• بىر ئايدىڭ كېچىنىڭ ئېدى - [شىئېرلار]2011-09-05

     

    بىر ئايدىڭ كېچىنىڭ ئېدى

     

    ئىچمەكتىمەن ئاينىڭ نۇرىنى
    ئىچمەكتىمەن بىر شېرىن ئازاب
    بۇلدۇق-بۇلدۇق تاشقان شاماللار
    ئاستا ئاقار ئىچىمگە قاراپ

    مەن پاتمىدىم بۈگۈن ئىچىمگە
    مەن پاتمىدىم ئالتۇن قەپەسكە
    جېنىم سېنىڭ ئالقىنىڭ گۈلمۇ؟
    پورەكلىگەن مەڭگۈ - ئەبەتكە؟

     

    ئاينىڭ نۇرى يېرىم مەستچىلىك
    ئاينىڭ نۇرى..شېرىن سەتچىلىك!
    ئاينىڭ نۇرى مۇزدەك ھەم چوڭقۇر
    شېئىر يازالماس جېنىم سەنچىلىك!

    سېنىڭ ئىسمىڭ مېنىڭ ئاۋازىم
    لىق كېلىدۇ ئاچسام ئاغزىمنى 
    لېكىن جېنىم سەن يەنە مەستخۇش
    تۇنىمايسەن تېخىچە مېنى...

    گۈللەر چوڭقۇر كەتتى ئېچىلىپ
    كۆللەر چوڭقۇر كەتتى ئېچىلىپ
    ئىچىمدىكى ھېلىقى سۆيگۈ
    چۈشەر كۆكتىن يەرگە چېچىلىپ!!!