ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتمىسۇن!

بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتمىسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-09 ئاۋاتلىقى: 760 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دەم ئېلىش كۈنى دوستۇم بىر نەچچىمىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. دوستۇمنىڭ ئۆيىدە توققۇز ياشقا كىرگەن ئوغلى تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ئىكەن. ئالاھازەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئۇ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپ: «ئاپا، يان تېلېفونىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭ، ئويۇن ئوينايمەن.» دېۋىدى، دوستۇم دەرھال ئۇنىڭغا يان تېلېفونىنى ئۇزاتتى. بىرەر سائەتتىن كېيىن بالا ئۇنىڭدىنمۇ زېرىكتى بولغاي، ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. قارىسام، ئۇ كومپيۇتېرنى ئېچىپ، كارتون فىلىم كۆرۈشكە باشلاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ: كۆزۈڭ ئاغرىمىدىمۇ؟ سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ، ھاۋا يەپ كىرسەڭ بولمامدۇ؟ دېسەم، «سىرتتا ئوينايدىغان نەرسىلەرنىڭ تايىنى يوق، يا تۈزۈك دوستلىرىم بولمىسا، سوغۇقتا خۇشياقمايدىكەن.» دېدى. بالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مېھمانخانا ئۆيىگە يېنىپ چىقتىم-دە، دوستۇمغا: ئاداش، بالاڭغا گەپ قىلساڭ بولمامدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلارغا قاراۋېرىپ، كۆزى كاردىن چىقمىسۇن-يەنە؟! دېسەم، دوستۇم: دەرس نەتىجىسىگە تەسىر يەتمىسىلا بولىدىغۇ، بەرىبىر بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇۋالسىمۇ، گېپىمىز گەپ بولمايدىكەن، دېدى.

13 ياشلىق ئارزۇگۈل مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 15 كۈن ئىلگىرى تاغىسى ئۇنىڭغا تورغا چىققىلى بولىدىغان يان تېلېفوندىن بىرنى سوۋغا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئارزۇگۈل يان تېلېفوندا ھېكايە فىلىم كۆرۈشكە قىزىقىپ قالدى. ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپلا ھۇجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ، يان تېلېفوندا ھېكايە فىلىم كۆرەتتى. دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ سائەت-سائەتلەپ ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشەتتى. 15 كۈندىن كېيىن، مەكتەپتە سالامەتلىك تەكشۈرگەندە، ئارزۇگۈلنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىدىكى 1.5 تىن بىراقلا 0.4 كە چۈشۈپ قالدى. ئاپىسى دەرھال ئۇنى كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغاندا، دوختۇر ئۇنىڭغا: «بالىڭىز ئۇزاق مۇددەت كۆزىنى ئارام ئالدۇرماي، بەك چارچىتىۋەتكەچكە، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ.» دېدى.


 

ھازىر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس قىسمىغا ئايلاندى. بەزىلەر، بولۇپمۇ كۆپ سانلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر بۇ نەرسىلەرگە شۇنچىلىك بېرىلدىكى، تېلېۋىزور، تور، يان تېلېفون ئويۇنى قاتارلىقلارغا مەستانە بولۇپ، دەم ئېلىش، تاماق، ئۇيقۇنىمۇ ئۇنتۇدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بالىلارنىڭ سىرتتىكى پائالىيەتلىرى ئازايدى، كىچىك تۇرۇپلا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ، يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆزەينەكلەرنى تاقايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپى شەكىللەندى. بالىلار تېلېۋىزور، تور، يان تېلېفوننى «دوست» قىلىۋالغاچقا، ھازىرقى بالىلار دوستلىشىش، بىللە ئويناش دېگەندەك ئەل – ئاغىنىدارچىلىق مۇناسىۋەتكىمۇ ئېتىبارسىز قارايدىغان بولدى. بۇنداق ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە.

كوللېكتىپ پائالىيەت بالىلارنىڭ روھىي ئوزۇقى، بالىلارنىڭ جەمئىيەتنى چۈشىنىشى ۋە ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل. بالىلار زىيادە تېلېۋىزور كۆرگەن، كومپيۇتېرغا قادالغاننىڭ ئورنىغا سىرتقا چىقىپ قۇياش نۇرىدىن بەھر ئالسا، تەڭتۇشلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئوينىسا، روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق بولاتتى. ئاتا- ئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ رىتىملىق تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەيلى، بالىلار كۈن نۇرىنى كۆپرەك كۆرسۇن، كۆرۈش قۇۋۋىتى بالدۇرلا ئاجىزلاشمىسۇن!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى