ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئارقىلىق ئالاھىدە ئۆتكۈر بالىلارنى يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟

ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئارقىلىق ئالاھىدە ئۆتكۈر بالىلارنى يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-26 ئاۋاتلىقى: 708 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئارقىلىق ئالاھىدە ئۆتكۈر بالىلارنى يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟

مۇزات ئۈچ يېشىدا مۇزىكا چېلىشنى ئۆگىنىپ، تۆت يېشىدا مۇزىكا ئىجاد قىلغان؛ كيۇرى خانىم تۆت يېشىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇغان؛ مايۇيۇ بەش يېشىدا باس ئىسكىرىپكا كونسېرتىغا قاتناشقان، سەككىز يېشىدا داڭلىق سەنئەتكار بونستان بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇزىكا كونسېرتى ئۆتكۈزگەن. كۆپلىگەن تالانتلىق كىشىلەر كىچىكىدىلا مۇشۇنداق ئالاھىدە  ئۆتكۈر بالىلار ئىدى، لېكىن ئىدېسوننىڭ كىچىك چىغىدا ئەقلىي ئىقتىدارى  ئادەتتىكى بالىلارغا يەتمەيتتى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن كيۇرى خانىمغا ئوخشاش كىچىك چېغىدىلا پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈرلەر يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ تالانتى كېيىنكى كۈنلەردە ئاستا-ئاستا يېتىلگەن.
بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى  بالدۇر  تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە غەرب ئەللىرىدە  نەچچە ئون يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق  قاراشتىكىلەر بولغان: بىرى، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەربىيەلەش ئارقىلىق، تالانتلىقلار ئالاھىدە تەربىيە ئارقىلىق يېتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، تالانتلىقلارنىڭ يېتىلىشى تەبىئىي بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە زورۇقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بالىلارغا «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» تەك مۇئامىلە قىلىش ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى ئۈچۈن، ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، داڭلىق چېچەن بالا –– sidis William ئەمدىلا 11 يېشىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، بىر مەھەل زىلزىلە پەيدا قىلغان. لېكىن ئۇ ناھايىتى تېزلا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق چارچاپ، كوچىلاردا ئاپتوبۇس بېلىتى يىغىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ھېكايىسى كىشىلەردىكى «بالدۇر ئېچىلغان غۇنچە بالدۇر توزۇيدۇ، پەۋقۇلئاددە چېچەن بولۇش ياخشى ئەمەس.» دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشنى كۈچەيتىۋەتكەن.



ئادەتتىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلەمدۇ؟ بۇ جەھەتتە، ئامېرىكىدا  يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تەتقىقات ۋە سىناق ئېلىپ بېرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە Doman Glenn  تەسىرى بار  مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ قارىشى مۇنداق: بالىلار مېڭىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئالتە ياشقا كىرگەندە تېز تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەقلىي تەرەققىيات بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ  يېتىلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.   بالىلارنىڭ ئالتە ياش ۋاقتى ئۇلارنىڭ  ئەقلىي ئىقتىدارىنى  تەرەققىي قىلدۇرۇشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مەزگىل، ئەگەر بۇ مەزگىلگە ئەھمىيەت بېرىلمىسە، بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارىنى  تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، مائارىپچى Washburne Carleton  تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئالتە ياشلىق مەزگىلىنىڭ كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، ئالتە ياشتا كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلغان بالىلار بىلەن ئۇنىڭدىن بالدۇر كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلغان بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىدا پەرق بولمىغان، كىتاب ئوقۇشنى بالدۇر مەشىق قىلغان بالىلارغا قارىغاندا كىتاب ئوقۇشنى  كېيىن باشلىغان بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. يەنە بىر تەتقىقاتقا قارىغاندا، بەش ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش مەشىقى قىلغان بالىلار يەتتە ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلغان بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.



تافتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى Wolf Maryanne بۇ توغرىسىدا  قالتىس چۈشەنچە بەرگەن: كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىنىڭ مۇرەككەپ ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، تىل ۋە ئۇقۇم شەكىللەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىقتىدارلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى  «يىلىك قىنىنىڭ شەكىللىنىشى»گە تايىنىلىدۇ، ئادەمنىڭ «يىلىك قېنىنىڭ شەكىللىنىش» سۈرئىتى پەرقلىق بولىدۇ، ھالقىلىق ئورۇندىكى «يىلىك قېنىنىڭ شەكىللىنىشى»، ئادەتتە، بەش ياشتىن يەتتە ياشقىچە تاماملىنىدۇ، ئوغۇللارنىڭ سەل كېيىنرەك بولىدۇ.
MaryanneWolf يەنە مۇنداق دېگەن: ئاۋسترىيەدە بالىلار يەتتە ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ھەرپلەرنى يېزىشنى مەشىق قىلمايدۇ، كىتاب ئوقۇمايدۇ، ياپونىيە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى بالدۇر يېتىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بىراق ئوتتۇرىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش كۆرسەتكۈچىگە قارىساق، ئاۋىستىرىيەدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ياپونىيىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى