ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باش سۈيى كۆرسەتكۈچى ئۆلچەم توپلىمى

باش سۈيى كۆرسەتكۈچى ئۆلچەم توپلىمى

ۋاقتى: 2016-05-19 ئاۋاتلىقى: 775 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باش سۈيى كۆرسەتكۈچى ئۆلچەم توپلىمى 

●باش سۈيى كۆرسەتكۈچنىڭ كونكرىت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:

■1-ئايدىكى ئۆلچىمى: ھامىلىنىڭ مېڭە قىسمى، كۆز قىسمى، ئېغىزى، ئىچكى قۇلاق، ھەزىم قىلىش يولى، قول_پۇتى ئاساسەن شەكىلگە كىرىدۇ. ھامىلىنىڭ ئوزۇنلۇقى تەخمىنەن يېرىم سانتىمېتىر. 

■ئىككىنجى ئايدىكى ئۆلچىمى: ھامىلىنىڭ يۈز قىسمى، جەينەك، تىز، پۇت –قول بارماقلىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، سۆڭەكلىرى يېتىلىشكە باشلايدۇ. ھامىلىدە ئىنتايىن ئاجىز بولغان ھەرىكەت بولىدۇ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3 سانتېمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1 گرام.

■ئۈچۈنچى ئايدىكى ئۆلچىمى: بۇ ۋاقىتتا ھامىلە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا تېپىش، مۇشتىنى تۈگۈش، بېشىنى بۇراش، كۆزىنى قىسىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ. چىش، كالپۇك، كۆپىيىش ئەزالىرى يېتىلىشكە باشلايدۇ. ھامىلە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9سانتېمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 28 گرام بولىدۇ. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى: ھامىلە بېشىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ئەڭ كەڭ ئارىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇقى 3.0-3.2 سانتىمىر، ئۈستۈنكى بىلەك سۆڭىكى 1.03سانتېمېتىر. يوتا سۆڭىكى 1.56سانتېمېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 6.43 سانتېمېتىر، قورساق ئايلانمىسى 7.4سانتېمېتىر، باش سۈيى كۆرسەتكۈچى 7.87 سانتېمېتىر.

■تۆتىنچى ئايدىكى كۆرسەتكۈچى: ھامىلدار بولۇپ 16ھەپتە بولغاندا ھامىلىنىڭ چاچ، كۆز، كىرپىك، تىرناقلىرى ئۆسۈشكە باشلايدۇ، ئاۋاز پەردىسى ھەم تەم سەزگۈچلىرى ئۆسۈپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ئۇزۇنلۇق 18سانتېمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 113 گرامغا يېتىدۇ. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى: ھامىلە بېشىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ئەڭ كەڭ ئارىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇقى 3.28-3.16سانتېمېتىر، ئۈستۈنكى بىلەك سۆڭىكى 1.75-2 سانتېمېتىرغىچە، يوتا سۆڭىكى 2.03-2.23سانتېمېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 8.43 سانتېمېتىر، قورساق ئايلانمىسى9.40سانتېمېتىر، باش سۈيى كۆرسەتكۈچى 10.5سانتېمېتىر.

■ بەشىنچى ئايدىكى ئۆلچىمى: ھامىلدار بولۇپ بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىشكە باشلايدۇ، ھامىلىگە چاچ ئۆسۈپ بولىدۇ، بارمىقىنى شوراشنى بىلىدۇ، بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى ئەزالىرى ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلايدۇ. بۇۋاقىتتا ھامىلە ئۇزۇنلۇقى 25.0سانتېمېتىر، بەدەن ئېغىرلىق 224.0- 500.0گىرامغىچە بولىدۇ. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى: ھامىلە بېشىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ئەڭ كەڭ ئارىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇقى 4.47-5.00سانتېمېتىر، ئۈستۈنكى بىلەك سۆڭىكى 2.57-2.97سانتېمېتىر، يوتا سۆڭىكى 3.01-3.47 سانتېمېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 11.71-12.7سانتېمېتىر، قورساق ئايلانمىسى 13.41-15.2 سانتېمېتىر، باش سۈيى كۆرسەتكۈچى 12.4-14.7 سانتېمېتىر بولىدۇ.

■ئالتىنچى ئايدىكى ئۆلچىمى: ھامىلدار بولۇپ 24 ھەپتە بولغان ۋاقىتتا ھامىلە كۆزىنى ئېچىپ يۇمالايدۇ، ھەم ئانا تېنىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ، ھامىلىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 29-39سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 680-1000 گرامغىچە،  B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى: ھامىلە بېشىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ئەڭ كەڭ ئارىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇقى 5.73- 6.07سانتېمېتىر، ئۈستۈنكى بىلەك سۆڭىكى 3.72-4.3 سانتېمېتىر، يوتا سۆڭىكى 4.2-4.75 سانتېمېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 14.9-16.4سانتېمېتىر، قورساق ئايلانمىسى 16.84-17.5 سانتېمېتىر، باش سۈيى كۆرسەتكۈچى 14.3-15.9سانتېمېتىر.


■يەتتىنچى ئېيىدىكى ئۆلچىمى: ھامىلدار بولۇپ 28 ھەپتە بولغاندا ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ، 24 ھەپتە بولغاندىكى تەن ئېغىرلىقىدىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئاشىدۇ، تېرىسى قىزىل بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى 1150-1800 گرام، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 35-42 سانتېمېتىر، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى: ھامىلە بېشىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ئەڭ كەڭ ئارىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇقى 6.64-7.01سانتېمېتىر، ئۈستىكى بىلەك سۆڭىكى 4.39 سانتېمېتىر، يوتا سۆڭىكى 5.27 سانتېمىىر، كۆكرەك ئايلانمىسى  17.37سانتېمېتىر، قورساق ئايلانمىسى19.35 سانتېمېتىر، باش سۈيى كۆرسەتكۈچى 15.2-17.0 سانتېمېتىر.

■سەككىزىنچى ئايدىكى ئۆلچىمى: 32 ھەپتىلىك بولغاندا ھامىلە ئاستا-ئاستا چوڭىيىدۇ، ئۇستىخان ھەم ھەرقايسى ئەزالىرى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلە ئانا تېنىنىڭ سىرتىدىكى ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىيالايدۇ. بەدەن ئۇزۇنلۇقى 42-46 سانتېمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 2-2.7 كىلوگرامغىچە، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى: ھامىلە بېشىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ئەڭ كەڭ ئارىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇقى 7.79-8.18 سانتېمېتىر، ئۈستۈنكى بىلەك 5.54 سانتېمېتىر، يوتا سۆڭىكى 6.55 سانتېمېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 22.3 سانتېمېتىر، قورساق ئايلانمىسى 25.36 سانتېمىىتر، باش سۈيى كۆرسەتكۈچى 15- 16سانتېمېتىر بولىدۇ.

■توققۇزۇنچى ئايدىكى ئۆلچىمى: ھامىلە تەرەققىي قىلىپ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، تېرىسى سۇس قىزىل رەڭدە، تېرە ئاستىدىكى مايلىرى مول، تېرىنىڭ سىرىتقى يۈزىنى ھامىلە مېيى قاپلايدۇ، ھامىلىنىڭ بېشى تۆۋەنلەپ داس بوشلۇقىغا كىرىدۇ، تۇغۇلۇش تەييارلىقىنى قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 50-55سانتېمېتىر، بەدەن ئېغىرلىق 2.8-3.6 كىلوگرامغىچە، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى: ھامىلە بېشىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ئەڭ كەڭ ئارىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇقى 8.40-9.31 سانتېمېتىر، ئۈستۈنكى بىلەك سۆڭىكى 5.59-6.29 سانتېمېتىر، يوتا سۆڭىكى 6.76-7.62 سانتېمېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 23.05-24.32 سانتېمېتىر، قورساق ئايلانمىسى 25.89-28.11 سانتېمېتىر، باش سۈيى كۆرسەتكۈچى 14.6-15.6 سانتېمېتىر بولىدۇ.

●باش سۈيى كۆرسەتكۈچى:
■باش سۈيى كۆرسەتكۈچى، نورمال دائىردىكى ئۆلچىمى بولسا 8.0-20سانتېمېتىر، باس سۈيى كۆرسەتكۈچى 5سانتېمېتىردىن كىچىك بولغان ۋاقىتتا، باش سۈيى ئاز بولۇش سەۋەبىدىن ئامال بار ھامىلدارلىقنى توختىتىش كېرەك. ئادەتتە، ھامىلدار بولۇپ 28 ھەپتىدىن بۇرۇن باش سۈيى كۆپ بولۇش سەۋەبىدىن ھامىلە بىرئاز كىچىك، ھامىلىنىڭ بالياتقۇدىكى پائالىيەت دائىرىسى بىرقەدەر چوڭ بولغاچقا ھامىلە ئورنى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھامىلدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىگە بارغاندىن كېيىن، ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ باش سۈيى نىسبەتەن ئازىيىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى