ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئالاھىدە ئەھۋالدا بوۋاقنى ئېمىتىشنىڭ ئۇسۇلى

ئالاھىدە ئەھۋالدا بوۋاقنى ئېمىتىشنىڭ ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2015-03-14 ئاۋاتلىقى: 554 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

    كېچىدە ئېمىتىش
يېڭى باشلانغاندا بىر خىل كۈندۈز بىلەن ئوخشىمايدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، بالىغا كەچ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تىنچ كەيپىيات ھاسىل قىلىش، 
ئۇخلاشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقنى غۇۋا ھۇجرا ئىچىدە ئېمىتىش، بوۋاق كەچتە ئويغىنىپ  قورسىقى ئاچقاندا، دىققىتىنى چاچىدىغان نەرسىلەرنى بەرمەسلىك. ئۆي ئىچى تېنىچ بولۇش، چىراقنى ياقماسلىق، ئامال بار ئاز گەپ قىلىش، بوۋاق ئۇخلىغۇچە بۆشۈكنى تەۋرىتىش كېرەك. 
سەمىمىي ئەسكەرتىش: كېچىدىكى ئېمىتىش سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان يېڭى ئانا بولغانلارنىڭ كېچىدىكى ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ، يېتەرلىك ئۇخلىمىغاندا سۈت ئاجرىلىپ چىقىشى ئاز بولىدۇ. شۇڭا يېڭى ئانا بولغانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . بالا ئېمىۋاتقاندا بىر ئاز مۈگىدىۋېلىشقا بولىدۇ ياكى كۈندۈزى يولدىشى ياكى باشقىلارغا بالىغا قاراپ بېرىشكە ھاۋالە قىلىپ ، ئۆزى بىر ئاز ئۇخلىۋالسا بولىدۇ. بوۋاق ئۇخلىغاندا بىللە ئۇخلاپ، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 
ئاممىۋى سورۇندا ئېمىتىش 
ئەگەر سز ئاممىۋى سورۇندا ئېمىتىشتە بەك جىددىيلەشكەندەك ھېس قىلسىڭىز، باشقا ئانىلار بىلەن ياكى يىقىن دوسلىرىڭىز بىلەن بىللە تۇرۇپ ئېمىتىڭ، بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. بىر قۇر كۆكرىكىڭىزنى تولۇق ئاچماي تۇرۇپمۇ ئېمىتشكە قولايلىق بولىدىغان كىيىمنى تاللاپ كىيىڭ، سىرتلارغا چىققاندا شامال چاپىنى ياكى ئاياللار مۈرە يىپىنچىسى ئېلىۋىلىپ بوۋاقنى ئېمىتكەندە دالدا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئانىلار ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ياندىن ئېچىلىدىغان كۆڭلەك كىيىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. كۆپىنچە ئاممىۋى سورۇنلاردا مەخسۇس بالا ئېمىتىش ئۆيى ھازىرلانمىغان. ئەگەر سىز تۇرىۋاتقان رايوندا بۇنداق جاي بولمىسا سىرتقا ئامال بار ئاز چىقىڭ ياكى سىرتقا چىقىشتىن ئاۋۋال بالىنى ئېمىتىۋېلىڭ. ئۆزى ھازىرلىغان بالا ئېمىتىش سورۇنى «خەرىتە»، يەنى ئانا ئۆزى بالا ئېمىتىش سورۇنى «خەرىتە» ھازىرلاش، مال سېتىۋالغاندا، ماشىنىغا ئولتۇرغاندا، ساياھەتكە چىققان جەرياندا ئېمىتىشكە قولايلىق بولىدىغان جايلارنى تەھلىل قىلىپ رەتلەپ چىقىش، سەپەرگە چىققاندا ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىنىڭ سۈت ئېمىش تەلىپى قاندۇرۇش. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى