قوللاش، مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات(2)
قوللاش، مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات(1)تا بەزى گەپ سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ ئۈچى ئايرىلماس بىر گەۋدە. بەزىدە مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. باشقىلارنى «مېنى قوللا!» دەپ مەجبۇرىلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتنى تەڭ ئېلىپ مېڭىش، ئۇزۇن مۇددەت بۇ يولدا چەبدەس قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەشنى كۆڭلىگە پۈككۈچىلەر ئاۋۋال باشقىلارنى قوللايدۇ، ئۈن-تىنسىز باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇدى. ۋاقتى سائىتى كەلگەندە، قوللاشقا ئېرىشكەن تەرەپ مىننەتدارلىق ۋە خۇشاللىق بىلەن سىزگە قوللىغۇچى بولىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى قوللاش بولىدۇ. باشقىلارغا شەرت قۇيۇش بەدىلىگە كەلگەن قوللاشنىڭ ئۆمرى ۋاقتلىق بولىدۇ، پەقەت چىن كۆڭلىدىن ئۆزى خالاپ قىلىۋاتقان قوللاش ھەقىقىي ئۈنۈملۈك قوللاشتۇر.
ئۆزى خالاپ قوللىغۇچىلار سىزدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنى نەزىرىڭىزدىن ساقت قىلىۋەتمەڭ. ھەرۋاقىت ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، مەلۇم شەكىل بىلەن رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنۇتماڭ. ھېچبولمىغاندا، ئاددىيغىنە «رەھمەت» سۆزى چىن قەلبىڭىزدىن چىقىپ قوللىغۇچىلىرىڭىزنىڭ قەلبىنى ئىللىتسۇن.
2010/12/16 23:50:20
راس ئېيتىسىز . بەزىدە يازمامغا بىرەر ئىنكاس چۈشۈپ قالسا شۇنچە خوشال بۇلۇپ كېتىمەن . ئاشۇ ئىنكاسلار ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام ئېلپ كېلىدۇ .
2010/12/17 07:51:09
شۇنداق، ئۇمۇ بىر خىل قوللاش، بىر خىل ئىلھام
2010/12/17 10:42:35
لى كەي فۇ مەكتىپىمىزگە كەلگەندە مۇنداق دېگەنىدى:ئۇنىڭ بىر پروفىسسورى ئۇنىڭ بىلەن بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن،ئەمما،پروفىسسورى ئۇنى قوللىغان،يەنى:مەن ساڭا قوشۇلمايمەن،ئەمما سېنى قوللايمەن!…
لى دوكتور ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئون ئىشنىڭ بىرىگە مۇشۇنى تىزغانىدى…
2010/12/17 12:00:31
«مەن ساڭا قوشۇلمايمەن،ئەمما سېنى قوللايمەن!» بۇ گەپ بەك كىلاسسىك بوپتۇ. بىزدە بۇنداق ئىش بەك ئاز ئۇچرايدۇ. ئۆزىمىز قوشۇلمىغاننى قوللاش تۈگۈل، قوشۇلغاننى قوللاشمۇ بىر مەسىلە. بىزدىمۇ «قوللاش» ئېڭى شەكىللەنسە بولاتتى …