ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىشتا تۇغۇش ئالدىدىكى ئانىلار تۆۋەندىكىلەرنى تەييارلىشى لازىم

قىشتا تۇغۇش ئالدىدىكى ئانىلار تۆۋەندىكىلەرنى تەييارلىشى لازىم

ۋاقتى: 2013-03-28 ئاۋاتلىقى: 525 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقنىڭ كىيىم-كېچىكى ـــــ ئىچ كىيىم، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان، سۇ سۈمۈرۈشچان، يۇمشاق، ئالدى ئوچۇق تۇتاش كىيىم. (ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن كەم بولغاندىمۇ ئۈچ قۇر تەييارلاش لازىم.) سۈپەتلىك پايپاقتىن بىر قانچە جۈپ، تاش كىيىم (پاختىلىق ياكى يۇڭلۇق ئىشتان-چاپان) قاتارلىقلار. دوختۇرخانىدىن چىققاندا بوۋاقنى ياخشى ئوراش، ئەڭ ياخشىسى پوسمىلىق يۆگەك ئىشلىتىش، بوۋاقنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا چوقۇم پوسما كىيدۈرۈش، پوسما يۇمشاق ۋە ئىسسىق ساقلايدىغان بولۇشى لازىم. 
قەغەز زاكا، ھۆل قەغەر ــــــ ئىككى بولاق كىچىك نومۇرلۇق قەغەز زاكا (كۆپ ئېلىۋەتمەسلىك كېرەك)، سۈيدۈك لاتىسى، سۈيدۈك لاتىسى ئورالما قېپى، ھۆل قەغەر.
كارىۋات بۇيۇملىرى ــــــ بەزى دوختۇرخانىلاردا بوۋاقنىڭ كارىۋات بويۇملىرى تەمىنلەنمىگەنلىكتىن ئۆزى تەييارلاشقا توغرا كېلىدۇ. تەييارلىنىدىغان بويۇملار ئاساسلىقى كىچىك پاختىلىق يوتقان، كۆرپە، پالاس، سۈيدۈك توسۇش كىرلىكى، كىرلىك قاتارلىقلار.
يۇيۇش بويۇملىرى ــــــ ساپ پاختىدىن ئىشلەنگەن سۈپەتلىك لۆڭگە، مۇنچا لۆڭگىسى، مەخسۇس چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى، تازىلىق قەغىزى، يۇيۇنۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بۇلۇت، تىرناق ئالغۇچ، تېرە ئاسراش بويۇملىرى، داس، تېرمومېتىر، مەخسۇس ئىشلەنگەن سوپۇن پاراشوكى، چوڭ باشلىق پەلكۈچ قاتارلىقلار.
ئېمىزگە بوتۇلكا ـــــ چوڭ-كىچىكلىكى، شىكالىسى ھەر خىل بولغانلىرىنى تاللاپ ئىشلەتكەندە ئىنتايىن قولايلىق بولىدۇ. (ئېمىزگىگە مۇۋاپىق تۆشۈك تېشىپ قويۇش، ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.) ئۇندىن باشقا بوتۇلكا چوتكىسى، سۈت پاراشوكى قاتارلىقلار. بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. 

يۇمشاق كىچىك قوشۇق، كىچىك قاچا ـــــ قوشۇقنىڭ بېشى يۇمشاق بولغاندا بوۋاقنىڭ ئېغىزىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بوۋاق ئېيىغا توشۇشقا ئاز قالغاندا كالتسىي تولۇقلاشقا توغرا كەلسە، كىچىك قاچا كېرەك بولىدۇ.
بوۋاقلار ئويۇنچۇقى، بوۋاقلار ھارۋىسى، بوۋاقلار كارىۋېتى ـــــ بۇلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىمكانقەدەر سۈپىتى ئەڭ ياخشى ماركىلارنى تاللاش، ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىلا تەييارلاپ قويۇش لازىم.
ئانىنىڭ تەييارلىقى ـــــ كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى، مەسىلەن، ھەيز قەغىزى قاتارلىقلار؛ سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىسسىق ساقلايدىغان، كىيىپ-سېلىش ئاسان كىيىملەردىن كۆپرەك تەييارلاش كېرەك. كىيىملەر ئىمكانقەدەر ئالدىدىن ئېتىلىدىغان بولۇشى، دوختۇرخانىدىن چىققاندا كىيىدىغان پوسما، شارپا قاتارلىقلار كەم بولماسلىقى، پار بولمىسا توك پار، گىرىلكا قاتارلىقلار بىلەن ئىسسىق ساقلاش لازىم.
يۇقارقى تەييارلىقلار ياخشى قىلىنسا، ئانا بولۇش ئالدىدىكىلەر قىش پەسلىدىن قورقمىسىمۇ بولىدۇ. دوختۇرخانىلاردا ئادەتتە پار بولغانلىقتىن زىيادە ئورۇنىۋېلىش ھاجەتسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى