ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ساغلاملىققا پايدىلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى

ساغلاملىققا پايدىلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 690 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش: كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشتا (ئەتىگەنلىك تاماقنى قۇۋۋەتلىك يېيىش، چۈشلۈك تاماقنى تويغۇدەك يېيىش، كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش) پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى شۇ بىر كۈنلۈك تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى %30 نى، چۈشلۈك تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى %40 نى، كەچلىك تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى %30 نى ئىگىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تاماق تۈرلىرىنى كۆپەيتىش، ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتە بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 
2. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش: ھەپتىسىگە كەم دېگەندە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك.  بۇ تەن ساغلاملىققا ئىنتايىن پايدىلىق. 
3. دائىم قول يۇيۇپ تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. بەلكىم بەزىلەر بۇنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئىش دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ، تەن سالامەتلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سىرتتىن قايتىپ كىرىپ چوقۇم قولنى سوپۇن بىلەن پاكىز يۇيۇپ، سىرتتا يۇقتۇرۇۋالغان چاڭ-توزانلارنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. قولنى يۇيماي تۇرۇپ كۆزنى ئۇۋلىماسلىق، يۈزنى تۇتماسلىق، مەينەت قول بىلەن تاماق يېمەسلىك لازىم، بولمىسا سىرتتىن ئېلىپ كىرگەن مىكروب ھەرخىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. 
4. ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇپلا يوتقان يىغىشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقان-كۆرپىلەرنى يىغىۋېتىدۇ. بۇ توغرا ئادەت ئەمەس. چۈنكى، 7-8 سائەتلىك ئۇيقۇ جەريانىدا ئادەم بەدىنىدىن ھەرخىل گاز ۋە تەر چىقىدۇ. بۇلارنى چىقىرىۋەتمەي تۇرۇپلا يوتقاننى يىغىۋەتكەندە كېرەكسىز گازلار يوتقان ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ. كەچتە ئۇنى يەنە يېپىنىپ ياتقاندا كېرەكسىز گازنىڭ قويۇقلۇقى تېخىمۇ ئېشىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن يوتقاننى تەتۈر ئۆرۈپ، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يوتقان –كۆرپىلەرنى داۋاملىق ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش لازىم. 
5. تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش: نۇرغۇن كىشىلەر چىشىنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا بىر قېتىم چوتكىلاپ قويۇپلا بولدى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنلا چىشنىڭ تازىلىقى يەنە بۇزۇلىدۇ. شۇڭا، ئەتىگەندە تاماقتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىغاندىن باشقا، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىنمۇ چىش چوتكىلاپ چىش ئارىلىقىغا كىرىپ قالغان تاماق قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئادەمنىڭ روھىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى