-
بۈگۈن كېچە سېنى دەپ ئۆلىۋاتىمەن - [سۈرەتلەر]2011-11-24
بۈگۈن كېچە سېنى دەپ ئۆلىۋاتىمەن
كېچىلەرنىڭ يۈكى ئېشىپ بارماقتا
شاماللار ئۆزىنى بەرمەكتە قويۇپ
بىر قىز ئالما يېمەكتە
ئالما يېمەكتە يالغۇز ئولتۇرۇپ
نېمىشقا ئۆگزىگە چىقىمەن
نېمىشقا قارىدىم ئۇيان تەرەپكە
چاراسلاپ ، چاراسلاپ بىر ئوت ئېقىمى
كېلىپ تۇتاشماقتا ئۇدۇل يۈرەككە
ھەسرەتلىنىپ كەتتىم،كېتىۋاتىمەن
كۆيۈۋاتىدۇ كۆللەر لاۋۇلداپ
جېنىم مەن ساڭا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ
بوراندەك يىغلىدىم،يىغلايمەن شۇ تاپ
يىرتقۇدەك ياقا قالمىدى،يۇلغۇدەك چاچلار
يۈرەكنى يىرتىش كېرەك ، شۇنداقمۇجېنىم
تالادىن بىر تىۋىش كەلمەكتە ھەيھات
يالاڭئاياق يۈگۈرۈپ چىقتىم
قانلار تۆكۈلۈپ
تاملار ئۆرۈلۈپ
سېنى شۇنداق سېغىنماقتىمەن
历史上的今天:
ئىككىمىز 2010-11-24سىزگە كۆيدۈم ، دىمەك مەن يوقمەن 2010-11-24مېنىڭ يەنە كىمىم بار ئېدى 2010-11-24