جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇردا جىنسىيەت يامراپ كەتتىمۇ

ئۇيغۇردا جىنسىيەت يامراپ كەتتىمۇ

ۋاقتى: 2016-11-12 ئاۋاتلىقى: 4575 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن ئۇيغۇردا ئۇ ئەيىپ ئېغىر، بۇ نۇقسان كۆپ. ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئاينىپ كەتتى، بۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى دېگەن گەپلەرگە ئىزچىل زەربە بېرىپ كەلدىم. چۈنكى مەن بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ يا بىر تەكشۈرۈش دوكىلاتى تەييارلىماي، يا بىرەر سان-سىپىرلىق مەلۇمات بەرمەي، ئۆزىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوي خىياللىرىنى سۆزلەۋېرىشىدىن گۇمان قىلاتتىم. ئەقلىي تەپەككۇر ئۈستىگە قۇرۇلمىغان، پەننىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان ھەر قانداق ھۆكۈم مېنىڭ زەربە ئوبيېكتىم ئىدى. بۇنى ياقتۇرمىغانلار كۆپ بولدى، ئاڭلاشنى خالىمىغانلارمۇ كۆپ بولدى. چۈنكى ئەختەم ئۆمەر باشلىغان باشقا يازغۇچىلار دوست تارتقان ئىللەتشۇناسلىق ھەرىكىتى مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى سۇندۇرۇپ، بىر بۆلۈك ئۇيغۇرنى "بىز ناچار مىللەت" دېگەنگە ئاللىقاچان ئىشەندۈرۈپ بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار يازغۇچىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى. رىياللىق، تارىخ، پەلسەپە ۋە بارلىق قەلەمكەشلىك ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يازغۇچى دەپ قارايتتى، بۇ ساھەلەردە يازغۇچىنىڭ دېگىنىنى راست دەپ چىنپۈتەتتى.
مەن يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇرنى جىنسىيەتتە ئاينىپ كەتتى، بۇزۇلۇپ كەتتى، ئۇيغۇرنىڭ "جىنسىي ئېڭى" ئۇنداق بۇزۇلدى، بۇ مۇنداق بىقسىدى دېگەنلەرنى سۆھبەت ماقالىلەردىن كۆردۈم ۋە شۇلاردىن ئاساس تەلەپ قىلدىم، لېكىن ماڭا تەسەۋۋۇرلىرىنى سۆزلىگەن ۋە تورغا چىققان، ئۇ ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلدى، بۇ ھايۋانى قىلىق قىلدى دېگەندىن باشقا پاكىت دەپ بېرەلمىدى. مەن تورغا چىققان ئۇ گەپلەرگە بەك ئىشەنمەيمەن. توردا چېكىلىش قېتىمىنى قوغلۇشۇپ شۇنداق تېمىلارنى تېزلا تەستىقلايغان توربەتلەر، ۋە شۇنداق تېما يوللاپ مەشھۇرلۇق خىيالىدا يۈرۈۋاتقانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. بىرەيلەن ماڭا يەنە "دېلولاردىن ئەخلاقىمىزغا نەزەر" دېگەندەك تېمىدىكى بىر يازمىنى مىسال قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىيەتتە بۇزۇلغانلىقىغا پاكىت قىلماقچى بولدى. شۇنداق سورۇغۇم كېلىدۇ، ئەگەر يازمىنى يازغۇچى بىر ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، پۈتۈن دىلولارنى تۈرگە ئايرىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى جىنسىيەتكە دائىر دىلونىڭ ئومۇمى شۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن دېلۇلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى چىقىرىپ، بۇ ناھىيەدە بىر يىلدا مانچە دېلو يۈز بەردى، بۇنىڭ مانچە پىرسەنتى جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، بۇ ناھىيەدە ئۇيغۇر مانچە پىرسەنت، شۇڭا بۇ ناھىيە ئۇيغۇرلىرىدا جىنسىي مەسىلىلەر ئېغىر دەپ يازغان بولسا، بۇ ماقالىنى پاكىت ئاساسى قىلغىلى بولىدۇ. بولمىسا يەنە شۇ تەسەۋۋۇر دېمەكتىن باشقا ئامال يوق.

بەزىلەر يەنە ئەيدىز مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ بۇنى ئۇيغۇرلاردا جىنسىيەتنىڭ يامرىغانلىقىغا مىسال قىلماقچى بولدى. مەن ئوقۇغان مەلۇماتلاردا ئۇيغۇردىكى ئەيدىزنىڭ كۆپى جىنسىي يول بىلەن ئەمەس، زەھەرنى ئۆكۇل قىلىپ ئۇرغاندا بىر يىڭنىنى كۆپ ئادەم ئىشلىتىش، دېزىنفىكسىيە قىلماي ئىشلىتىش، ئىشلىتىپ بولۇپ بالىلارغا ئويناشقا بېرىش، ياكى كوچىغا تاشلىۋېتىش (بالىلار بىلمەي ئويناپ يۇقتۇرىۋالىدۇ)، قاتارلىق يوللار بىلەن يۇقۇش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىلگەن ئىدى.
" Similar to Central Asia, the vast majority (over 90%) of HIV infections in Xinjiang are injecting drug users (IDUs) and are under 30 years of age—the most sexually active age group. Also, the epidemic is concentrated in Urumqi, Yining and Kashgar, all cities that lay along the region"s main illicit drug trading routes." http://www.cacianalyst.org/?q=node/1852
تەرجىمىسى: ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى (90 پېرسەنتتىن ئارتۇقى) زەھەر چەككۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جىنسىيىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان 30 ياشلاردىكىلەردۇر. بۇ يۇقۇملۇق كېسەل ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق زەھەر سودىسى لېنىيەسىگە مەركەزلەشكەن.

ئۇنداقتا ئۇيغۇردا جىنسىيەت يامراپ كەتتى دېگۈچىلەرنىڭ ئوي خىيال، كۆرگەن-ئاڭلىغان، بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلاردىن باشقا قولغا چىققۇدەك نېمە پاكىتى بار؟
مەلۇم دۆلەتتە بولغان شۇنداق بىر ئىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر سۆھبەتتە مۇساپىر بالىلار يەنە شۇ مىللەتنىڭ قايغۇسىغا چۈشتى. ئارىدىن بىرسى گەپ باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق كۆپ ئەيىپلىرى بولغاچقا كۆرىدىغان، كۈنى مۇشۇ... دەپ قايناپلا كەتتى. مەن قوپۇپ قايسى ئەيىپىنى دەيدىلا، دېسەم، قىزلىرى بۇزۇلغان مىللەتتە ئۈمىد يوق. ھازىر قىزلار ئىچكىرىنىڭ قاۋاقخانلىرىنى تولدۇرىۋەتتى. ئاللاھ تائاللاھ ئاياللارنى زېمىنغا ئوخشاتقان، زېمىن بولغانسا زىرائەت ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشلىرى ئۇنداق بولۇپ، بۇنداق قىلىپ دەپ تۇرالمايلا قالدى. مەن، دۇنيادىكى ئىنسانلاردا بار ئەيىپ ئۇيغۇردىمۇ بار، يوق ئەيىپ ئۇيغۇردىمۇ يوق، دەپ ئىنساننىڭ ئورتاق پىسخىك ئالاھىدىلىكى، نۇقسانلىرى ھەققىدە مىسال ئېلىپ توختالدىم. ئاندىن تېخىمۇ كۆنكىرىت قىلىپ كۆپسانلىقلار ئورناتقان تۈزۈم، مائارىپ، قانۇن، ئىجتىمائىي تەرتىپ قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىرىمىز پىسخىكىسىدىكى تەسىرى قاتارلىقلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپمۇ قايىل قىلالمىدىم. ئاخىرى بولماي ئۇيغۇرنىڭ ساۋابى بىلەن گۇناھى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا نورمال نىسبەتتە. مەنچە ساۋابى باشقا مىللەتتىن ئارتۇق چىقسا چىقىدۇكى كەم ئەمەس، دېدىم ۋە سىلى نېمە دەپ ئۇيغۇردىن پەزىلەتلىك شۇنچە كۆپ باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرى ياشايدىغان بۇ دۆلەتتە ئاشۇ نۇقسانسىزلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەي مۇشۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى تېپىپ كەلدىلە؟ دېۋىدىم، تۇرۇپلا قالدى. ئارقىدىن ئۇلاپلا، سىلىمۇ ئىچكىرىگە بارغاندا نەدە قاۋاقخانا بولسا شۇ يەردە يۈرمەي، مانداق ئالى مەكتەپ دېگەن يەرلەرگىمۇ بېرىپ قويغان بولسىلىرى چىرايدىن ئەقىل، ئىرادە، ئىمان پارلاپ تۇرىغان قىزلارنى كۆرەلەيتتىلە. سىلى ئىچكىرىدىكى قاۋاقخانىغا نېمە دەپ بارغان؟ شۇ بۇزۇلۇپ كەتكەن قىزلارنى تۈزىمەي، ئۇلارغا چىقىش يولى، ھايات يولى تېپىشقا تېرىشماي، ئازراق تىجارەت قىلىپ بىر ئادەمنى بولسىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرپ ساۋاپ ئالماي نېمىگە كەلدىلە شۇنچە قايناپ كەتكۈدەك ۋىجدانلىرى بار ئادەم بۇ يەرگە؟ توغرا ئاياللار زېمىن، لېكىن زېمىنىغا تەر تۆكمىگەن ئادەمنىڭ، زېمىنىنى سۆيمىگەن ئەرنىڭ، زېمىنىغا پەرۋىش قىلمىغان كىشىنىڭ زېمىن ھەققىدە ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى يوق، مۇنداق كىشى مەڭگۈ زېمىنسىز قالىدۇ. زېمىنسىز قالغاندىكىن شۇنداق قاۋاقخانىلاردا، شەھۋانى سىنخانىلاردا قونۇپ چىقىدىغان ئىش. چىۋىن ئەخلەت ئىزدەيدۇ، پاشىنىڭ كۆزىگە ھەممە نەرسە نىجاسەت كۆرۈنىدۇ. گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە سۆھبەت بۇزۇلمىسۇن دەپ باشقىلار سالا قىلىپ تېما يۆتكەلدى.

ئۇيغۇرلاردا جىنسىيەت ئەۋج ئېلىپ كەتمىدى، بەلكى ئۇيغۇر ئەرلىرى جىنسىيەتكە بەك سەزگۈر بولۇپ كەتتى.
ئۇيغۇلاردا جىنسىيەت يامراپ كەتمىدى بەلكى جىنسىي كۆزەينەك تاقىۋېلىپ تۇرمۇشنى كۆزىتىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. جىنسىي كېسەللەر جىنسىيەتنىڭ ئەۋج ئالغىنىغا مىسال ئەمەس، دوختۇرخانىلار ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىدىن كۆپرەك خىراجەت ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى، شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇر ئەرلىرىگە جىنسىي ئاجىزلىق دېئاگونوزى قويۇپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. ئۇيغۇردىكى جىنسىيەت مەسىلىسىنى كۆپ سانلىقلارغا سېلىشتۇرۇش نامۇۋاپىق چۈنكى: يۇرتىمىزدىكى كۆپسانلىقلارنىڭ "قىزلىق" چۈشەنچىسى بولمىغاچقا قىزلىق يامان ئېلانلىرى شۇنداق چۈشەنچىسى بارلارنىڭ تىلىدا-ئۇيغۇرچە چاپلىنىدۇ. بۇنى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېھتىياجى كۆپ بولغاچقا دەپ قارا چاپلىمىغۇلۇق. باسقۇنچىلىق دېلولىرىنى جىنسىيەتنىڭ يامرىشىغا مىسال قىلىشمۇ پۇت تىرەلمەيدۇ. چۈنكى كۆپسانلىقلاردا قىزلىق چۈشەنچىسى بولمىغاندىكىن، بۇنداق ئىشلارنى ئېغىر كۆرۈپ، سوتقا بېرىپ كەتمەيدۇ، يەڭ ئىچىدە پۇل بىلەن ھەل قىلىدۇ. كۆپسانلىقلاردا بىر ئادەمنىڭ ئۇنداق تىجارەت قىلىشى ۋە خېرىدار بولۇشى يېڭىلىق ئەمەس، نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنە، ئۇلارنىڭ بۇنى چەكلەيدىغان دىنى يوق. كۆپسانلىقلاردا بۇ ئىش دىننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا ئۇ مىللەت بۇ ئىشنى بىزدەك چوڭ بىلىپ، ماراپ تېپىپ، سۆزلەپ يېيىپ، ۋاي ئاللا تۆۋە دەپ جار سېلىپ كەتمەيدۇ. جىنسىيەت مەسىلىسى خەقتە يوق بىزدە كۆپ ئەمەس، بىز خەقتىكىنى يۇقارقى سەۋەبتىن بىلەلمەي قالىمىز. جىنسىيەت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلسىلا خەقنىڭ كۆز ئالدىغا ياشلا ۋە قىز ئاياللار كېلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇرخانىم قىزلىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى پاراڭ-سۆھبەتلەرنىڭ، ۋەز-تەبلىقلەرنىڭ، دەرس لىكسىيەلەرنىڭ قۇربانى. ئۇيغۇردا جىنسىيەت يامراپ كەتكەن يوق.
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى