكى يېتىلىشى نورمال بولمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىشى، تاماكا، ھاراقتىن قول ئۈزۈشى كېرەك.
6.بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن جىنسىي تۇرمۇشنى چەكلەش كېرەك
بۇ مەزگىلدە ئەر-ئايال بىللە بولغاندا، بالىياتقۇ تەۋرىنىشكە ئۇچراپ، بالا ھەمرىيىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشى مۇمكىن. ۋەياكى مېكروبتىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرى كۆرۈلۈپ، سالامەتلىكىڭىز ۋە بوۋىقىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، دادا بولغۇچىلار ئۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى