• يەنە بىر قېتىم - [شىئېرلار]2011-12-16

     

    يەنە بىر قېتىم

     

    نېمانچىۋالا چىدىمايدىغاندۇ

    نىمانچىۋالا كۆيىدىغاندۇ

    سېنى سۆيۈپ ، سېنى سېغىنىپ

    ئۆتۈپ كەتتى يەنە بىر كېچە

    ئۆتۈپ كەتتى يەنە بىر پىچاق

    ئۆتۈپ كەتتى يۈرۈكۈمگىچە

     

    ھاياتكەنمەن ، شۈكرى دەيمەن

    سېنى سېغىنغىنىمنى

    ھىس قىلىشقا يەنە باشلايمەن

    ئاھ،ھېلىقى چىدىغۇسىزلىقنى

     

    نېمانچىۋالا قېينايسەن

    نىمانچىۋالا باقمايسەن

    ماڭا بىر باق!پەقەت بىر قېتىم!

    مېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىل!

    ھۆكۈم قىلغىن بولامدۇ جېنىم؟

     

    ئۆتۈپ كەتتىڭ !!!

    يەنە ئۆتۈپ كەتتىڭ

    يەنە كۈتىمەن ، يەنە كۈتىمەن

    ياغاي دەپ قۇيۇپ ياغمىغان

    ئاسماندىكى قارا بولۇتتەك

    ياغاي دەپ قۇيۇپ ياغماسلىقىڭنى

    يەنە بىر قېتىم