غايىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى غايە يولىدىكى ئىزدىنىش
كىمنىڭ غايسى بولمىغان؟ ئەلۋەتتە، ھەممىمىزنىڭ غايسى بولغان، ھەم شۇنداقلا بار. بەزى غايىلىرىمىز ئاددىي ھەم كىچىك بولىدۇ، ئاسانلا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بەزى غايىلەر ئولۇغۋار، چوڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن جەريان ۋە بەدە كېتىدۇ.
مېنىڭ نۇرغۇن غايىلىرىم بولغان. ھەر قېتىم غايىلىرىم رېئاللىققا ئايلانغاندا قەلبىمنى شۇنداق بىر خىل ھاياجان چۇلغىۋالاتتى. چۈنكى ئۇ مېنىڭ غايەم ! ئۇ رېئاللىققا ئايلانسا مېنىڭ خۇش بولماسلىققا باھانەم يوق.
مېنىڭ يەنە نۇرغۇن رېئاللىققا ئايلانمىغان غايىلىرىم بولغان. ھەر قېتىم غايەمنىڭ بەربات بولۇشىغا دۇچ كەلگەندە، قەلبىمنى ئېيتقىلى بولمايدىغان بىر خىل ئازاپ چۇلغىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇ مېنىڭ غايەم! ئۇ بەربات بولغاندا كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماسلىققا باھانەم يوق.
غايە ئۇ كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىش، كىلەچەككە بولغان تەلپۈنۈش. مەن ئاددىي بىر ئىنسان، شۇڭا مېنىڭ نۇرغۇن غايىلىرىم بار. ئەلۋەتتە، ئادەتتىكى بىر ئىنساننىڭ غايىسى. مەيلى بۇ غايىلىرىم رېئاللىققا ئايلانسۇن، ياكى بەربات بولسۇن، مەن يەنىلا ئۆكۈنمەيمەن. بەربات بولغان غايەم ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئولتۇرمايمەن، بەلكى يېڭى غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. چۈنكى غايە ئۈچۈن كۆرەش قىلىش يولىدا مەن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىمەن.
غايىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى غايە يولىدىكى ئىزدىنىش. مەيلى مەن غايە يۇلىدا زەپەر قۇچقان بولاي، ياكى غايە يولىدا قۇربان بولاي، مەن ئارمانسىزدۇرمەن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ غايەم. غايىسىز ياشاشقا باھانەم يوق.
2010/12/28 23:24:51
شىئىرىي ھىسسىيات كۈچلۈككەن
2010/12/29 08:25:38
نەدىكىنى، ئادەتتىكىچە. بەزى تۇيغۇلارنى پەقەت مۇشۇنداق ئىپادىلىيەلەيدىكەنمەن.
2010/12/29 10:27:38
مەندەكلا يىزىپسىز… بىر كۈن كىرمىسەم ئۆزگىرىش چوڭغۇ بۇيەردە…پىقىرنىڭ تور خاتىرىسىمۇ تەتىلگىچە ئىشقا چۈشىدىغاندەك قىلىدۇ…