ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نېمە سەۋەبتىن بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ؟

نېمە سەۋەبتىن بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-04-07 ئاۋاتلىقى: 497 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان تۇخۇم تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئوتۇرا قىسمىدا ئىسپىرما بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن بۇ ھۈجەيرە دەسلەپكى بۆلۈنۈش باسقۇچىدا ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئىچىدىكى يۇمشاق تىۋىتچىلەرنىڭ تەۋرىنىشى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ لۆمۈلدەپ ھەرىكەت قىلدۇرۇشى بىلەن يۆتكىلىپ بالىياتقۇغا كېلىدۇ ۋە شۇ يەردە بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىدۇ. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى بالىياتقۇغا كېلەلمەي، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا جايلىشىپ قالغان ۋە شۇ يەردە تەرەققى قىلغان بولسا بۇ بالىياتقۇسىرتىدا ھامىلدار بولۇش دەپ ئاتىلىدۇ. 



كېسەللىك ئالامەتلىرى:
1-ھەيز توختاپ مەلۇم كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن (يەنى نورمال ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىدىن مەلۇم كۈنلەر ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن) جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىدۇ. ياكى ھەيز توختىغانلىق ئالامىتى ئېنىق بىلىنمەستىنلا تەرتىپسىز قان كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2-تۆۋەنكى قوساق قىسمى قاتتىق ئاغرىيدۇ. بالىياتقۇدىن باشقا ئورۇنغا جايلاشقان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى شۇ يەردە تەرەققى قىلىپ دەسلەپكى ھامىلىگە ئايلىنىدۇ ۋە يوغىناشقا باشلايدۇ ۋە مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلىپ كېتىپ تۆۋەنكى قوساق قاتتىق ئاغرىش، چىرايى سارغىيىش، يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىش ۋە ھۇشسىزلىنىش قاتارلىق شوك بولۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ب تىپلىق ئاپاراتتا تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ ئازراق يوغىنايدۇ ئەمما بالىياتقۇ ئىچىدە ھامىلە خالتىسى، ھامىلە تەنچىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ۋە بىر تەرەپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بار ئورۇندا مونەكچە شەكىللىنىپ بەزىدە ھەتتا ھامىلىنى كۆرگىلى بولۇشى مۇمكىن.
كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر:
1-تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ياللۇغلىنىش: بۇ ئەڭ ئاساسى سەۋەبتۇر. ياللۇغلانغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئىششىغان ۋە شۇ ئەتراپتىكى توقۇملىلارنىڭ شەكلىدە بۇزۇۇش كۆرۈلگەنلىكتىن ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى بالىياتقۇغا نورمال يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ.
2-تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ تۇغما ئىنچىكە ۋە ئەگرى بۇگرى بولۇشى.
3- بۇرۇن بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغان بولسا كېيىن يەنە شۇنداق بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى يۇقىرىراق بولىدۇ.
4- ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش ئۈزۈكى سالدۇرسا بەزى ئەھۋالدا مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 
داۋالاش ئۇسۇللىرى:
1- ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى.
2- خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى