ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق ۋاقتىدىكى ساقلىقنى ساقلاشتا مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش

ھامىلىدارلىق ۋاقتىدىكى ساقلىقنى ساقلاشتا مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش

ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 658 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىق ۋاقتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇش. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ ؟
ھامىلىدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلىپىدىكى 3 ئاي ھامىلىدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى دېيىلىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولسا بالا چۈشۈپ كېتىشتىن ھەم غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش. بۇ مەزگىلدە قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك، رادىئاتسىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارماسلىق كېرەك. خىمىيۋى ئوغۇتقا ئوخشاش زەھىرى بار ماددىلار بىلەن ئۇچراشماسلىق، ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. دەل ۋاقتىدا ئىچ كىيىملەرنى قوشۇپ، رېماتىزىم، يەلتاشما، بوغۇز ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ھامىلىدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئېغىر، جىددى ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ۋە جىنسىي ئالاقە ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ ھېرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر قورساق ئاغرىش، جىنسىي يولدىن قان چىقىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرسە دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.


ھامىلىدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلى: يەنى ھامىلىدارلىقنىڭ 4~7-ئايلىرى بولۇپ بۇ مەزگىلدە،ساقلىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم نۇقتا يېتەرلىك بولغان ئاقسىل، مېنرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى قوبۇل قىلىش، شۇنداقلا يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىل، يېڭى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇشىغا ۋە ھامىلە تەۋرىنىشىگە دىققەت قىلىشتۇر. بۇ مەزگىلدە ۋاقتىدا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.



ھامىلىدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلى: ھامىلىدارلىقنىڭ 8~10-ئايلىرى، نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللاردىكى كېسەللىكلەر مۇشۇ ۋاقىتا يۈز بېرىپ ، تەرەققىي قىلىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىت ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن بىر ئاۋارىچىلىق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم يىغىندا ئالامىتى، بالا ھەمرىيىنىڭ تۆۋەنگە ئورناپ قىلىشى ۋە بالا ھەمرىيى بالدۇر ئاجراپ كېتىش ھامىلىدار ئايال ۋە تۆرەلمىنىڭ  سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانلىق، ھامىلىدار ئايال قەرەرلىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش لازىم. ھامىلىدارلىقنىڭ 7-8 ئايلىرى، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم، 9-ئېيىدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈش كېرەك. بۇ تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى ئالدىن بايقاپ، دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كېسەلنىڭ تېخىمۇ بەك تەرەققىي قىلىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈندۇر. ھامىلىدار ئايالمۇ ئۆزىنى قوغداشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، ھامىلىنىڭ مىدىرلىغان سانىنى خاتىرىلەش، جىنسىي يولدىن سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىققان-چىقمىغانلىقى دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش، توغرا كۆزىتىشنى ئۆگىنىپ، بىنورمال ئەھۋاللار بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى