قۇرۇقلۇق ئەسلى مۇشۇنداق پارچىلىنىپتىكەن (Ice Age 4)

ۋاقتى: 2011-01-09 / تۈر: ھەمبەھرلىرىم/ كۆرۈش: 515 قېتىم / 9 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئەسلى يەر يۈزىدىكى بارلىق قۇرۇقلار بىر-بىرىگە تۇتاش ئىكەنتۇق. بىراق، بارلىق ئىشلار ئەسلىدە مۇشۇ دەقىقىدىن باشلانغان ئىكەن…گەپكە كەلسەك، مۇز ئېراسى(Ice Age) ناملىق بۇ 3D كارتون فىلىم ئارىمىزدا ھېچقايسىمىزغا ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن. سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى ئاللىقاچان باشلانغان «مۇز ئېراسى 4-بۆلۈم: قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلىشى» 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى يەرشارى بويىچە تەڭلا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ فىلىمدىن دەسلەپكى خەۋەر: «تىيىنچاقنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى پارچىلىۋېتىشى» ناملىق قىسقا كارتون فىلىمنى ئېلىپ كەلدىم.

ئېلاۋە: بۇ قىسقا فىلىمنى تورخۇمارلار بلوگىدا ئۇچرىتىپ بۇ يەرگە ھەمبەھىر قىلدىم.

9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. يۈكسەل
    2011/01/10 17:25:23

    ئەسلى مۇشۇ كاساپەتنىڭ ئىشىكەندە؟! :x

  2. bektur
    2011/01/12 13:43:51

    تەسەۋۋرغا ئاجايىپ ، ئاجايىپلا باي خەق جۇمۇ بۇلار . ئاۋۇ بىچارە ، ئۇماق تىيىنچاققا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىپ قالىدىكەن .

    • نۇرقۇت
      2011/01/12 19:28:20

      بۇ كىنودا باشتىن ئاخىرى مۇشۇنداق چىقىدۇ بۇ بىچارە تىيىنچاق :mrgreen:

  3. ئاغىنىلەر
    2011/01/12 18:44:14

    ھەي دىۋاننى قولدىن بىرىپ قويوپتىمەن بۇ كارتونمۇ ئالامەت ئىشلەنگەن كارتونلارنىڭ بىرسى بولسا تولوق نۇسقىسى بولسا بىر كۆرسەم :grin:

    • نۇرقۇت
      2011/01/12 19:28:50

      تولۇق نۇسخىسى تېخى چىقمىدى. بۇ بىر كىنونىڭ تەشۋىقات فىلىمى.

  4. ئىزدەنگۈچى
    2011/01/17 17:51:18

    بۇ فىلىمنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بۆلۈمىنى تولۇق كۆرگەنتىم. مەن تېخى مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن. بۇ كاساپەتنىڭ قۇرۇقلۇقنى بۇنداق پارچىلىۋەتكەنلىكى ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن بىر ئىشكەن ئەمەسمۇ. داۋامىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن. بۇنى تۇنۇشتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت~!

  5. abdu22
    2011/01/17 22:50:05

    ھاھا…. قاچانمۇ كۆرەرمەن~~~~

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif