ھامىلىدارلىقنىڭ 39-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2015-07-12
ئاۋاتلىقى: 693 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە ئاللىقاچان بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشقا تەييارلىق قىلىپ بولدى. ھامىلىنىڭ بەدىنىدىكى ماي قەۋىتى بارغانچە قېلىنلاۋاتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بوۋىقىڭىز ھازىر ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 51سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 3. 2 كىلوگرام) ئوغۇللار قىزلاردىن ئازراق ئېغىر كېلىدۇ( ئەتراپىدا كېلىدۇ. بوۋىقىڭىزنىڭ ئەزالىرى ئاللىقاچان تولۇق يېتىلىپ بولغان بولۇپ ھەممىسى تەييار ھالەتتە تۇرىدۇ. ھامىلىنىڭ سىرتقى قەۋەتتىكى تېرىسى چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئاستىدىكى يېڭى تېرە ئالىدۇ.