ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار ئوقۇشقا ماس كەلمەيدىغان كىتاب تۈرلىرى

ھامىلدار ئاياللار ئوقۇشقا ماس كەلمەيدىغان كىتاب تۈرلىرى

ۋاقتى: 2015-10-16 ئاۋاتلىقى: 794 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار ئوقۇشقا ماس كەلمەيدىغان كىتاب تۈرلىرى

ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان قورقۇنۇچلۇق ھېكايىلەر

يۈرەك سوقۇشىنى تېزلەشتۈرىدىغان، ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن ئۆزىنى تارتىش، ئانا بولغۇچىنىڭ چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك پرىنسىپى، شۇڭا،مەيلى كىتاب كۆرۈش، كىنو كۆرۈش ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش بولسۇن، ۋەقەلىكى جىددىي بولغان قورقۇنۇچلۇق ھېكايىلەردىن ساقلىنىش لازىم، بولۇپمۇ ئائىلىدە ھىچقانداق ئادەم بولمىغان ۋاقىتتا، خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، شۇڭلاشقا، بىر مەسئۇلىيەتچان ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنى قانچە ياخشى كۆرسىمۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

ئادەمنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان رومانلار


ھەرقانداق راھەت ئەھۋال ئاستىدا، كىتاب ئوقۇش جىسمانىي كۈچنى خورىتىدۇ، شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كىتاب ئوقۇغاندا بىر مۇۋاپىق ۋاقىتنى تۇتۇشى كېرەك، رومان ئوقۇغاندا، بولۇپمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىنى تارتىش ئۈچۈن، قەستەن ئادەمنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان ۋەقەلىكنى قوشىۋالىدۇ، ھامىلدار ئايال ھەددىدىن زىيادە ۋەقەلىككە كىرىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ۋاقىتنى كونتىرول قىلالماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى كەيپىياتنى ياخشىلىمايلا قالماستىن، جىسمانىي كۈچ قۇۋەتنى خورىتىپ، ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

قايغۇلۇق رومانلار


ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار نازۇك، ئاسانلا كەيپىياتى تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، ئادەتتە مىجەزى ئىچ مىجەز، سەزگۈر بولغان ھامىلدار ئاياللار تېخىمۇ ئوڭايلا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە ئۈچرايدۇ، شۇڭا بەزەن ئۇسلۇبى گۈزەل، ئەمما تراگېدىيەگە تولغان كۈلرەڭ ۋەقەلىك ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوقۇشقا ماس كەلمەيدۇ.

كونا ياكى ئىككىنچى قول كىتابلار

ھامىلدارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئادەتتىكى ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاجىز بولىدۇ، ئەمما كونا ياكى ئىككىنچى قول كىتاب كانا، باكتېرىيە قاتارلىق مىكروئورگانىزىملاردىن ساقلىنالمايدۇ، ناۋادا بۇ كىتابلار ئىلگىرى دېزىنفېكسىيەلەنمەيلا ھامىلدار تەرىپىدىن ئىشلىتىلسە، ھەرخىل كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. ھامىلدار ئايال كىتاب ئىشكاپلىرىنى تازىلىسا، كونا كىتابلارنى كۆررسە بولمايدۇ، ناۋادا كونا كىتاب كۆرۈشنى ياخشى كۆرسە، ئېلىكترونلۇق كىتاب ئادەتتىكى كىتابلارغا قارىغاندا پاكىز ھەم بىخەتەر، ناۋادا كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانى سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران، توك مەنبە ترانسفورماتورى يەرگە قويۇقلۇق بولسا، ئۇنداقتا رادىئاتسىيەمۇ چوڭ بولمايدۇ، يەنە تېخى كونا كىتابلارنى توردىكى ئېلىكترونلۇق كىتابخانىلادىن ئسمىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىقلا تاپقىلى بولىدۇ، ئوقۇشقا ئەپلىك.

بىر نەرسە يەپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇش

 نۇرغۇن قىزلارنىڭ كىتاب ئوقۇغاچ ئۇششاق ـچۈششەك نەرسە يەيدىغان ئادىتى بار، بىراق، بۇنداق بولغاندا دىققەتسىزلىكتىن كۆپ نەرسە يېيىلىپ كېتىدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئادەم بەدىنىدە ئەسلىدىنلا ھامىلدارلىق تەسىرى بولغانلىقتىن، تاماق تېتىماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر يەنە تاماقنى مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشىمىسە، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇۋاپىق بولمىغان غىزا قۇرۇلمىسى، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ھامىلدارنىڭ بەدەن شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ،  ھەمدە تۇغۇتتىن كېيىن خېلى ۋاقىتقىچە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. شۇڭا، كىتاب ئوقۇيدىغان ئورۇننىڭ ئەتراپىغا كەمپۈت، پېچىنە ـپىرەنىك تىزىپ قويماسلىق، كىتاب ئوقۇپ تۇرۇپ ئۇششاق ـچۈششەك يىيىشتىن ساقلىنىش لازىم.

كىتاب ئوقۇغاندا توختىماي ھەرىكەت قىلىش

بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ھامىلدارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئەسلىدىنلا قولايسىز بولىدۇ، ناۋادا بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ھەرىكەت قىلسا، كىتاب ئوقۇغاندە، دىققەت كىتابقا مەركەزلىشىپ، ئەتىراپتىكى مۇھىتقا دىققەت قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئۈستەل ـ ئورۇندۇق قاتارلىقگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. بىر بىخەتەر ئورۇندا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇش ئەڭ توغرا بولغان كىتاب ئوقۇش شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى