ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوزۇقلۇقنىمۇ قالايمىغان تولۇقلاشقا بولمايدۇ

ئوزۇقلۇقنىمۇ قالايمىغان تولۇقلاشقا بولمايدۇ

ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 837 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاياللار بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق تولۇقلىغاندا، يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭشىلىشى، باشلىنىش ۋاقتى، ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە مىقدارى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ. 
سېمىز، ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ياخشى بولغانلار ئادەتتە ئوزۇقلۇقنى بەك كۆپەيىتمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئاقسىل، ۋېتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى ئاز بولسا بولمايدۇ، پەقەت ياغ ۋە قەنت مىقدارى ئاز بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. بەدەن ساپاسى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ئادەتتىكىدەك ئاياللار، ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئالدىن يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشنى باشلاش كېرەك، ھەركۈنى يېتەرلىك مىقداردىكى ئاقسىل، ۋېتامىن، مىنېرال ماددىلار، مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى ياغ بولۇشى كېرەك، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى. 


بىر قەدەر ئورۇق، ئوزۇقلۇق ئەھۋالى بىر قەدەر ناچارلار ئۈچۈن ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش تېخىمۇ مۇھىم، ئەڭ ياخشىسى بىر يىل بۇرۇن دىققەت قىلىشنى باشلاش كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتەرلىك بولۇشتىن سىرت يەنە ئوزۇقلۇقنىڭ ئەتراپلىق بولۇشى، تاماق تاللىمايدىغان بولۇش، ھەممىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش، تاماق ئېتىش تېخنىكىسىغا ئەھمىيەت بېرىش، تەمنى ئاستا-ئاستا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ئەڭ ياخشى ھالەتكە يەتسىلا بولدى. سۈپەتلىك ئاقسىل دېگىنىمىز ئاسان سۈمۈرۈلۈپ، ھەزىم بولىدىغان ئاقسىلنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن توخۇ، ئۆردەك، بېلىق، ئورۇق گۆش، راك، تۇخۇم، دۇفۇ ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ۋېتامىن A، D ،C، B نى ئاساس قىلىدۇ، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بىر قەدەر مول، بۇنىڭ ئىچىدە كالىتسىي، تۆمۈر، فوسفور، سىنىك ۋە تۇزلار بىر قەدەر مۇھىم. 
كالىتسىي ۋە فوسفور ھامىلىنىڭ سۆڭەك ۋە چىشىنىڭ يېتىلىشىگە، تۆمۈر قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا، سىنىك ۋە تۇزلار ھامىلىنىڭ ئەقلىي-ئىقتىدارى يېتىلىشىگە ۋە غەيرى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. كالا سۈتى، تۇخۇم، شورپا ۋە ھايۋاناتنىڭ جىگىرى، راك تېرىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىلدىكى ماددىلاردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇۋاپىق مىقداردا ياغ ئىستېمال قىلىش، ياغدا ئېرىيدىغان ۋېتامىننىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ھەزىم قىلىنىشىغا پايدىلىق. 


يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئونىۋېرسال بولغىنى ياخشى
ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوزۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ھامىلىدار بولۇش ئالدىدىكى ئاياللار ئىمكانقەدەر يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا دىققەت قىلىشى، تاماق تاللىماسلىقى، تاماقتىن پەرھىز تۇتماسلىق كېرەك،  شۇنداقلا ئوزۇقلۇقنىڭ ئەتراپلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 
سۈپەتلىك تۇغۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھامىلىدار ئايالنىڭ ئوزۇقلۇقى يېتىشمىگەندە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنىڭ كەمچىللىكى ياكى ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈپەتلىك تۇغۇشقا پايدىسىز بولىدۇ. 
ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىشى لازىم، زۆرۈر بولغاندا دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسىمۇ بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئادەتتە بەدەندە ساقلىنىش مىقدارى ئاز بولغان ئېلېمېنتلارنى تەڭشەش مەقسىتىگە يېتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن بەدىنىدە تۆمۈر كەم بولسا، كالا گۆشى، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، يېشىل كۆكتات، قۇرۇق ئۈزۈم (كىشمىش) قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. كالىتسىي كەم بولسا راك تېرىسى، سۈت ۋە دۇفۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇفۇ، تۇخۇم، ئورۇق گۆش ۋە بېلىق قاتارلىق ئاقسىل ۋە ۋېتامىننىڭ مىقدارى كۆپ بولغان يېمەكلىكنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قوغۇن-تاۋۇز ۋە يېڭى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن كۆپ بولىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ھەرقايسى ئائىلە، رايون ۋە پەسىلنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن كۈنلۈك تاماقنى ئىلمىي تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ھەزىم قىلىش ۋە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە دەخلى قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن تاماق يېمەسلىك. ئامال بار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، مەسىلەن توپانلىق گۈرۈچ، بۇغداي مەھسۇلاتلىرى، قاتارلىقلار ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 
ھەر كۈنلۈك ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېيىش مىتابولىزمنى ياخشىلاپ، قان تومۇر ۋە ئىممونىتېت سىستېمىسىنىڭ رولىنى ساقلايدۇ، مەسىلەن دانلىق زىرائەت، مېۋە-چېۋە ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى