• رەڭ ھەققىدە - [نەسىرىي ئەسەرلەر]2011-08-22

    رەڭ ھەققىدە

     

    رەڭلەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن،ياخشى كۆرۈپ، ياخشى كۆرۈپ زېرىكىپ كېتىمەن،ئاندىن رەڭسىز، رەڭسىز ياشايمەن،رەڭسىزلىكتىكى رەڭسىزلىك جېنىمنى چىقىرىدۇ،ئاندىن بۇ رەڭسىزلىكلەرنى باشقىچە رەڭلەر بىلەن رەڭلەپ چىقىمەن،ئاندىن يايرايمەن،ئاندىن زادى كۈڭلۈمدىكىدەك بولماي قالىدۇ...مېنى ھاياجانلاندۇرغان نەرسىلەر تولىمۇ مەنىسىز بىرنېمىلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ،ئەمما مەن رەڭلەرنى تولىمۇ سۆيىمەن!

    كۈندە سۇررەڭلىك نەپەسلىنىمەن،قىزغۇچ رەڭلىك نەپەسلەرنى چىقىرىمەن؛يېشىل رەڭلەرنى يەپ،قىنىق قىزىل رەڭلەردىن قانمىغۇدەك ئىچىمەن؛ئىچىمگە قارايمەن،ئىچىم قاپقاراڭغۇ،ئاستا كىرىپ ئۇخلىسام قاپقارا چۈشلەرنى كۆرىمەن،قاپقارا تەرلەرگە چۆمىلىمەن؛ئاندىن سۆسۈنرەڭلىك ئويغىنىپ كېتىمەن،كۆك رەڭلەردەك يەڭگىل بولۇشنى ئىستەيمەن،ئاپئاق نۇرلاردا يۇيۇنىمەن،ئىچىم بىر ئاز يورۇپ كېتىدۇ،گويا ئاي شولىسى چېچىلىپ ياتىدۇ،قىشرەڭلىك نەپەسلىنىمەن،بەك سوغۇق،بەك مۇزدەك ، بەك راھەت!قۇياش نۇرى ئۈستۈمگە چېچىلىپ تۇرۇدۇ،مەن يېشىل خىياللارنى سۈرۈپ ، يوق بىر رەڭلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن.

    2011-يىل4-ئاينىڭ 20-كۈنى