ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىگە قەدەم قويدۇم، يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ئەمدى ئىستېمال قىلسام ئۈلگۈرەلەمدىم؟
ۋاقتى: 2016-06-27
ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولماقچى بولغانلار يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.
يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى تۆرەلمە شەكىللىنىش جەريانىنىڭ دەسلىپىدە ھامىلىنىڭ نىرۋا سىستېمىسى يېتىلىشى ئىنتايىن تېز بولىدۇ؛ ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى يەنى 3-ھەپتىدىن 6-ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىت دەل ھامىلىنىڭ مەركىزى نىرۋا سىستېمىسى يېتىلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىل، بىراق يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىمىغانلىق بىلەنلا يوپۇرماق كىسلاتاسى كەم بولۇپ قېلىشى ناتايىن. ئارتۇقچە ئەنسىرىمەي، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا تولۇقلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە.