• كۇنسۇل كوچىسى ـ سەھەر سائەت سەككىز - [شىئېرلار]2011-08-22

    ئەتىگەن سائەت سەككىز

     

    پەلەمپەيلەر ياتار سوزۇلۇپ

    ئاياق مايلايدىغان بالىدىن ئۆتتۈم

    يەر ئاستى يوللىرى ئۇزاقتىن ئۇزاق

    تۇيۇقسىزلا غەش بولدى كۆڭلۈم...

     

    ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر پىيالە چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ

    سېنى كۈتۈۋاتماقتىمەن

    (ئەتىگەن سائەت سەككىزنىمۇ ھەم)

    كۇنسۇل كوچىسىدىكى قوياش كۆتۈرۈلىدىغان بىر جايدا

    ئېدى بۈگۈن ھاياتتىكى تەم

     

    كۆيۈپ ئۆچمىگەن ھېلىقى كۈنلەر

    ئاپئاق ئاقارغان يوچۇن دەرەخلەر

    ھەمدە جەنۇبى شەھەر ئەتراپىدىكى باغچا

    ھەمدە قار بولغان نەمخۇش كۆڭۈللەر

     

     رەسىمگە چۈشتۇق ئۈچىمىز

    زادى ئۇنتۇغۇلى بولمايدىغان

     ۋاقىتنىڭ ئالتۇن ھارۋىسىدا

     

    مۇناجات

     

    مېنى يا ساراڭ بولىدۇ يا سەنئەتكار دېيىشىدۇ...

     مېنىڭ ھەر نىمە بولۇشۇمنى بىلمەمدىغاندۇ؟

    ماڭا قاراپ باشلىرىنى ئاستا چايقىشىدۇ...

    ماڭا نە پەرقى بارلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟

     

    سۇ ئۆتمەيدۇ سەن ئۆتۈپ كېتىسەن

    قىل سىغمايدۇ سەن پېتىپ كېتىسەن!

    چىڭقالغان چۈشلەردە ھېچنىمە يوقتۇر

    پەقەت سەن يامغۇردەك يېغىپ كېتىسەن!

     

     

    مېنىڭ تىزلىرىم پۈكۈلدى يەتمەيۋاتامدۇ؟

    مېنىڭ قانلىرىم چېچىلدى يەتمەيۋاتامدۇ؟

    مەن يۇلتۇزدەك تېرىلىپ كەتتىم يەتمەيۋاتامدۇ؟

    مەن ئەشەددى بىر قاتىلغا ئايلاندىم يەتمەيۋاتامدۇ؟

     

    كۈندە كەچ ئۆزۈمگە پىچاق تىقىۋېلىشلار!

    كۈندە كەچ ئۆزۈمنى قۇراشتۇرۇشلار...

     

    دائىم تەكرارلىنىۋاتىدۇ ،تەكرارلاندى

    دائىم چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم!

    ماڭا رەھىم قىل كۈن يۈزلۈكۈم

    ماڭا رەھىم قىل ئايدەك يالغۇزۇم.

     

    2011-يىل30-مارت


    历史上的今天: