• پەرىدە ئەفرۇز:بىلدىم - [شىئېرلار]2011-11-21

     

    بىلدىم

    پەرىدە ئەفرۇز

    بەلكى سورۇنلاردا كۈلگىنىم راستتۇر،

    گۈل كىيگىنىم ، گۈللىگىنىم ، گۈل بولغىنىم راستتۇر ،

    كۈيلىگىنىم ، كۆيدۈرگىنىم ، كۈل بولغىنىم راستتۇر ،

    ئەمما سىزسىز ھېچكىممەن بىلدىم .

     

    ئون گۈلۈمدىن ئون گۈلۈم ئېچىلدى سۇلدى ،

    ياپراقلىرىم سارغىيىپ چېچىلدى سۇلدى ،

    ئىشىق دىگەنگە كېپەنلەر پىچىلدى ، سۇلدى ،

    ئەسسىز ، سىزسىز ھېچكىم مەن بىلدىم .

     

    بىلدىم قانائەتنىڭ مەنزىلى خۇدا ،

    بىلدىم سائادەتنىڭ تۈنلىرى زىيا ،

    تۇمۇردا ئىشق دېگەن ئەلەم ئويغانسا ،

    بېشىڭغا بالادۇر ، بالادۇر بىلدىم !

     

    بىلدىم ،ئارمانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاقتۇر ،

    پايانداز سېلىنغان يوللار تۇزاقتۇر ،

    بىلدىم خىيانەتنىڭ يولى چىراقتۇر

    بىلدىم بوينۇمدىكى مارجان پىراقتۇر،

    بىلدىم ...

     

    بەلكى سورۇنلاردا كۈلگىنىم راستتۇر ،

    گۈللىگىنىم گۈل بولغىنىم راستتۇر ،

    كۈيلىگىنىم كۈل بولغىنىم راستتۇر ،

    ئاسماندا ئاي كەبى تۇل بولغىنىم راستتۇر

    سىزسىز ، سىزسىز ، ھېچكىممەن بىلدىم .