ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(4)
ۋاقتى: 2016-08-15
ئاۋاتلىقى: 583 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
4. ئۇسۇل: دۈم يېتىپ ئۇخلىسا بالا چىرايلىق بولىدۇ.
ئۆز تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا بالا دۇم ياتسا ئوڭدىسىغا ياتقاندىن تىنچ ئۇخلايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالا دۈم يېتىپ ئۇخلىسا خۇددى قورساقتىكى ھالاتتەك يۈرىكى پەسكە قاراپ ئاسان چۆچۈمەيدىغان بولىدۇ. دۈم يېتىپ ئۇخلاشنىڭ يەنە بىر ئەڭ ياخشى تەرىپى، بالىنىڭ يۈزىنى كىچىك قىلىدۇ. بوۋاقنى دۇم ياتقۇزغاندا، 5كۈن ئىچىدىكى بوۋاقنىڭ يۈزىنى ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئۆرۈپ قويۇش، 5كۈندىن چوڭ بوۋاقلار ئۆزى يۈزىنى ئوڭ سولغا ئۆرىيەلەيدىغان بولىدۇ. مېنىڭ بىرىنجى قىزىم يېڭى تۇغۇلغاندا يۈزى چوڭ ئىدى، كېيىن مۇشۇ يېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۈز شەكلىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، يۈزى ھازىر ئۆلچەملىك كىچىك يۈز. بۇ خىل ئامال پەقەت تۇغۇلۇپ 3 ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلاردا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.