ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ھامىلىگە بولغان تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ھامىلىگە بولغان تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 820 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش، ھامىلىدارلىقنىڭ ئىنكاسىنى كۈچەيتىۋېتىپ، ئاي ـ كۈنى توشماي تۇغۇش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش، تۇغۇتتىن كىيىن قان كېلىش ۋە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلە، بوۋاققا بولغان تەسىرى بولسا بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ئۆلۈك ھامىلە كۆپ بولىدۇ. ئوڭۇشلۇق تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ، بوۋاق مەزگىلىدە بەزى ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەقلىي ـ ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى نورمال تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تۇغقان بالىسىغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ.
ھامىلىدار بولغاندىن كىيىن جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ھامىلىدارغا نىسبەتەن، ئالىملار كۆپىنچە ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھامىلىدارلىقنى داۋام قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، پەقەت ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ياخشى ماسلاشسىلا، كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. پەقەت بىر قىسىم كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بىمارلار ناۋادا ھامىلىدارلىقنى داۋاملاشتۇرسا، جىگەرنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ.


ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا، كۆپ مىقداردا ۋىتامىن، ئېنېرگىيە تولۇقلايدىغان دورىلار بىلەن جىگەرنى ئاسرىغاندىن سىرت، جۇڭيى دورىسى ئارقىلىقمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە، قاننىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە قان ئازلىق كېسىلىدىن ساقلىنىش، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئارتېرىيە يېرىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.



تۇغۇتتىن كىيىن دەرھال بالىنى يۇيۇندۇرۇش، ئانا تېنىدىكى قان ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىسىدىكى مىكروبنىڭ بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا ۋە بۇزۇلغان تېرە بوشلۇقىغا كىرىۋېلىشىدىن  ساقلىنىش ھەم ئايرىش تەدبىرىنى قوللىنىش لازىم.  بوۋاقنى ئانىدىن ئايرىپ ساقلاش، ئىمكانقەدەر سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش كېرەك.
تۇغۇلۇپ 24  سائەت ئىچىدە، بىر ئايلىق ۋە ئالتە ئايلىق ۋاقتىدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋاكسىنىسىدىن  20ml ئۇرغۇزۇپ، جىگەر ياللۇغىنىڭ ئانا بالا ئوتتۇرىسىدا  تىك لىنىيەلىك تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ناۋادا B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىننى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى