ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار قانداق ئەھۋالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك؟

ھامىلىدار ئاياللار قانداق ئەھۋالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 664 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللار تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى لازىم:
1. ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتى بىلەن بۇ قېتىملىق تۇغۇتىنىڭ ئارىلىقى 2 يىلغا يەتمىسە؛
2. يېشى 20 ياشتىن تۆۋەن ياكى 35 ياشتىن يۇقىرى بولسا؛
3. ئىلگىرى بەدەن ئېغىرلىقى 2 كىلوگرامغا توشمايدىغان بالا تۇغۇش تارىخى بولسا؛
4. تۇغۇتى قىيىن بولغان ياكى بالىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغقان بولسا؛
5. ئىلگىرى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن بولسا ياكى ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇپ قويغان بولسا؛
6. بالا قورساقتا ئۆلۈپ قالغان ياكى ئۈلۈك چۈشكەن بولسا؛
7. ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 38 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولسا؛
8. بويىنىڭ ئېگىزلىكى 145 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولسا؛
ئەگەر ھامىلىدار ئاياللاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئانىدا ياكى ھامىلىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.
1. جىنسىي يولدىن قان كەلسە؛
2. بېشى قاتتىق ئاغرىسا(بۇ يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالامىتى)؛
3. داۋاملىق قورسىقى ئاغرىسا؛
4. قاتتىق قۇسسا؛
5. ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كەتسە ياكى مىدىرلىمىسا؛
ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىرلىقىنىڭ ئىشىشى ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولسىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك. ئادەتتە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئېغىرلىقى كەم دېگەندە 10 كىلوگرام ئاشىدۇ؛ چىرايى سارغىيىش، قول-پۇت، يۈزلىرى بىنورمال ئىششىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرمۇ ۋاقتىدا دوختۇرغا  تەكشۈرتۈشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى