سالامەتلىك بەك مۇھىم، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ

ۋاقتى: 2011-01-25 / تۈر: تېمىسىز/ كۆرۈش: 483 قېتىم / 12 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

خېلى ۋاقتلار ئىلگىرى توردا بىر پاچە ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. ماقالىدە «پروگرامما ۋە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلىدىغانلار سالامەتلىكىگە بەك دىققەت قىلىشى، ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزغىنلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويماسلىقى كېرەك. بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بەك چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، سالامەتلىك گۈزۈل كەلگۈسىڭىزنىڭ دەسمايىسى. ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ!» دېگەن قۇرلار ئۇقۇۋاتقاندا، بۇ گەپلەرنى ئارتۇقچىدەك ھېس قىلغان ئىدىم. بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش، بەزىدە يېرىم كىچىگىچە بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىۋىتىش ئۈچۈن كەچ ئۇخلاش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانلار ئۈچۈن بۇ بەك ئارتۇقچە بىلىنىدىكەن. چۈنكى ماڭا ئوخشاش خېلى ۋاقت شۇنداق قىلىپ تۇرۇپمۇ، سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ئاشۇرۋەتكەنلىكتەك بىلىنىدىكەن. ئەمما بېشىڭىزغا كەلگەندە «پۇشايمانغا قاچا يوق» بولۇپ قالىدىكەن. گەرچە مەن پەقەت زىيادە چارچاپ كەتكەن بولساممۇ، سالامەتلىك جەھەتتىن بەك چوڭ مەسىلە چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ 1~2 كۈندىن بىرى يەتكۈچە قىينىلىپ بولدۇم. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇندىن كىيىن بۇنداق بىردەملىك قىزغىنلىق ئۈچۈن كىچىلەپ ئىشلەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن.

ئاخىرىدا بۇ ئىككى كۈندىن بىرى ماقۇل بولۇپ تۇرۇپ، ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ بىرەلمىگەن ئىشلىرىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. كەچۈرۈڭلار. ئالدىمىزدىكى نەچچە كۈن ئىچىدە يەنىلا دەم ئېلىشىم زۈرۈر بولغاچقا، توردا بەك جىق پائالىيەت قىلىپ كىتەلمەيدىكەنمەن. دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاللا ھەممىمىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي.

12 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. يۈكسەل
    2011/01/26 01:06:50

    تەن ساقلىق ئەڭ زور بايلىق ، دەپتىكەن كونىلار. ئۆزلىرىگە ، ھەممەيلەنگە سالامەتلىك يار بولسۇن!

    • نۇرقۇت
      2011/01/30 12:51:44

      رەھمەت. ھەممىمىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن.

  2. ئالغا
    2011/01/26 18:15:04

    ھەي ، مەن كىچە كىچىلەپ كومپىيوتىر ئالدىدا ، قورقۇپ قالدىم ئۆزۈمدىن …

  3. سەھرالىق
    2011/01/27 02:47:53

    نىمىشقا چىقمايدىكىن دەپتىمەن تېخى…سىز نىڭ يوقلۇقىڭىز تۈنۈگۈن بەك بىلىندى جۇمۇ…. :!:

    • نۇرقۇت
      2011/01/30 12:52:22

      بەزىدە ئامالسىز قالىدىكەنمىز. قانداق؟ بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ؟

  4. نۇرلۇق
    2011/01/29 16:05:21

    بۇ ماقالىنى ئوقۇپ مەنمۇ ئۆزۈم توغرۇلۇق ئويلاپ قالدىم. ھەر كۈنى كەچ دادام 10:00 كېيىن قالماي ئۇخلاڭ بالام دېسە «ھە» دەپ قويۇپ، ئاكامنى تۈزۈك ئۇخلىغىلى قويماي مەشغۇلات قىلىشىم….. ھەي ، چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانغا تويە :mrgreen: .
    بۇندىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن.

    • نۇرقۇت
      2011/01/30 12:52:48

      سالامەتلىكىڭىزگە بەك دېققەت قىلىڭ. ھەممىمىز سالامەت بولايلى.

  5. royapqi
    2011/02/14 20:12:20

    كېچە سائەت 11 دىن كېيىن ئۇخلىسىڭىز ۋە داۋاملىق مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئالدى بىلەن جىگەر كاردىن چىقىدۇ،شۇنىڭ بىلەن سىز بىر بۇزۇلسا ئاسان تۈزىگىلى بولمايدىغان رەئس ئەزادىن قۇرۇق قالىسىز،دە، ئاندىن نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇلار بەربات بولىدۇ. شۇڭا ھەرقاندق مۇھىم ئىش بولسىمۇ 10:30 دا دەل توختۇتۇپ ئۇخلاپ سەھەر سائەت 03:30 تۇرۇپ ئىشلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. ئەگەر بۇ ھەقتىكى ساۋاتلاردىن بەھىرلىنەي دېسىڭىز، ئىنكاس يوللاڭ.

    • نۇرقۇت
      2011/02/14 20:34:42

      ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. يېقىندىن بىرى دېققەت قىلىۋاتىمەن. بولسا مۇشۇنىڭدەك دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى دەپ بەرگەيسىز. سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن. :smile:

  6. royapqi
    2011/02/15 14:30:10

    مەن ئۆيگە تورنى يېڭىدىن ئۇلغان بولغاچقا تور بىلىملىرىدىن بەك خەۋىرىم يوق. مەن تور دۇنياسى ھەققىدە يېتەكلەشكە بەك مۇھتاجمەن، بىلگەنلىرمىزنى ئاياشمىساق،مەنمۇ سىز لازىم قىلىغدىغان بىلىملەرنى يەتكۈزسەم ،ماڭا تور دۇنياسىدىن پايدىلنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز،بولامدۇ؟ مەن ئىشنى نەدىن باشلىسام بولىدۇ؟تور دىن بىلىملەرنى قانداق ئالىمىز؟

    • نۇرقۇت
      2011/02/15 22:41:44

      تور دۇنياسىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىتىپ قويغۇدەك تەجرىبە يوق، مەن ئۆزەمنى توردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقانلار قاتارىدا سانىمايمەن. ئەمما توردىن پايدىلىنىش ھەققىدە ئۆزىڭىز بىلمەكچى بولغان ئىشلارنى كونكېرتراق ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، مەنمۇ ئويلىغىنىم دەپ باقسام بولىدۇ. توردىن ياخشى پايدىلىنىمەن دەيدىكەنسىز «كۆڭۈل ئېچىش ۋە قۇرۇق پاراڭنى ئاساس قىلىۋالغان بېكەتلەر»گە خۇمار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئۇنداق بولمىغاندا ۋاقتىڭىز قانداق ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالىسىز.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif