يوق، يوق، يەنە ھەم يوق
شۇ دەملەر نېمە يازغۇم بار، يازارغا ھېچ ماجالىم يوق.
كىچەي دەيمەن، كىچەلمەيمەن، كىچىشكە ھېچ ئامالىم يوق.
قەدەھلار ھەم شاراپسىزدۇر، پۇراپ باقماي بىھۇشتۇرمەن،
شۇ دەملەر نېمىنى بىلدىم، بىلىشكە ھېچ مادارىم يوق.
قولاق سال، ئاڭلا ئەي ئەھلى شارابىن سۇنغۇچى دوستلار،
ئىچەي دەيمەن، ئىچەلمەيمەن، ئىچەرگە دىلۇ-رايىم يوق.
شاراپسىزمۇ يېرىم مەست مەن، جاھان يىغلار ئاياغىمدا،
بۇ ھالىمغا بىجان تەمسىل، سۇرارغا جان نىگارىم يوق.
بىرى دەرلەر مېنى ئاشىق، شۇ بەلكى ئاشىقى دۇنيا،
كۈلۈپ قوي سۆزلىگەنلەرگە، ئۇنىڭدىن ئۆزگە زارىم يوق.
بىلىپ قالدىم بۈگۈن ئەسلى مېنىڭدە بارچىسى باركەن،
ئاشۇ رومكىنى چاقماققا يۈرەك، ئۆپكە ، جىگەرىم يوق.
نېمە دەپ سورىما مەندىن ئۆزۈممۇ بىلمىدىم بۇ دەم،
تىزىلغىنى قۇرۇق مىسرا، بۆلەكچە تاڭ نېمە ھەم يوق.
بۇ يوقلار ھەم تامام بولدى، شاراپ يولغا راۋان بولدى،
يېرىم مەست ئۈلپىتى رومكا، نېمە يوق، يوق، يەنە ھەم يوق.
2010/12/18 01:18:40
ۋوي،كىم يازغان شىئىر بۇ؟ئالامەتقۇ؟ شاراپ كەلگەندە مەمەدانلىق قىلىۋالىدىغان بولدۇم…
2010/12/18 19:54:13
كىمنىڭ يازغانلىقى مۇھىم ئەمەس، نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنسەكلا بولدىغۇ … ھاھاھا
2010/12/19 00:47:19
ئوھۇي،يىتىشىۋاتقان شائىركەنغۇ بۇ!
2010/12/19 14:42:11
رەھمەت. ئەمما بۇنچىلىك ماختىغۇچىلىكى يوق ئىدى.
2010/12/19 01:50:52
بىلوگتىكى خەتلەر نۇرمال ئەمەسقۇ؟؟؟
2010/12/19 14:41:30
بۇ ئۇسلۇبقا eot ئۇلاشنى ئۇنتۇپتىمەن. ئەمدى نورماللاشتىغۇ دەيمەن. رەھمەت.