ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەتىيازدا بوۋىقىڭىزنى ئاپتاپسىندۇرغاندا ...

ئەتىيازدا بوۋىقىڭىزنى ئاپتاپسىندۇرغاندا ...

ۋاقتى: 2016-02-26 ئاۋاتلىقى: 458 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئەتىياز كېلىشى بىلەن  ئاتا – ئانىلار بوۋىقىنى ئاپتاپسىندۇرۇشقا ئالدىرايدۇ، بوۋاقلار ئاپتاپسىندۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ كالتسىي تولۇقلىشىغا پايدىلىق. لېكىن نۇرغۇن بوۋاق ئاپتاپسىندۇرۇلۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن، بۇرنى قىچىشىدىغان، چۈشكۈرۈدىغان، كۆزى قىزىرىپ قالىدىغان، كۆزى، تېرىسى قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەنجىڭ شەھەرلىك ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تېرە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما شياۋلىڭ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ئەتىيازدا تېرىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيەسى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئەتىياز ئاپتىپى ياز ئاپتىپىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بوۋاقلىرىنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا بوۋاق تېرىسىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى، ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتىنىڭ يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
بوۋاقلار تېرىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتىنى يېرىم سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، بالىغا نەملەشتۈرگۈچى دورىسى سۈرتۈپ قويۇش،  ئاندىن كۆپرەك ئۇسسۇلۇق بېرىش، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يۈز مېيى سۈرتۈپ قويۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى