ھامىلىدارلىقنىڭ 37-ھەپتىسىدىكى ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتمىسى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىق -37ھەپتىسى، بۇ باسقۇچتا ھامىلىدار ئاياللار بىر قىسىم ئىنچىكە پىششىقلانغان، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇقى مول، پايدىلىق تەركىبى كۆپ بولغان سەي كۆكتاتلارنى يەپ تۇغۇتنىڭ ئالدىدا ئېنېرگىيە توپلىشى كېرەك. يەنە قەۋزىيەت ۋە سۇلۇق ئىششىقلارغىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئوزۇقلۇق پىرىنسىپى: ئاز يېيىش غىزالىنىش سانى كۆپ بولۇش. تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقانچە، تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغان كۆكتات )پالەك، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، كەرەپشە، لامنارىيە، قارا قېرىنقۇلاق( ۋە يېڭى مېۋە -چىۋىلەردىن كۆپ يېيىش كېرەك.
ھامىلىدارلىقنىڭ -37ھەپتىسىدە نېمىنى كۆپ يەپ بەرسە ياخشى: ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق مىقداردا گۆش تۈرىدىكى ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ.