-
بەدىرخان گۆكچە:مەن كەلدىم ،ئىشىكنى ئاچ - [تۈركچىدىن تەرجىمىلىرىم]2012-02-01
مەن كەلدىم ،ئىشىكنى ئاچ
بەدىرخان گۆكچە
、ئىشىكنى تىرىقلاتتى ، ...ئىچىدىن سادا يوق .
يەنە بىر قېتىم بوش چەكتى ، يەنە يوق ...
بەلكىم ئۇخلىمىغاندۇ ، ئارامسىزلاندۇرماي ، دەپ ئويلاپ باسمىغان ئىشىك قۇڭغۇرۇقىغا قولىنى ئۇزاتتى .
قۇڭغۇراق ئۈنچىقتى ، يەنە يوق ، قايتا قايتا سايرىتىۋەردى ، يوق...
نەپەسلىرىنى توختۇتۇپ ، ئىچكىرىگە قۇلىقىنى تۇتتى ، ھەئە ، ئىچىدىن ئاۋاز كېلىۋاتاتتى ، دىمەك ئۇ ئىچىدە ، دەپ ئويلىدى ۋە كاللىسىغا ئىككى خىل ئوي كەلدى :
يا ئاڭلىمىدى ، يا ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئاچمىدى .
ئىككىنجى ئويى بىر ئاز ئىچىنى ئۆرتىدى ، ئېچىشى كېرەك ، دېدى ۋە ئىشىك قۇڭغۇرىقىنى بېسىۋەردى
ئاچچىقتىن يۈزلىرىنىڭمۇ قىزىپ كەتكىنىنى ھىس قىلىۋاتاتتى .
ئازابلىق بىر ھېكايىگە جەريان بولىدىغىنىنى چۈشەندى ۋە جۇغۇلداپ كەتتى .
بىردىنلا تېلىفون قىلىپ بېقىش ئويى خىيالىدىن كەچتى ، تېلىفون قىلدى ، ئەمما جاۋاب يوق...
بىر قولى تېلىفوندا ، يەنە بىر قولى ئىشىك قۇڭغۇرىقىدا ، ۋە ئىچىدە ‹ تۇيماسلىقى مۇمكىن ئەمەس › دەپ ئويلاپ تۇرغىنىدا ياندىكى بىر قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ، بىر بىرىگە گەپ سۆزسىز قاراپ تۇرۇشۇپ قالدى ...
قوشنا ئىنتايىن خاتىرجەم ، تېلىفون ۋە ئىشىك قۇڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىدىن چىدىغۇچىلىكى قالمىغان كەبىمۇ ئەمەس ، شۇنداق بىر خىل قىياپەتتە ئېدى .
‹ئۆيىدە ئەمەسمىدۇ ئەجىبا ؟› دەپ خىجىللىق ئارىلاش سورىدى قوشنىدىن .
قوشنىسى ئىنتايىن ئېغىر بىسىق جاۋاب بەردى :
‹ سىزچىچۇ ؟›
ھەئە ، بۇ سوئالدا پەقەت خىجىلچىلىقلا بار ئەمما سوئالنىڭ جاۋابى يوق ئېدى .
مېنىڭچە ئىچىدە ، ئاڭلىمىدى بەلكىم ، قانداقلا بولمىسۇن كېتىپ تۇرۇشۇمغا ،‹ ئەپۇ قىلىڭ ، بەك خىجىلمەن › دەپ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن...
‹ قاراڭ › دېدى قوشنىسى :
ئۇ ئىشىڭنىڭ سىزگە ئېچىلمايدىغىنىنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟
ھارغۇچە قۇڭغۇراق بېسىڭ ، ئىشىك قېقىڭ ، تېلىفون قىلىڭ ، بىر قېتىم ئېچىلمىسا ئېچىلمايدۇ دىگەن گەپ .
ئۇ ئىشىك سىزگە ئېچىلار بولسا تۇنجى قېتىم چەككىنىڭىزدىلا ئېچىلماسمىدى ؟ تېخى سىز قۇڭغۇراقنى باسمايمۇ ئېچىلماسمىدى ؟
بايا سورغان ئېدىم ، ئۇنداق ئەمەسمىدى ‹ سىزچە ›؟
تۇنىمىغانلا بىر كىشىنىڭ يۈزىدىن يۇزىگە بۇنداق دىيىشى ئۇنى خىجىل قىلىش بىلەن بىرگە بىرئاز تېرىكتۈردى ، ۋە قوپال قىلىپ :
‹خۇدانىڭ ھەققىدە كىم سىز ؟› دېدى .
‹ مەنمۇ ؟› دېدى ‹مەن سىز كۆرۈشنى ھەم ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىرى ، ئۇ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشىنىڭ سىز ئۆچۈن بىر خام خىيال ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بىرى ، مەسلەن ، سىزنى چاقىردىمۇ ؟ ياق . سىزگە بىرەر سۆز بەردىمۇ ؟ ياق . سىز كېتىشىمگىلا ئۇ ئىشىك ئېچىلىپ قالار دېدىڭىز ،خوش ،بولۇپمۇ چاقىرىلمىغان بىرىگە ئىشىكنىڭ ئېچىلماسلىقىغا ۋە سىزنىڭ خاپا بولىشىڭىزغا سەۋەب بولغىنى نېمە ؟
ياخشى قۇلاق سېلىڭ :
سىز خاتا ئىشىكتىسىز .
خاتا ئىشىكلەردە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ ، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ ، سىزگە ئولۇغ ئېچىلىپ تۇرىدىغان ئىشىكلەرنى ئىزدەڭ ، يۈزىڭىزگە ئۇرۇلغان بىر ئىشىكتىن ، كېرەكسىز ، ۋە ئېچىلمايدىغان بىر ئىشىك نەچچە ھەسسە ياخشى ، بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ .
قوشنا كىرىپ كېتىشىگە ، ئۇ لېفىتنىمۇ ساقلىماستىن ، پەلەمپەيدىن ئىتتىك ئىتىك چۈشۈشكە باشلىدى.
قوشنىسى راست دېدى ، كاللىسىدا خىيال ، قۇلاقلىرىدا ئاخىرقى سۆز جاراڭلاپ تۇراتتى :
‹ئۇنۇتماڭ، ئېچىلمايدىغان بىر ئىشىك ، يۈزىڭىزگە يېپىلغان بىر ئېشىكتىن مىڭ ھەسسە ياخشى ›
Aç Kapıyı Ben Geldim
Kapıyı tıklattı… içerden ses yok,
、ئىشىكنى تىرىقلاتتى ، ...ئىچىدىن سادا يوق .
Bir daha tıklattı, yine yok…
يەنە بىر قېتىم بوش چەكتى ، يەنە يوق ...
Belki uyuyan vardır, rahatsız etmeyeyim diye düşünerek çalmadığı kapı ziline gitti bu sefer eli.
بەلكىم ئۇخلىمىغاندۇ ، ئارامسىزلاندۇرماي ، دەپ ئويلاپ باسمىغان ئىشىك قۇڭغۇرۇقىغا قولىنى ئۇزاتتى .
Zili çaldı, yine ses yok, bir kere daha çaldı…
YOK…
قۇڭغۇراق ئۈنچىقتى ، يەنە يوق ، قايتا قايتا سايرىتىۋەردى ، يوق...
Biraz da nefesini tutup içeriye kulak kabarttı,
Evet; içerden ses geliyor yani o aslında içerde, diye düşündü ve bu durumda aklında iki şık belirdi.
Ya duymuyor ya da özellikle açmıyor (?)!..
نەپەسلىرىنى توختىتىپ ، ئىچكىرىگە قۇلىقىنى تۇتتى ، ھەئە ، ئىچىدىن ئاۋاز كېلىۋاتاتتى ، دىمەك ئۇ ئىچىدە ، دەپ ئويلىدى ۋە كاللىسىغا ئىككى خىل ئوي كەلدى :
يا ئاڭلىمىدى ، يا ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئاچمىدى .
İşte; bu ikincisi biraz içini yaktı, açmıyor olamaz dedi ve bu sefer sağlam yüklendi zile…
ئىككىنجى ئويى بىر ئاز ئىچىنى ئۆرتىدى ، ئېچىشى كېرەك ، دېدى ۋە ئىشىك قۇڭغۇرىقىنى بېسىۋەردى...
Yüzünün kızardığını ve kalp atışlarının hızlandığını hissetti.
ئاچچىقتىن يۈزلىرىنىڭمۇ قىزىپ كەتكىنىنى ھىس قىلىۋاتاتتى .
Hazin bir hikayenin kapısında cereyana tutulduğunu anladı ve titredi.
ئازابلىق بىر ھېكايىگە جەريان بولىدىغىنىنى چۈشەندى ۋە جۇغۇلداپ كەتتى .
Bu arada bir de cepten aramak geldi aklına; eli telefona gitti, aradı çalıyor ama cevap yok!…
بىردىنلا تېلىفون قىلىپ بېقىش ئويى خىيالىدىن كەچتى ، تېلىفون قىلدى ، ئەمما جاۋاب يوق...
Bir eli telefonda diğer eli zildeyken ve içinden “duymaması imkansız” diye düşünürken, yan komşunun kapısı açıldı, bir müddet tek kelime konuşmaksızın ikisi de birbirine baktı…بىر قولى تېلىفوندا ، يەنە بىر قولى ئىشىك قۇڭغۇرىقىدا ، ۋە ئىچىدە ‹ تۇيماسلىقى مۇمكىن ئەمەس › دەپ ئويلاپ تۇرغىنىدا ياندىكى بىر قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ، بىر بىرىگە گەپ سۆزسىز قاراپ تۇرۇشۇپ قالدى ...
Komşu gayet kendinden emin, O ise telefonla kapı zilinin arasına sıkışmış bir gayretkeşlikle dibine kadar mahcup, bir o kadar ezgin.
قوشنا ئىنتايىن خاتىرجەم ، تېلىفون ۋە ئىشىك قۇڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىدىن چىدىغۇچىلىكى قالمىغان كەبىمۇ ئەمەس ، شۇنداق بىر خىل قىياپەتتە ئېدى .
“Evde yok mu acaba?” diye utanarak sordu komşuya.
‹ئۆيىدە ئەمەسمىدۇ ئەجىبا ؟› دەپ خىجىللىق ئارىلاش سورىدى قوشنىدىن .
Komşu gayet sakin cevap verdi.
قوشنىسى ئىنتايىن ئېغىر بېسىق جاۋاب بەردى :
“Sence?”
‹ سىزچىچۇ ؟›
Evet, bu sorunun mahcubiyeti var ama cevabı yoktu işte…
ھەئە ، بۇ سوئالدا پەقەت خىجىلچىلىقلا بار ئەمما سوئالنىڭ جاۋابى يوق ئېدى .
Sadece “şeyy” dedi, “şeyyy yani!”
“Bence içerde de, duymuyor gibime geldiydi de o yüzden yani, neyse gidiyim ben ‘şeyy’ özür dilerim, çok özür dilerim…”
مېنىڭچە ئىچىدە ، ئاڭلىمىدى بەلكىم ، قانداقلا بولمىسۇن كېتىپ تۇرۇشۇمغا ،‹ ئەپۇ قىلىڭ ، بەك خىجىلمەن › دەپ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن...
“Bak” dedi komşu;
‹ قاراڭ › دېدى قوشنا :
“O kapının sana açılmayacağını anlamadın mı?
ئۇ ئىشىڭنىك سىزگە ئېچىلمايدىغىنىنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟
İstediğin kadar zile bas, kapıyı vur, telefonunu aç, bir kapı açılmıyorsa açılmayacak demektir.
ھارغۇچە قۇڭغۇراق بېسىڭ ، ئىشىك قېقىڭ ، تېلىفون قىلىڭ ، بىر قېتىم ئېچىلمىسا ئېچىلمايدۇ دېگەن گەپ .
O kapı sana açılacak olsa ilk tıklatışta açılmaz mıydı?
ئۇ ئىشىك سىزگە ئېچىلار بولسا تۇنجى قېتىم چەككىنىڭىزدىلا ئېچىلاسمىدى ؟
Daha sen çalmadan o kapı açılmış olmaz mıydı?
تېخى سىز قۇڭغۇراقنى باسمايمۇ ئېچىلماسمىدى ؟
Demin sormuştum şimdi söyle, öyle olmaz mıydı ‘sence’de?”
بايا سورىغان ئېدىم ، ئۇنداق ئەمەسمىدى ‹ سىزچە ›؟
Bir anda gerçeğin böyle üstelik tanımadığı biri tarafından yüzüne direk söylenmesi mahcup etmekle birlikte biraz da kızdırmıştı ve ses tonunu biraz da sertleştirerek;
تۇنىمىغانلا بىر كىشىنىڭ يۈزىدىن يۈزىگە بۇنداق دىيىشى ئۇنى خىجىل قىلىش بىلەن بىرگە بىرئاز تېرىكتۈردى ، ۋە قوپال قىلىپ :
“Siz kimsiniz Allah aşkına?” dedi.
‹خۇدانىڭ ھەققىدە كىم سىز ؟› دېدى .
“Ben mi?” dedi. “Ben gerçeğim, senin görmek ve duymak istemediğin gerçek, o kapının açılmasının senin için bir hayal olduğunu bilecek kadar gerçek, mesela seni ‘O’ mu çağırdı? Hayır. Sana bir söz mü verdi? Hayır. Sen sadece giderim ve o kapı bana açılır dedin.
‹ مەنمۇ ؟› دېدى قوشنا ‹مەن سىز كۆرۈشنى ھەم ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىرى ، ئۇ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشىنىڭ سىز ئۆچۈن بىر خام خىيال ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بىرى ، مەسلەن ، سىزنى چاقىردىمۇ ؟ ياق. سىزگە