ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زۆرۈر كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى

زۆرۈر كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى

ۋاقتى: 2015-12-24 ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار زاكىسى 2بولاق ـــــ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق.
تەرەت سۈرتۈشتە ئىشلىتىدىغان ھۆل قەغەز 2بولاق ـــــ قاپلىق ۋە خالتىلىقتىن بىردىن تەييارلىنىدۇ.
ئېغىز ۋە قولغا ئىشلىتىلىدىغان ھۆل قەغەز 2بولاق ـــــ مەخسۇس بوۋاقنىڭ ئېغىزى ۋە قولىنى سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
سۈيدۈك توسۇش كىرلىكىدىن 2دانە ـــــ كارىۋاتنىڭ سۈيدۈك بىلەن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بوۋاقلار سۈيدۈكتىن ساقلىنىش ئىشتىنىدىن 2 تال، سۈيدۈكتىن ساقلنىش ياپراقچىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش قولايلىق.
 داكىدىن ياسالغان سۈيدۈك لاتىسى 10تال ـــــ داكىنىڭ سۈمۈرۈشچانلىقى ۋە ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ تېرىسىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
سۈيدۈك توسۇش تەگلىكى 2بولاق ـــــ سۈيدۈك لاتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.
بىخەتەر ئىلغۇچ 1قاپ ـــــ سۈيدۈك لاتىسى، كىيىملەرنى ئىلىپ مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
بىخەتەر قايچا 1دانە ـــــ يۇمىلاق ئۇچلۇق بىخەتەر قايچا، ئىشلەتكەندە بوۋاقنىڭ كىچىك قولىنىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بۇرۇن سۈمۈرگۈچ 1دانە ـــــ بوۋاقنىڭ پوتلىسىنى تازىلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
دورا بەرگۈچ 1دانە ـــــ شكالا ئويۇلغان بولۇپ، دورا بېرىش مىقتدارىنى كونترول قىلىشقا قولايلىق.
تېرمومېتىر 1دانە ـــــ خالىغان ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىمىسى 1قاپ ـــــ بوۋاق قىزىپ قالغاندا، بۇنىڭ بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا قىزىتمىسىنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.
   بوۋاقلار تارغىقى 1دانە ـــــ يۇمىلاق باشلىق تارغاق بوۋاقنىڭ باش تېرىسىنى زەخمىلەندۈرمەيدۇ، چوتكا بىلەن ھامىلە تەمرەتكىسىنى چۈشۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ.
 چىش تازىلىغۇچ 1قاپ ـــــ قولايلىق بولۇپ، بوۋاقنىڭ چىشى ۋە ئېغىز بوشلۇقىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاشقا بولىدۇ.
 بوۋاقلار چاچ ياساش ماشىنىسى 1دانە ـــــ قولايلىق، مەشغۇلات قىلىش ئاسان بولۇپ، بۇ بولسا، بوۋاقلار ناتونۇش ساتىراچتىن قورقۇپ يىغلاپ يۈرمەيدۇ.
بوۋاقلار دۈمبە بېغى 1دانە ـــــ ئانىنىڭ بوۋاقنى ئېلىپ سىرتقاىقىشىغا قولايلىق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى