نۇرقۇت دۇنياسى مەن ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بىرىدۇ

ۋاقتى: 2010-12-21 / تۈر: تېمىسىز/ كۆرۈش: 612 قېتىم / 21 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

سىز تورغا چىقسىڭىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ تور كۆرىسىز؟ پاراڭلىشىسىز؟ ئويۇن ئوينايسىز؟ … يەنىچۇ؟ باشقا دېگۈدەك ھېچنېمە يوق. بەك بىچارىمىكەنمەن؟ ياق. مەن قىلىدىغان يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ نۇرقۇت دۇنياسىنى ئارىلاش. چۈنكى بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. گەرچە بۇنىڭغا سەۋەب ياكى باھانە تاپالمىساممۇ شۇنى ئۆزۈم سىزىپ تۇرىۋاتىمەن. 2008-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ بۇ مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەن تەقدىر.

«نۇرقۇت دۇنياسىدىن قانچىلىك كىرىم قىلىۋاتىسىلەر؟ …» ھەر قېتىم بۇ سۇئالغا جاۋاب قايتۇرغىنىمدا نۇرغۇن كىشىلەر ھەيران قېلىشىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ئۆزۈممۇ ئوڭايسىزلىق ھېس قىلاتتىم. ئەمما نۇرقۇت دۇنياسى بىر يىللىق بۇران-چاپقۇننى باشتىن  كەچۈرگەندىن كىيىن، مەن بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپتىم. باشقىلارغا شۇ جاۋابنى قانداق بىرىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلدىم. مەن نۇرقۇت دۇنياسى بىلەن بىللە چوڭ بولدۇم. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتىنى مەن تونۇپ يەتتىم. نۇرقۇت دۇنياسى بەلكىم سىز ئۈچۈن بىر ئۆتەڭ ھېسابلىنىشى مۇمكىن. خالىغاندا كىلىسىز، خالىغاندا كىتىسىز، خالىسىڭىز ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ كىتىسىز، ئاندىن خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇنتۇيسىز. ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. نېمىشقا؟

نۇرقۇت دۇنياسى ئۇ بىر رىۋايەت ئەمەس! نۇرقۇت دۇنياسى ئۇ چۈشمۇ ئەمەس! نۇرقۇت دۇنياسى بىر ئۆتەڭمۇ ئەمەس! ئۇ بىر يول! بىز شۇ يولنى ياسىغۇچى، شۇ يولنى ئاچقۇچى، شۇ يولدا ماڭغۇچى! نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ شۇئارى نېمە؟ «مەقسىتىمىز بىر، مەنزىلىمىز بىر!» كىم بۇنى چۈشۈنۈپ يەتسە، نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ نېمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقىنى يەنە ئويلىنىش ئارتۇقچە بولۇپ قالىدۇ.

مەقسىتىمىز بىر، مەنزىلىمىز بىر!

21 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. ئۇيغۇربەگ
    2010/12/21 18:19:48

    خۇددىي مەن ئۇيغۇربەگنى كۈندە نەچچە رەت كىرىپ چىققاندەك،ھىسىياتىمىز ئوخشايدىكەن

  2. ي. م. ئىلقۇت
    2010/12/22 13:17:47

    بۇ خۇددى ئىلقۇت مەن ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ دېگەن سۇئالنى ئۆزۈمگە قويغانغا ئوخشاش ئىكەن. يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئويلىغان كۆز قارىشىمىزمۇ ئوخشاش ئىكەن.
    مەندىن باشقىلار ئىلقۇت بلوگى سىزگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ دەپ سۇرىسا بۇنىڭغا ئىلقۇت بەلكىم ماڭا ھېچ نەرسە ئېلىپ كەلمىدى. ئەمما باشقىلار ھەر خىل نەرسىگە كۆيىدىكەن. مەن بەلكىم مۇشۇ ئىلقۇت بلوگىغا كۆيۈپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن دەپ جاۋاب بېرىمەن.
    بەزىدە چاقچاق قىلىپ باشقىلارغا مېنىڭ قىز دوست تاپالماسلىقىم (قىسقىسى ئالدىراشچىلىقتا قىز دوست ئىزدەشكە ۋاقىت يوق) بەلكىم مەن ئىلقۇت بلوگىغا كۆيۈپ قالغان بولۇشىم مۇمكىن دەپ جاۋاب بېرىپ قويىمەن. ئەمما بۇنىڭ بەزىدە چاقچاق ئەمەسلىكى ھەققىدىمۇ ئويلىنىپ قالىمەن.

  3. توۋا
    2011/01/04 09:25:46

    ئاتالمىش نۇرقۇت دۇنياسى دىۋالغىنىڭىز نېمىدىن دېرەك بىرەتتى شۇ ، ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەدەنىيتىدىن چەتنەش ، مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى ئۇنتۇش ، كافىرلىق يولىغا مېڭىشتىن دېرەك بېرىدۇ ! بەزىدە مەن شۇنداق ئويلاپ قالىمەن ، نۇرقۇتنىڭ دائىملىق ئەزالىرىنىڭ ، ئۇيغۇرتىلىنى ئۆگۈنىۋالغان باشقا بىر مىللەتمىكىن دەپ قالىمەن ، بەزىدە باشقا بىر دۇنيادىن كەلگەن تىلى ۋە يېزىقى ئۇيغۇرچە مەلئۇن بىر مىللەتمىكىن دەيمەن ، نېمە دىگەن چۈشىنىكسىز گەپلەر ، نېمە دېگەن كىبىر ئۇ ! بىلىپ قويۇڭلاركى كىبىر پەقەت اللە قا خاستۇر .
    چۈشىنىكسىز گەپ : دىۋان ، سافا ، يەنە بىر قىسىم تايىنى يوق ، ئەزەلدىن ئۇيغۇردا يوق يېڭىچە گەپلەر ،
    كىبىر : مەن دېمىسەممۇ ئۆزەڭلەر بىلىسىلەر ، بولسا ھەممە ئادەمنىڭ بىكىتىنىڭ تېگىگە ھېلىقى nurqut team دېگەن خەت تۇرسا ، بولسا ھەممە ئادەم ۋوججو ، نۇرقۇت ھەجەپكەن دېسە ، شۇنىڭ بىلەن ھا ھا ھا دېگىنڭلارچە مەغرۇرلىنىپ تۇرساڭلار شۇنداقمۇ ؟ نېمىشقىكىن ، ھەر قېتىم كىرىمەن ، مۇشۇ كىبىرانىلەرچە ئېيتىلغان ھەر بىر سۆزۈڭلارنى ، باشقا مىللەتنىڭ مۇنازىرە بەتلىرىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنى ، بۇيەرنىڭ ئىنكاسىغا ئۆز پىتى تەرجىمە قىلىپ يېزىپ قويغىنىڭلارنى كۆرسەملا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ ! ئۇلار مۇشۇنداق ئالجوقا سۆزلەر ئەۋج ئالغان دەۋىردە تۇغۇلۇپ ، يىتىلىپ ، مۇشۇنداق تەلۋىلەرچە سۆزلەرنى ئۆگىنىپ قالارمۇ دەپ ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى ، يەرلىك شىۋىسىنى ، ۋە تىل شەكلىنى ھەر قانداق بىر ئادەم ۋە مۇشۇنداق تور تەشكىلاتىنىڭ ئۆزگەرتىش ھوقۇقى يوق ، ئۇنداق چەتئەل چوڭ داداڭلارنىڭ سۆزلىرىنى مىللىتىمگە سىڭدۈرمەڭلار ! ئەگەر شۇنداقلا قىلىمەن دېسەڭلار ! لەنەت بولسۇن ! بۇ دۇنيا ھامىنى بىر كۈن تۈگەيدۇ ! ئۇ دۇنيا ھەقىقىي دۇنيا ، بۇ دۇنيادا نادانلىرىمىز بىلمىگەن بولسا ، ئۇ دۇنيادا ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر بىر رەزىللىكى ۋە ياخشىلىقى ئاشكارە بولىدۇ ! ئادەمنى ئۇنداق سەسكەندۈرمەڭلار ! نۇرقۇتسىزمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقى شۇنداق گۈللەنگەن ، ھەم يەنىمۇ شۇنداق بولىدۇ ! نەگىلا قارىسا ئۆزىنى داڭلىغان . ئىكرانغا كۈندە تۈكۈرۈپمۇ خېلى يېڭىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ، نۇرقۇتنى ئاچساملا ئىكرانىم تۈكۈرۈكتە پاكىزلىنىدىغان بولدى . !

    • نۇرقۇت
      2011/01/04 13:41:24

      كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ مەن نېمە دىيىشنى ئۇقمىدىم. بۇنچىلىك چوڭ قالپاق مېنىڭ بېشىمغا چوڭ كىلىپ قالىدۇ.
      «ئاتالمىش نۇرقۇت دۇنياسى دىۋالغىنىڭىز نېمىدىن دېرەك بىرەتتى شۇ ، ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەدەنىيتىدىن چەتنەش ، مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى ئۇنتۇش ، كافىرلىق يولىغا مېڭىشتىن دېرەك بېرىدۇ !» بۇ گەپنى دىيىشتىكى ئاساسىڭىزنى تاپالمىدىم. نۇرقۇتتا مەدەنىيەتتىن چەتنەش، دىننى ئۇنتۇشقا ئائىت قانداق ئىشلارنى سادىر قىلغىنىمنى بىلمىدىم.
      nurqut team دېگەن خەتنى بىز زورلاپ تاڭمىدۇق. …

      مەن سۈكۈت قىلىمەن. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر!

    • سافا، دىۋان دېگەن گەپلەردىنغۇ مەنمۇ جاق تويدۇم :twisted:
      لېكىن ئەمدى بۇنداق خاس تېخنىكىلىق پاراڭلار بولىدىغان تور بەتنى دىنغا مۇخالىپ، ئېتقادتىن چەتنىدى، مىللىي مەدەنىيەتتىن يىراقلاشتى دېيىش ئىنتايىن قاملاشمىغانلا بىر ئىش، تېخنىكىلىق پاراڭ بىلەن دىننىڭ، مىللىيلىكنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟ دىنغا مۇخالىپ كەلدى دېگەن يەرلىرىڭىز بولسا پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، بولمىسا دىننى دەستەك قىلىپ باشقىلارنى كاپىرغا چىقىرىدىغان بۇنداق ئوسۇرۇقتەك گەپ قىلمىسىڭىز؟؟

      • نۇرقۇت
        2011/02/28 17:47:52

        سافا دېگەن گەپنى بىز ئىشلەتمىدۇق. باشقا بېكەتلەردە يۇقتۇرىۋالغان ئۇ ئادەت بىلەن بىزىڭ بېكەتنىڭ ئالاقىسى يوق، بەزىدە شۇنداق ئىنكاسمۇ يېزىلىپ قالىدىكەن، ئەمما ئۇچرىغاننى ئۆچۈرۈپ مېڭىۋاتىمىز.
        «دىۋان» سۆزىنى بىر دوستىمىز تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ «دىۋان» بىزنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە، شۇنداقلا ئېسىل مېھمانلارغا سېلىپ بىرىلىدىغان نەرسە دېگەچكە بۇنى ئىشلەتكەن. راستلا بۇ سۆز بارمۇ-يوق بۇنىڭغا مەن ئىنىق بىر نېمە دىيەلمەيمەن. شارائىتى بارلار تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ.

  4. توۋا
    2011/01/04 21:42:51

    ئۆزىڭىزنى سىز قارا توغرا بىر دېھقان بالىسى ھەم بىر مۇئمىن ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ راسا بىر ئويلاڭ ! شۇندىلا چەتنىگەن جاينى ياخشى تاپالايسىز . توغرا سىز كىشىلەرگە ، جۈملىدىن تورداشلارغا بىلىم بېرىۋاتىسىز ، بۇ ئەلبەتتە تەرىپلەشكە تېگىشلىك ئىش ، لېكىن تازنىڭ نېمىسى بار ، ؟ تۆمۈر تارغىقى دېگەندەك ، ئۆزىڭىزنىڭ ئالتۇن ، باشقىلارنىڭ تۆمۈرما ؟
    « سىز تورغا چىقسىڭىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ تور كۆرىسىز؟ پاراڭلىشىسىز؟ ئويۇن ئوينايسىز؟ … يەنىچۇ؟ باشقا دېگۈدەك ھېچنېمە يوق. بەك بىچارىمىكەنمەن؟ ياق. مەن قىلىدىغان يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ نۇرقۇت دۇنياسىنى ئارىلاش. چۈنكى بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. گەرچە بۇنىڭغا سەۋەب ياكى باھانە تاپالمىساممۇ شۇنى ئۆزۈم سىزىپ تۇرىۋاتىمەن. 2008-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ بۇ مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەن تەقدىر. »
    يۇقارقى سۆزلەرگە قارىغاندا دىمەك سىز تورغا چىقىشنى بىلگەندىن تارتىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئوخشىمامسىز ، دىمەك سىز مېڭىشنى ئۆگۈنۈپ بولدىڭىز ، ئەمدى ئۆمىلەۋاتقانلار ھېچنىمە شۇنداقمۇ ؟

    يەنە ماۋۇ نۇرقۇت دۇنياسى دىگىنىڭىز ، دەپسىزكى ، رىۋايەت ئەمەس ، چۈش ئەمەس ، ئاھ خۇدا ، مۇشۇنچىۋالا دېۋەتكۈدەك نېمە بۇ ؟ ئىلاھىي كىتابما ؟ ياكى بىر سىرلىق قەلئەمۇ ؟ بىر توربەتقۇ ، نېمىشقا تەدبىركار ، تورخۇمارلار ۋە باشقا بىلوگلار مۇشۇنداق دېمەيدۇ ؟ چۈنكى ئۇلار كىبىرنىڭ ئاللاھقا خاسلىقىنى بىلىدىكەن . سىز پاساھەتلىك سۆزلىرىڭىز بىلەن مۇشۇنچۋالا سىرلىقلاشتۇرۇپ ياكى ھەددىدىن ئاشۇرغىلى سىز ئۇيغۇرلارغا شۇ بىر دىسكۇزنى تەرجىمە قىلىپ بىرىپسىز ، نېمىشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يەنە بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان مۇنبەرلەرنى تەرجىمە قىلغانلار ئۇنداق قىلمىغاندۇ ؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭ شان – شۆھرەت بىلەن خوشى يوقمىدۇ ؟
    بىلىڭ يىگىت ، ئادەم شۇنداق قىلىش كىرەككى ، بىراۋغا ئوڭ قولى بىلەن قىلغان ياخشىلىقىنى سول قولى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە قىلىشى كېرەك . مىننەت قىلىش بۇ ياخشى ئىش ئەمەس .
    سىز ئاللاھنى چىن دىلىڭىزدىن سۆيەمسىز ؟ قېنى بۇنى نۇرقۇتنىڭ ھېچقانداق يېرىدىن بىلگىلى بولمايدىكەنغۇ ، مېنىڭچە شۇ ئېنگىلسلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پەن – تېخنىكىسىنى بەكرەك سۆيىسىزغۇ دەيمەن . سۆيۈش كېرەك . سىز كىچىك چېغىڭىزدا سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكىلەر قانداق بولسا ، سىزمۇ شۇنداق بولۇڭ . ئۆرپ – ئادەتنى ، بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدىكى يوقىلاڭ تەرەققىياتىڭىز تۈپەيلى مەغرۇرلىنىپ يوقاتماڭ . گەپ – سۆزلىرىمنى ياخشى چۈشىنىپ ئوقۇڭ !
    بەك چەتنەپ كېتىپسىز ، مۇشۇ بىر نەچچىڭلارنىڭ مۇشۇ دۇنيارىڭلاردا قىلىشىدىغان بەزى سۆزلىرى ھەقىقەتەن مىللىتىمدەيوق سۆزلەر . يەنە ماۋۇ باش سۈرىتىڭلارنىڭ مەنىسى نىمە ؟ نېمانداق ھەممىڭلار شەكلى بىر خىل ، بىر مۇشۇ سەت قونچاققا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى كەيدۈرۈپ قويغان ، يەنە بىرى بىر قانداق ، ئۇ يەنە باش بارمىقىنى مۇنداق تەڭلەپ تۇرغىنى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ ؟ ھەيرانمەن . كىچىككنە نوقتىلاردىن سىز قۇتادغۇبلىك نى ۋە ، ھەقىقىي ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ، بالا ۋاقتىڭىزدىكى سەھرادىكى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ھالەتلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ، راسا ئويلاڭ ، شۇندىلا دىندىن ، ۋە ئۆرپ – ئادەتتىن قانچىلىك چەتنىگىنىڭىز ئايان بولىدۇ ، ئەمدى چەت يۇرتلاردا ئىماننى سۇسلاشتۇرىدىغان ، يىمىسە ئاچ قالىدىغان ، ئاستا – ئاستا يەپ كۆنۈپ قالىدىغان تائاملار بىلەن شۇ غورۇر كۆيۈپ كەتكەن بولسا ، بۇنى ھېس قىلىشىڭىزمۇ ئاسان ئەمەس ، شۈكىرى ھەر نېم بولسا ئانا تىلنى خىلمۇ – خىل ئىپادىلىگەن بىلەن يېزىلىشىنى ئۇنتۇپ قالماپسىز ! بولسا مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز ۋە ئۆز ئەينىدىكى مىللىي ئۆرپ – ئادىتىمىز ئۈچۈن بىلىملىرىڭىزنىمۇ چىقىرىپ قويۇڭ ! ئاللاھ پىتنە – پاساتلاردىن خالىي قىلار بەلكىم !
    مەن ئاخىرىدىكى بىر – ئىككى جۈملە سۆزۈم ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن . چۈنكى مەن مۇشۇنداق ئارتۇق ئىشلارغا ئارلىشىدىغان ئادەم ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ! سىزنىڭ قايتۇرغان جاۋابىڭىزنى كۆرمىگەن بولسام ، ۋە ئىنكاسىمنى ئۆچۈرگەن بولسىڭىز ، قەلبىمدىكى كىچىككىنە ئوبرازىڭىزمۇ تەڭلا ئۆچۈپ كەتكەن بولار ئىدى . ئۇكاممۇ دىمەي ، بولسا قېرىندىشىم ، سىز مەيلى نەدە ئوقۇڭ ، مەيلى نېمە تىللارنى ئۆگۈنۈڭ ، مەيلى قانداق پەن – تېخنىكا ئىگىسى بولۇپ كېتىڭ ، سىزنى سىز قىلغان ، ئەڭ ئاۋۋال شەپقەتلىك رەببىمىز ، ئاندىن قالسا مۇشۇ ئۇيغۇر مىللىتى . شۇڭا سىز ئاسمان كەبى كۆككە ئۆرلەپ كەتسىڭىزمۇ ، ئەسلىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ، ھەم ئۇنى ئاستا خاراكتىرلىك ۋابا كېسىلىدەك ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇرۇنماڭ . كېيىنكى ئەۋلادلار بىزلەرگە لەنەت ئوقۇمىسۇن ، قەبرىمىزگە گۈل قويۇشنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويمىسۇن ! ئاللاھ سىزگە ئۆزىڭىزنى تونۇغىدەك ئەقىل – ئىدراك ئاتا قىلغاي . ئەمدى ھەرگىزمۇ ئىنكاس يازمايمەن .

    • نۇرقۇت
      2011/01/05 14:52:28

      يۇقارقى سۆزلەرگە قارىغاندا دىمەك سىز تورغا چىقىشنى بىلگەندىن تارتىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئوخشىمامسىز ، دىمەك سىز مېڭىشنى ئۆگۈنۈپ بولدىڭىز ، ئەمدى ئۆمىلەۋاتقانلار ھېچنىمە شۇنداقمۇ ؟

      يەنە ماۋۇ نۇرقۇت دۇنياسى دىگىنىڭىز ، دەپسىزكى ، رىۋايەت ئەمەس ، چۈش ئەمەس ، ئاھ خۇدا ، مۇشۇنچىۋالا دېۋەتكۈدەك نېمە بۇ ؟ ئىلاھىي كىتابما ؟ ياكى بىر سىرلىق قەلئەمۇ ؟ بىر توربەتقۇ ، نېمىشقا تەدبىركار ، تورخۇمارلار ۋە باشقا بىلوگلار مۇشۇنداق دېمەيدۇ ؟ چۈنكى ئۇلار كىبىرنىڭ ئاللاھقا خاسلىقىنى بىلىدىكەن . سىز پاساھەتلىك سۆزلىرىڭىز بىلەن مۇشۇنچۋالا سىرلىقلاشتۇرۇپ ياكى ھەددىدىن ئاشۇرغىلى سىز ئۇيغۇرلارغا شۇ بىر دىسكۇزنى تەرجىمە قىلىپ بىرىپسىز ، نېمىشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يەنە بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان مۇنبەرلەرنى تەرجىمە قىلغانلار ئۇنداق قىلمىغاندۇ ؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭ شان – شۆھرەت بىلەن خوشى يوقمىدۇ ؟
      بىلىڭ يىگىت ، ئادەم شۇنداق قىلىش كىرەككى ، بىراۋغا ئوڭ قولى بىلەن قىلغان ياخشىلىقىنى سول قولى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە قىلىشى كېرەك . مىننەت قىلىش بۇ ياخشى ئىش ئەمەس .

      بۇ خۇلاسە چىقارغاندىكى زاكۇنىڭىزنى مەن چۈشىنىشكە ئاجىز كەلدىم. كەچۈرگەيسىز. بولسا ئەيىبلەش بىلەنلا توختاپ قالماي، زاكۇنىڭىز ۋە بىز قانداق قىلساق توغرا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەيسىز. رەھمەت.

      مەقسەتسىزلا يىزىلغان بۇ خەتلەرنى ئۇنچە ئىنچىكلەپ قۇسۇر تېپىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولار ئىدى. مەن ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەيمەن. سىزنىڭ مەن ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈملىرىڭىز زورلاپ تېڭىلىپتۇ. قەيەرلەردە يۈرۈپ بۇنداق يامان تۇيغۇ بەرگىنىمنى بىلمىدىم. قېرىندىشىم، باشقىلار ھەققىدە ھۆكۈم ياكى خۇلاسە چىقىرىشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىپ باققايسىز. مەن ۋىجدانىمغا، مىللىتىمگە، دىنىمغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلمىدىم. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

    • تورچى
      2011/01/05 15:19:58

      ھەممە ئادەمدە كەمچىللىكلەر بولدۇ، بولسا ياخشى تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرغا قويۇڭ. ھەممىمىز تۈزىتەيلى.

    • تۇغچى
      2011/01/05 18:27:11

      ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىن تورخانىغا قىچىپ چىقىپلا ئىنكاس يىزىۋاتامسىز قانداق؟
      ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىچىڭىز بەك قوتۇركەن.ئاخىرى ھەسەتخورلۇق كىسىلى بىلەن قان قۇسۇپ ئۆلىدىغان ئوخشايسىز.

      نۇرقۇت ئەپەندىمگە : ماۋۇ ئىنكاس ھەققىدە بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ. خۇشاللانسىڭىز توغرا بولىدۇ ئەسلى،چۈنكى نۇرقۇت دۇنياسى باشقىلاردا شۇنچىۋالا ھەسەتخورلۇق،كۆرەلمەسلىك قوزغىيالاپتۇ.

  5. توۋا
    2011/01/06 02:59:53

    ئۇنداق ئەمەس ، ھەسەتخور دىگەن تازا ماس كەلمىدى ، مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنى راسا ئويلىساڭلار بىلىسىلەر ، سىلەر نېمە ئىش قىلساڭلار يىگىتلەر ، ئاۋۋال ئۇلۇغ اللە نى ياد ئەتكەن ئاساستا ، ئاندىن قالسا سۆيۈملۈك ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادىتىمىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قىلىڭلار ، دىيارىم تورىنى ئەسلەڭلار ، ئۇ تەرەققىي قىلىشتىن تارتىپ تاكى توختىغىچە بولغان ئارىلىققىچە بارغانسىرى تور بېتىنى مىللىي پۇراققا ئىگە قىلغان ، ھەتتا ئىنكاس يازغۇچىلارمۇ شۇ بويىچە ، شۇ مىللىي پۇراققا ئەگىشىپ ئىنكاس يازاتتى ، ھەر بىر ئەزانىڭ باش سۈرىتى ھەتتا ئىمزاسى ، ھەر بىر يوللىغان تىما ، ئىنكاسلىرىدىن تارتىپ مىللىي پۇراقنى پۇرىيالايتۇق .
    مەن نىم قىلىمەن نۇرقۇتقا ھەسەت قىلىپ ، مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم كاشكى ئازراقمۇ ئوخشاش بولۇپ قالسىكەن ، شۇنداق دېسەڭلارمۇ ، تۇغچى يىگىت ، بۇ مۇنازىرە سورۇنى ، چېچىلماي ، پوداقچىلىق قىلماي تۇرۇپ ، ب تەرەپ بولۇپ تۇرۇپ ، ئويلىنىپ ئىنكاس يېزىڭ ! توغرا نۇرقۇتنى قوغدىغىنىڭىز ، ئۇنىڭ تەرەپدارى بولغىنىڭىز ياخشى ، مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ ھەر بىرى ئەۋۋال ئۇلۇغ رەببىم ئۈچۈن ، ئاندىن قالسا ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن بولىدۇ . سىلەرمۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر بولغاندىكىن ، مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنىگەندە ، بىراۋ تارتىپ ، ئەنئەنە كاتگۇرىيسىگە ئەكىرىپ قويۇشى كىرەك . ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، مەسلەن : سىز ئامىرىكىنى دورىسىڭىز ، مەن ئەنگىلىيەنى دورىسام ، يەنە بىرى بىر يەنى دورىسا ، بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا نېمىنى ئۆگۈتىمىز ، دوراۋىرىپ ، بىز ئۇنتۇپ قالساق ، ئاتا – بوۋىمىز قەبرىدىن قوپۇپ كېلىپ ئۆگۈتۈپ قويامدۇ ؟ ياق ، مۇمكىن ئەمەس ، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتى ، ئەنئەنىسى يوقىدى دېگەن گەپ ، ئۇ مىللەت يوقالدى دىگەن بىلەن باراۋەر .
    نۇرقۇتنىڭ نۇر قۇتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . لېكىن ئۇيغۇرنىڭ بولغاندىكىن چوقۇم شۇ مىللەتنىڭ مىللىي كاتگۇرىيسى ئىچىدە بولۇشى كېرەك . تور بەتنى سىز پۇل تۆلەپ سېتىۋالدىڭىز ، ئۆزىڭىز ئەجىر قىلىپ ئاچتىڭىز ، لېكىن ئۇيغۇر تۇرۇپ ، ئۇيغۇرنىڭ يېزىقىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ، باشقا مىللەت پۇرىقىنى چىقىرىش ، ئىنگىلىسلارنىڭ مەدەنىيتى بويىچە ئىش كۆرۈش ، بۇ تۈپتىن توغرا ئەمەس . سىلەر ئەقىل ئېگىسى ، تورداشلارنى قايسى پۇراققا باشلىساڭلار ، قايسى مەدەنىيەتكە باشلىساڭلار شۇ يەرگە كېتىدۇ . ھازىرقى چوڭ بولغان بالىلارنى مەن دىمىسەممۇ بىلىسىلەر ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئېتىقاد ئاجىز ، مىللىي ئەنئەنىنى بىلىش زىيادە كەمچىل . مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ، سىلەر يەنە شۇ غەلىتە پۇراقلارنى تارقاتساڭلار ، بۇلار شۇ بويىچە يېتىلمەي قالارمۇ ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولۇپ ، يەنە ئۇزۇن يىللار ياكى ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئەۋلادلار ياتىيلاڭ بىر توپ ياكى غەلىتە خەلق بولۇپ يېتىشسە بۇنىڭ جاۋابكارى كىم ؟
    ياخشى ئويلىنىڭلار ! ئىلىم – پەن تېخنىكىسىنى ، تەرەققىياتنى ۋە ھەرقانداق زامانىۋىيلىقنى دىننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ، مىللىي ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ، سىرتىغا چەتنىمىگەن ئاساستا ئېلىپ بارغىلى بولىدىغۇ ! بۇنداق بولسا نەقەدەر ياخشى ھە !!!
    مىللىي ئۆرپ – ئادەت يوقالغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئېتىقادىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس . مىللىتىمىزدە ئېتىقاد تارىختىن بۇيان مىللىي ئۆرپ – ئادەت ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ ، ئەقىلىگە يەتكەندە دىننىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يېتىش ھالىتىدە بىزلەرگە مىزان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . شۇڭا سىزلەرگە دەيدىغىنىم : دائىرە ئىچىدە تورداشلارغا يەنىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى سۇنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
    تۇغچى : مەن سىزگە يەنە بىر ئېيتاي ، باشقىلارغا بىر نەرسە دىيىشتىن بۇرۇن تىمىسىنى ۋە ئىنكاسىنى ياخشى ئوقۇڭ ، بۇ ھەرگىزمۇ ھەسەتخورلۇق ئەمەس ، بەزى بىر قىسىم ۋىجدانىنى قۇرىت يەپ ، تور بەتلىرىگە سېرىق ئېلان قويۇپ ، تاپقان پۇلىغا شورپا ئىچىدىغانلاردىن نۇرقۇت نەچچە مىليۇن ھەسسە ياخشى ، لېكىن مېنىڭ بۇ يەردە سۆزلىگنىم ھەسەتخورلۇق ئەمەس .
    ئەگەر نۇرقۇت باشقا بىر مىللەت بولۇپ ، مىللىي ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، ھەر يەردە دام – دام قىلغان بولسا ، بەلكىم ھەسەت قىلىشىم مۇمكىن ئىدى ، « ھەي بىزنىڭ مىللەتمۇ نېمىشقا ئۆرپ – ئادىتىمىزنى ، مىللىي ئەنئەنىمىزنى مۇشۇنداق ياخشىلىمايدىغاندۇ ، ئاۋۇلارنىڭ ھەجەپكەن – ھە ! » دەپ ، شۇلارغا ئازراق ھەسەت قىلىشىم مۇمكىن ئىدى .
    سىزنىڭ بۇ دىگەن گىپىڭىز ، ئېغىلغا زادىۋال تۇتقاندەكلا بىر گەپ بوپتۇ . توغرا مەن قان قۇسۇپ ئۆلۈشۈم ياكى مەغرۇر ھالدا مىللىتىمدىن پەخىرلىنىپ ئۆلۈشۈم مۇمكىن ، لېكىن قان قۇسۇپ ئۆلسەم بۇنىڭ سەۋەبى ، مىللەتنىڭ بارغانسىرى دىنسىزلىشىپ ، مەلئۇنلىشىپ ، ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا ئوخشىماي ، ئادەم دېسە ئادەم ئەمەس ، ھايۋان دېسە ھايۋاندىن ئۆتە بولغانلىقى ۋە مىللىي ئەنئەنىنىڭ يوقىلىپ ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قىلىپ ياكى مىللىي ئوبرازىمىز كىشىلەر قەلبىدىن يوقالغانلىقىدىن بولىدۇ .
    بەلكىم سىز شۇ نان يىسىڭىز قوسىقىڭىز تويغىنىنى ، ئاخشىمى ئۇخلىسىڭىز ، ئەتىگىنى تۇرۇشنى ، ئانچە – مۇنچە تورغا چىقىشنى بىلگەن ، ھەم شۇ ئىشلارغا مەشغۇل بولۇپ ، غەم يېيىش توغرا كەلسە ، شۇ ئۆيىڭىزنىڭ ئىشلىرى ۋە ئۆزىنىڭىزنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا غەم قىلىپلا ئۆتۈشىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا بۇنداق ھېسىياتنى سىز ئۆلۈپ ، يەنە قايتا تىرىلسىڭىزمۇ بىلمەيسىز ، ھەم ئۇنداق قىلالمايسىز ، لېكىن مەن ئۇنداق ناننى پوق ئىتىپ ، يوتقاننى كىر قىلىپ ، سىزدەك خەققە گېپىم بار دەپ ، 5 ياشلىق بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ ئۆتەلمەيمەن .
    مېنىڭ ئەقلىم يېتىلگەندىن بېرى كۆزۈم مىللىتىمدە ، تاماي يەي ، ياكى تىلىۋۇزۇر كۆرەي ، ۋە ياكى تورغا چىقاي ، جىمى خىيالىم شۇ مېھرى ئىسسىق ، نامى جاراڭلىق ئاڭلىنىدىغان ئۇيغۇرۇمدا ، بىرنى تۈزىتەلىسەممۇ ھىساب ، ئىككىنى تۈزىتەلىسەممۇ ھىساب ، مەن ئىشىنىمەنكى مەن يالغۇز ئەمەس ، ئەۋۋال رەببىم ماڭا ھەمراھ ، ئاندىن قالسا ئۇيغۇرنىڭ قوينىدا چوڭ بولۇپ ، ئۇيغۇرنىڭ غېمىنى يەيدىغان قېرىنداشلىرىم تېخى تۈگەپ قالغىنى يوق .
    گېپىم تامام . تۇغچى سىزگە رەھمەت ! نۇرقۇتتا بىر تەخسىكەشنى بايقىتىپ قويدىڭىز . تەخسە چېقىلىپ كېتىدۇ . لېكىن ھەق سۆز ھامىنى مۇستەھكەمدۇر !
    نۇرقۇتجان ، ھېزى بولۇڭ ! مۇنداق بىر تەمسىل بار ، « ئاغزىدا ھى ھى قىلادۇر ، دىلى زەھەر خۇمىسى گۇي »
    يەنە بىرسى « دوست يىغلىتىپ ، ئېچىشتۇرۇپ ئېيتار ، دۈشمەن ماختاپ تۇرۇپ ، كۈلدۈرۈپ » .
    ماختىغانلاردىن پەخىرلەنمەڭ ، تەنقىدلىگەنلاردىن ھەرگىز ئاغرىنماڭ ! اللە ھەممىڭلارنىڭ ئىمان – ئېتىقادىنى مۇستەھكەم قىلسۇن ! ئادەم ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ئۇنتۇش — بۇ ھايۋاننىڭ ئىشى . ئۇيغۇر دېگەن ، مېنىڭ ، سىزنىڭ ، بىزنىڭ ئانىمىز !

    • تورچى
      2011/01/06 09:15:44

      شۇنداق نۇرقۇتمۇ، دىنىمىزنى مىللىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، نۇرقۇتنىڭمۇ ئىشلىگەن مەھسۇلاتلىرىنى بەكمۇ مىللىي پۇراققا ئىگە ئۇسلۇپ قوشۇپ تارقاتقۇسى بار ئىدى. لېكىن بىزدە ھازىرچە مىللىي ئۇسلۇپتا رەسىم لاھىيلەپ بېرىدىغان ئادەم يوق. شۇڭلاشقا ئامال بولمىدى. ئەگەر قولىڭىزدىن كەلسە ياردەمدە بولارسىز.ياكى بولمىسا قىلالايدىغان ئادەم بولسا تەۋىسسىيە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    • تۇغچى
      2011/01/13 04:13:20

      مىللەتنى تۈزەتمەكچى بولسىڭىز،توردا نەسىھەت قىلغاندىن كۆرە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ سىرتلارغا چىقىڭ.قىمارخانىلارغا كىرىپ تاۋكاچىلارغا،پاھىشەخانىغا كىرىپ پاھىشە-پاھىشەۋازلارغا نەسىھەت قىلىڭ. ئۇيغۇرچە ئۇقمايدىغان ئۇيغۇر باللىرىغا ئۇيغۇرچە ئۈگۈتۈڭ.

  6. توۋا
    2011/01/06 03:01:22

    گەپ – سۆزلىرىمدە خاتالىق بولسا ، تۈزىتىپ ، باغلاشمىغان يەرلىرى بولسا ، ياخشى مەنىلەرگە باغلاشتۇرۇپ چۈشىنەرسىلەر ، لېكىن بىر گەپ ھەقىقىي چۈشىنىپ ئوقۇڭلار ! ئادەمگە ئورۇنسىز قارا چاپلىماڭلار ! رەببىمىز كۆرىدۇ !

    • نۇرقۇت
      2011/01/06 09:42:29

      مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ، سىلەر يەنە شۇ غەلىتە پۇراقلارنى تارقاتساڭلار ، بۇلار شۇ بويىچە يېتىلمەي قالارمۇ ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولۇپ ، يەنە ئۇزۇن يىللار ياكى ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئەۋلادلار ياتىيلاڭ بىر توپ ياكى غەلىتە خەلق بولۇپ يېتىشسە بۇنىڭ جاۋابكارى كىم ؟

      كۆرگەن-بىلگەنلىرىم ئاز بولغاچقا مەن نۇرغۇن سۆزلىرىڭىزنى چۈشىنىشكە ئاجىز كەلدىم. بولسا بۇ ئىنكاسلىرىڭىزدا تىلغا ئالغان، بىز سادىر قىلغان سەۋەنلىكنى ئىنچىكىلىپ ئېيتىپ بەرسىڭىز. بىز قەيەرلەردە، قانداق قىلىپ دىن ۋە مىللەتكە ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىش قىپتۇق؟ قەيەرلەردە، قانداق قىلىپ غەلىتە پۇراقلارنى تارقىتىپتۇق؟ …
      مەن ماختىغۇچىلاردىن ھەم سۆككۈچىلەردىن ئاغرىنمايمەن. ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئاللا چىقىرىدۇ.

  7. توۋا
    2011/01/10 02:29:02

    بولدى نۇرقۇتجان ، سىز بولسا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ، مەسەللىرىنى جىقراق ئوقۇڭ ! ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كىتابلىرىڭىزنى كۆپرەك ئوقۇڭ ( بۇرمىلانمىغىنىنى جۇمۇ ، يېڭىدىن نەشىر بولغانلىرى بەلكىم بۇرمىلانغان بولۇشى مۇمكىن )
    مەن سىزنى سەھرا بالىسىمىكىن دېسەم ئۇنداق ئەمەس ئوخشايسىز ، ئەگەر شۇنداق بولسىڭىز ، بالا ۋاقتىڭىزدىكى ، شۇ زامانىڭىزدىكى ئۇيغۇرلارنى ئويلاڭ ، ئەسلەڭ ، شۇنىڭغا تەدبىقلاڭ ! شۇ زامانلاردىكى سۆزلەرنى كۆپرەك ئەسلەڭ .
    بۇ ئىنكاسىمنى ئوقۇپ بولۇپ ، پۈتۈن ئىنكاسلىرىمنى ئۆچۈرۋىتىڭ ! مەن بۇ يەردە ئايىغى چىقمىغان مۇنازىرىنى قىلىۋەرگۈم كەلمىدى ، چۈنكى مىڭ دېسەممۇ ، سىز يەنىلا كەمتەرلىك بىلەن بىلمىدىم دەپ تۇرۇۋېلىۋاتىسىز . سىز نۇرقۇتنى يەنە بىر ئايلىنىڭ ، ھەر بىر ئىنكاسلارغا ، ھەر بىر سۆزلەرنى ياخشى ئوقۇڭ ، نۇرقۇتتىكى قانچىلىك سۆزلەر ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىن چەتنىدى ، قانچىلىك سۆزلەردە ئىسلام ھۆرمەتلەنمىدى ، ئەنە شۇ چاغدا بىلەلەيسىز .
    مۇنازىرە مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن . مەن قېرىپ قالغان بىر ئادەم . بۇ يەردە سەن ياز ، مەن ياز بىلەن ، ئىنكاس يېزىشىپ ، پىكىرلىشىدىغانغا چارچاپ قالىمەن . پەقەت مەن بەزى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بەردىم . بىردىن بىردىن كۆرسىتىشىم ھاجەتسىز ! مۇشۇنچىۋالا قىلالىغان ئادەم ، ئۇنىڭ خاتاسىنىمۇ تاپالايدۇ !
    قۇدرەتلىك اللەھۇ تەئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن ! ئىسلام ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىڭلارغا اللە ساۋابلارنى بەرسۇن ! تېنىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ . يەنىمۇ بەك چۈشىنەلمىسىڭىز ، بىر ساراڭ ، قاملاشمىغان ئىنكاس يېزىپ قويۇپتۇ دەپلا ئويلاڭ . بولسا مۇشۇ ئىنكاسلارنى ، بولۇپمۇ مەن يازغان ، ۋە ئىنكاسلىرىمغا يازغان ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋىتىڭ !

    • نۇرقۇت
      2011/01/10 09:22:06

      سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. سىز كۆرسەتكەن مەسىلىلەرنى مەن ھېس قىلىپ بولغىچە بۇ يازمىلار مۇشۇ پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن.

  8. توۋا
    2011/01/11 21:44:48

    خاپا بولماي ، بۇ ئىنكاسلىرىمنى سىز ۋوردقا Word قا كۆچۈرۈپ ئېلىپ قېلىپ ، قالغانلىرىنى ئۆچۈرۋىتىڭ ! بولمىسا ، شۇ بىر ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىن قېچىپ چىققان ساراڭ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ دەپلا ئويلاڭ بولدى ، سىز جەنۇپلۇق دېھقان بالىسى بولمىسىڭىز ، بۇلارنى دېگىنىمنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ ! مەن دىمەكچى ئەنئەنىمىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، ئاندىن تەرەققىي قىلايلى دىمەكچى !

    • نۇرقۇت
      2011/01/12 19:26:39

      «مەن دىمەكچى ئەنئەنىمىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، ئاندىن تەرەققىي قىلايلى دىمەكچى !» سىزنىڭچە بىز ئەنئەنىنى يۇقاتتۇقمۇ؟ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزلا ئەمەس، باشقا مىللەتتىكىلەرنىڭ ئەجداتلىرىمۇ تور بىلەن شۇغۇللانمىغان، تور تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللانمىغان. ئەمدى بىز بۇ يېڭى تېخنىكىغا ئائىي نەرسىلەردە پىكىر ئالماشتۇرساق ئەنئەنىنى يۇقاتقان بولامدۇق؟ ئۇنداقتا بىز نېمە ئىش قىلساق بولىدۇ؟ قۇرۇق پاراڭ سالىدىغان بېكەتتىن بىرنى ئېچىۋېلىپ جاھاننىڭ ئۇلۇغ ئۇششاق پاراڭلىرىنى سېلىشساق بولامدۇ؟ … مەن سىزنىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىڭىزگە ئۆزۈمدىن جاۋاب تاپالمىدىم. ياكى سىزمۇ «ماۋۇ ئىشىڭ خاتا، ماۋۇ نەرسىلەرنى قىلساڭ ئەنئەنىدىن چەتنەيسەن» دەپ ئىنىق دېمىدىڭىز. بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىپ چۈشۈنۈپ بولغۇچە مەن ئىنكاسلىرىڭىزنى ساقلاپ قالىمەن. توغرا چۈشەنگەيسىز. نادانلىق قىلىپ كۆڭلىڭىزگە كىلىدىغان ئىش قىلىپ سالغان بولسام ئەپۇ قىلغايسىز. سىز دەپ ئۆتكەن مەسىلىلەرنى بايقاپ بولغۇچە بۇ ئىنكاسلار مۇشۇ پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن.
      مېنىڭ قەيەردە توغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇشۇم بىلەن مىللىتىم، ئىتىقادىم، ئەنئەنەمنىڭ مۇتلەق مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلىمايمەن. ھەم بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ توختالمايمەن. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

  9. توۋا
    2011/01/13 21:26:53

    قەيەردە ئۆسۈپ يېتىلىش ، قەيەردە چوڭ بولۇش ، قەيەرلىك بولۇش ، بۇ كىشىنىڭ قەلبىدىكى دىن ۋە مىللىي ئەنئەنە بىلەن شۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى باركەن ، مەن بۇرۇن ئۇيغۇر بولسىلا مۇسۇلمان ، ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنى بىلىدۇ دەپ ئويلايتىم ، لېكىن مەن ئۈرۈمچىدە بىر نەچچە يىل ياشاپ شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئادەمنىڭ ياشىغان مۇھىتى ئۇنى ھەر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن ، مەن جىق سۆزلىمەي ، سىز بىر توردىكى تورداشنىڭ « ئۈرۈمچىدە يىغلايدۇ دادام » دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ !
    مەن سىزنى ھېچقانداق نەرسىنى خاتا قىلدىڭ دېمەكچى ئەمەس ، لېكىن سىزنىڭ ۋە سىزداشلارنىڭ نۇرقۇتتىكى ھەر بىر گېپىدىن ( ئەگەر ئۇنىڭ خېتى ئۇيغۇرچە بولمىغان بولسا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلگىلى بولمايتى ) ئۇيغۇرلىقى چىقمايدۇ ، سۆز ئىشلىتىش بولسۇن ، تېما يوللاش بولسۇن ، ھەر قانداق جەھەتتىن ئاستا – ئاستا مەدەنىيەتتىن ، ئەنئەنىدىن ، ۋە دىندىن چەتنەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇنى شۇ مەن دېگەندەك ، ھەقىقىي ئۇيغۇرلارنىڭ قېتىدا ياشاپ چوڭ بولغان بولسىڭىز ، ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسىدە ۋە ئەتراپىدا ياشاپ چوڭ بولغان بولسىڭىز بايقىيالايسىز ، ئەگەر سىز يېڭى زاماننىڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ياشاپ ، ئاغزىدا خۇدا دەپ ، ئەمەلىيتىدە خۇدانى تونۇمايدىغانلار ئارىسىدا چوڭ بولغان بولسىڭىز ، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى 0 بىلەن باراۋەر !
    كەچۈرۈڭ ! مەن كۆرسىتىدىغاننى كۆرسىتىپ بەردىم . نۇرقۇتنى مەن قۇرۇشۇپ بەرمىگەن ، ئاۋۇنى ئۆچۈر ، ماۋۇنى ياز ، ئاۋۇنى ئال ، ماۋۇنى قوش دەيدىغانغا . سۆيۈش ، ۋە ئاللاھقا سېغىنىش ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقسۇن . بىرسىنى زورلاپ بىرنەرسە قىلغۇزغىلى بولمايدۇ . ھەممىمىزنىڭ گۆرى ئايرىم . بىراق مەن سىز بىلەن قېرىنداش بولغاچقا ، مەن سىزنى قېرىندىشىم كۆرگەچكە ئازراق توغرىسى بىلەن خاتاسىنى كۆرسىتىپ بەردىم خالاس .
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋاتىسىز ! ھەم يەنىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭ ! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
    ئەمدى بۇ قېتىم كىرگىنىمدە ئىنكاسلىرىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن !

    • نۇرقۇت
      2011/01/13 23:50:19

      قالدۇرغان سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەتلەر بولسۇن

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif