ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقنىڭ ھەر قايسى مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى(4)

بوۋاقنىڭ ھەر قايسى مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى(4)

ۋاقتى: 2016-09-02 ئاۋاتلىقى: 726 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ۋېتامىنلار
ئانا سۈتىدىكى كۆپ خىل ۋېتامىنلار بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئەگەر باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىدا ۋېتامىن A ،C لارنىڭ مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، بوۋاقنى بۇنداق مەھسۇلات بىلەن باققاندا، مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق مېيى ۋە مېۋە شەربىتىنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. بوۋاقنى كۆپرەك ئاپتاپقا ئېلىپ چىقىپ راخت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


دۆلىتىمىز سەھىيە تارماقلىرى بېكىتكەن ئۆلچەمدە، بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ۋېتامىن A تولۇقلاش مىقدارى كۈنىگە 200 مىكروگرام بولىدۇ. ۋېتامىن B1،B2 ۋە نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ مىقدارىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، ھەر مىڭ كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغاندا، ۋېتامىن B1،B2دىن 20.5 مىللىگرام، نىكوتىن كىسلاتاسىدىن ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك، يەنى ھەر 1000 كىلوكالورىيىگە بەش مىللىگرام تولۇقلاش كېرەك.
ۋېتامىن D غا كەلسەك، دۆلىتىمىز سەھىيە تاماقلىرى بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ كۈنىگە 10 مىكروگرام قوبۇل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاپتاپ چۈشۈشنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.


 
2. سۇ
نورمال بوۋاقنىڭ بىر كۈنلۈك سۇغا بولغان مۇقەررەر ئېھتىياجى تەخمىنەن ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 75~100 مىللىلېتىر. لېكىن بوۋاقلار بۆرەك، ئۆپكە، تېرە ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىدىغان سۇ بىرقەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېتابولىزم ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، يېشى چوڭراق بالىلارغا ياكى چوڭلارغا سېلىشتۇرغاندا بوۋاقلاردا ئاسانلا سۇسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ، ئاقىۋىتىمۇ چوڭلارنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندە ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 150 گرام ئەتراپىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى