ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىلىمنىڭ خاسىيىتى(2)

ئىلىمنىڭ خاسىيىتى(2)

ۋاقتى: 2015-06-26 ئاۋاتلىقى: 628 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇ بوۋىسىدىن ئىلىم ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك نەسىھەت ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلدى. بوۋىسى ئۇنى بۇ ئىلتىماسىغا يارىشا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ــــ بالام، ئوقۇشنىڭ پايدىسى پەقەت شۇ چاغدىلا بولىدۇ. ئەكىسچە چۈشىنە-چۈشەنمەس ئوقۇشتىن مەنە چىقمايدۇ. ئادەم ھەم ھايۋان، ھەم ئىنسندۇر. ھايۋانلىقى يېيىشتە، ئىنسانلىقى بولسا ئىلىمدە ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇمىغانلارنىڭ تۆت پۇتلۇق ھايۋانلاردىن پەرقى يوقتۇر. بۇنى ھەركىم بىلىدۇ. ئىلىم سايىسىدە ھەقىقەتنى تونۇش،ئەبەدىي بولغان ھاياتقا ئېرىشىش، دائىمىي بەخىتسىزلىكتىن خالاس بولۇش مۇمكىندۇر...


بوۋىسىنىڭ سۆزلىرى بەك قاتتىق تەسىر قىلغاچمىكىن، بىلقۇتجاننىڭ ھاياجېنى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. ئۇ ئىختىيارسىزلا بوۋىسىدىن سورىدى:
ـــ بوۋا، ئىلىمنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە بايا ناھايىتى كۆپ ۋە بىر-بىردىن ئېسىل مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بەردىڭىز. مەن بۇ قىممەتلىك سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قەلبىمگە ئورنىتىۋالدىم. ئىلىم ئىگەللەشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟ ئىلىم ئىگىلەشتە قانداق روھنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟ ئەلۋەتتە ئىلىمنىڭ ھەرقاندىقىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ، مۇھىمى ئادەم ئالدى بىلەن جەمئىيەتتە بىر قەدەر ئومۇملاشقان، ئادەمنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈردىغان ئىلىملەردىن ئۇنىۋېرسال خەۋەردار بولۇش كېرەك. ئاندىن ئۆزى ئەڭ قىزىققان، نەتىجە يارىتالايمەن دەپ قارايدىغان ئىلىمدىن بىرىنى تاللاپ، ئۇنىڭدا كامالەت تېپىشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانى قىلىپ تاللىۋېلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىۋېرسال ساپاغا ئىگە، مەلۇم ئىلىم ساھەسىدە كامالەتكە يەتكەن ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلگىلى بولىدۇ.



دېماكچىمەنكى، كىشىنى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا چوقۇم ھەرقايسى پەنلەرنى ئوقۇشى زۆرۈر، يەنى ئەدەبىياتقا ھەرقانچە ھېرىسمەن بولغان بالىمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىنى بۇ ئىلىملەرگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنەلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن ۋاقىتتا بۇ ئىلىملەر ھەرقاچان ئەسقېتىپ تۇرىدۇ؛ تەبئىي پەنلەرگە قىزىققۇچىلارمۇ ئىجتىمائىي پەنلەردىن خەۋەردار بولۇشى، بولۇپمۇ تىل ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا تەبئىي پەندە ياراتقان يېڭىلىقلار، كۆز قاراشلار، بايقاشلارنى باشقىلارغا ناھايىتى راۋان، پاساھەتلىك تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەندە، ھەرقانداق كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە تەبئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەردىن كەسكىن ئايرىۋېتىدىغان، بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز قىلىپ قويىدىغان خاھىش مەۋجۇت. بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشىمىزدا نېمە ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئۇنىۋېرسال بىلىملەر بىلەن تەبئىي پەنلەردىكى ئۇنىۋېرسال بىلىملەر ئارىلاش قوللىنىلىدۇ؟ ھەممىسى تۇرمۇشقا، ئەمەلىيەتكە، ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قوللىنىلىدۇ. بۇ ئاددىي ھەقىقەتنى چۈشەنگەن ھەرقانداق ئادەم تەبئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەننى ئايرىپ چۈشەنمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى پەن سىستېمىسى قان بىلەن گۆشتەك بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. قەدىمكى ئالىملىرىمىز ئىجتىمائىي پەندىمۇ، تەبئىي پەندىمۇ ۋە سەنئەتتىمۇ يېتىشكەن، كامالەت تاپقان زاتلاردىن ئىدى. ئەبۇ ناسىر فارابى پەلسەپە، تەبئىي پەن ۋە مۇزىكا ئىلىمىدە يېتىشكەن زات ئىدى؛ ئەبۇ رەيھان برونىي ئاسترنومىيە، فىزىكا، گېيولوگىيە ۋە باشقا ئىلىملەردىن تۇلۇق خەۋەردار قامۇسىي ئالىم ئىدى؛ ئىبىن سىنا بولسا تېببىي ئىلىم، پەلسەپە، مۇزىكا، ھەرقايسى تەبئىي پەنلەردە كامالەت تاپقان ئالىم ئىدى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ《قۇتادغۇبىلىك》ناملىق ئەسىرىدە ئاسترونومىيە، ماتېماتكا، تېببىي ئىلىم ۋە باشقا پەنلەرگە ئائىت مەلۇماتلاردىن ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇڭا، بۇ ئەسەر پەقەت بىر پەند-نەسىھەت تۈسنى ئالغان بۈيۈك ئەسەر بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى زور ئىلىم خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ؛ مەھمۇد كاشىغەرىيىنىڭ《تۈركىي تىللار دىۋانى》مۇ ناھايىتى كۆپ بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ... مانا بۇ پاكىتلاردىن قەدىمكى ئۇلۇغ ئىلىم گىگانىتلىرىمىزنىڭ پەنلەرنى ئايرىماي، قايسى پەنلەرگە قىزىققان بولسا شۇ پەنلەرنى بېرىلىپ ئۆگەنگەنلىكىنى، كامالەتكە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئىلىملەرنى قويماي ئۆگىنىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مەيلى قانداق ئىش قىلمايلى، ئوڭۇشلۇق قەدەم باسقىلى بولىدۇ.



ـــ ئەمدى، ئىلىم ئۆگىنىشتە قانداق روھنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟ دېگەن سوئالىڭغا جاۋاب بېرىمەن،ــ دېدى بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ـــ ئىلىم ئۆگىنىشتە ئىزچىللىقىنى ساقلاش تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى، ئىلىم دېگەن كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇرۇن ئۆگەنگەن بىلىملەرنىمۇ ئىشلەتمىسە، تاشلاپ قويسا، ئۇنى يېڭى كۆز قاراش، بايقاشلار بىلەن يېڭىلاپ تۇرمىسا ئۇ مۇقەررەر كونىراپ قالىدۇ. ئاخىرىدا كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندە ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۆزىنى تويۇندۇرۇشنى ھەرگىز تاشلاپ قويماسلىق، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىش زۆرۈر. جاھانغا مەشھۇر ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئەقىلىي قابىلىيىتىنىڭ ئۇنچە بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما ئۇلاردا باشقا كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر ىىل روھ چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش، يېڭىلىقنى تېز قوبۇل قىلىش ۋە بىلىم يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش روھىدۇر. ئىلىم ئۆگىنىش، قوبۇل قىلىشتا ئىزچىللىقنى جارى قىلدۇرغاندا، ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان ئىشەنچىسى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، بۇ خىل ئىزچىللىق داۋاملاشقانسېرى شۇ كىشىنىڭ ئەلگە بېرىدىغان ھوسۇلىمۇ كۆپ ۋە بىر-بىردىن رەڭگارەڭ بولىدۇ. غۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمەنكى، ئىلىم ئۆگىنىشتە ئىزچىللىق روھى ناھايىتى مۇھىم، شۇنداقلا نۆۋىتى كەلگەندە يېڭىلاپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بۇنداق بولغاندا ئىلىم ئىگىسى بولغان ئادەم ئىلىمدىمۇ يېڭىلىنىدۇ، روھىي كەيپىيات جەھەتتىمۇ يېڭىلانغاندەك تەسىراتتا بولىدۇ- دە، ئۇنىڭ قازانغان نەتىجىسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

مەنبە: "ئۇيغۇرلاردىكى پەرزەنت تەربىيەسى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى