ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلار ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى

بالىلار ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى

ۋاقتى: 2014-05-06 ئاۋاتلىقى: 656 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلار ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى

1) ئىچى سۈرۈش، چوڭ تەرەت بىر كۈندە 10~5 قېتىمغىچە بولىدۇ،تەرەت تەركىبىدە سۇ ۋە سۈت بولىدۇ، ھەم سېسىق پۇراق چىقىدۇ.
2)كىچىك بالىنىڭ تامىقى ئازلاپ، قورسىقى كۆپۈپ كېتىش، قورسىقى غولدۇرلاش، بەزىدە قۇسۇش،  بىراق روھىي- كەيپىياتى ياخشى بولۇش.
3) بەزىدە قورسىقى ئاغرىش، يىغلاپ غەلۋە قىلىش.

كىچىك بالىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار بولغاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟

يېمەكلىك مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان ھەزىم قىلىش ناچارلىقنى يېمەكلىكنى تەڭشەش ئارقىلىق تۈزىتىمىز. تاماق يېيىش ئادىتى توغرا ئەمەس كىشىلەر ئۇنى تۈزىتىشى كېرەك. ئېغىر بولغانلار 8 سائەت تاماقتىن پەرھىز تۇتقاندىن كىيىن، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كالا سۈتى بېرىشى كېرەك. 3 كۈندىن كىيىن تاماقنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.

ئوزۇقلۇقلارنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىشى، بىر قېتىمدا ئاچكۆزلۈك قىلىپ كۆپ يەۋالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئاشقازان، ئۈچەي يولىنىڭ سىرتىدا يۇقۇملىنىش بولۇپ قالسا، ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك، جىسمانىي جەھەتتىكى ئىچ سۈرۈش بولۇپ قالسا، مەسىلەن، راخت كېسىلى، ھۆل تەمرەتكە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتەك ئەھۋاللار بولسا، ۋاقتىدا ئەسلىدىكى كېسەلنى ئىنىقلاپ چىقىش كېرەك.

بىمارلار چوڭ تەرەتتىن كىيىن ئىللىق سۇ بىلەن ساغرا قىسمىنى يۇيىۋەتكەندىن كىيىن ، سىرتىغا پىشىپ بولغان يېمەكلىك مېيىنى سۈركەش ئارقىلىق ساغرىسى قىزىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى