• قۇشتەك يەڭگىل - [شىئېرلار]2011-10-10

     

    بىزنىڭ يولىمىز بىر ئەمەس

    قۇياش چىققاندا

    بىزنىڭ يولىمىز بىر ئەمەس

    پەقەت كۈن پاتاي دىگەندە ئاندا – ساندا ئۇچرىشىپ قالىمىز

     

    قۇشتەك يەڭگىل

    سەھەر قۇشتەك يەڭگىل

    گۈلدەك قىزىل

    ئەگەر مېنىڭ باغرىمنى سەن ئېچىلدۇرىدىغان بولساڭ

    چوقۇم سەھەردەك ئېچىلدۇرىۋېتىسەن!

     

    ئادىشىش

    قۇشلار ئادىشىپ قالغاندا

    ئەڭ گۈزەل ئوۋچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن

    سۇلار ئادىشىپ قالغاندا

    ئەڭ گۈزەل پاجىئەگە ئايلىنىشى مۇمكىن

    ئەگەر سەن ئادىشىپ قالساڭ

    چوقۇم مېنى خاراپ قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن...

     

    سەن كەشتە تىكىدىغان جاي

    ئىچىمنى بەك ئىچىشتۇرىۋەتتىڭ

    گۈزەل بىر كەشتىنى پۈتكۈزۈش ئۆچۈن

    چوقۇم يىڭنەڭنى تالاي قېتىم خاتا سانجىشىڭ كېرەك!

    كۆردۈڭمۇ

    سەن كەشتە تىكىۋاتقان جاي بەك تېشىلىپ كەتتى

    يىپلار خاتا – خاتا سۆرۈلۈپ مېڭىپ ئاغرىقنى ھىس قىلدۇرماقتا

    سەن يىڭنە سانجىۋاتقان جاي پەرياد كۆتەرمەكتە

    تۈمەن قېتىم ... ياكى ئۇنىڭدىنمۇ جىق قېتىم...

     

    سەن ھەممە نېمىگە يەتتىڭ

    بىر تال تاش قۇمدەك ئېزىلىپ بولدى

    بىر تامچە سۇ يالاپ بولدى

    مەن يىراقتىن قاراپ باقتىم

    ھەممە نېمە قىپمۇقىزىل!

    مەن قولۇمغا ئېلىپ قاراپ باقتىم

    ھەمدە سان – ساناقسىز تۆشۈكلەردىن ئىچىڭنىڭ يايراۋاتقان سۆرىتىنى كۆردۈم!