• تېلىفون كۈتۈش - [شىئېرلار]2011-08-24

    تېلىفون كۈتۈش

     ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىسىدىن

    ئېلىپ كېتىدىغىنى كۆپتۇر ئېھتىمال

     

    ھېلىلا جىرىڭلايدىغاندەك

    ۋەياكى مەڭگۈ ئۈنچىقمايدىغاندەك

    قاراپ تۇرار تېلىفونۇم مۇزدەك

     

    تىرەلگەن قوللىرىم شۇ قەدەر غەمكىن

    تىكىلگەن كۆزۈمدىن تۆكۈلەر نىمە

    مەن كۈتتۈم ئاخىرقى بىر تال نەرسىنى

    سەن ئۇنى ئەڭ گۈزەل ئاقىۋەت دىمە

     

    بەلكىم ئۇ قاراڭغۇ.يوچۇن دۇنيادۇر

    ۋە بەلكىم

     ئىككىنجى قېتىملىق ئولۇغ يېقىلىش

    مەن ساڭا ھەممىنى قىلماقچى بايان

    ياندۇرۇپ قەلبىڭگە غايەت چېقىلىش...

     

    سىلىدىم يوقلۇقنىڭ ئورۇق يۈزىنى

    بىر پارچە تۇماندەك يېيىلماقتىمەن

    كۈتكۈنۈم پەقەت بىر قېتىملىق تېلىفون

    ۋە ياكى ئۆلۈمۈم..مەن كۈتمەكتىمەن...


    历史上的今天: