جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرە (2)

جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرە (2)

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 1687 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

داۋامى...
گۈلەن:
ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ مەن قالدۇرغان مەنبەنى كۆرگىنىگە رەھمەت، ئەمما ئېلىنغان سىتات چالا بولۇپ قاپتۇ. م،Freud Wars. Karl Popper argued that psychoanalysis is a pseudoscience because its claims are not testable and cannot be refuted; that is, they are not falsifiable.
ئەسلى تولۇق جۈملە بۇ. مەنىسى:... پىسخىك ئانالىز ساخىتا پەن، چۈنكى ئۇنىڭ جاكارلىغانلىرىنى تەجرىبە قىلغىلى بولمايدۇ، ناتوغرا دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ پەقەت مەشھۇر پىسخولوگ كارل پوپپىرنىڭ تەنقىدى. ئۇلىنىشتىكى ئىلمىي تەنقىد قىسمىدا پەن نوقتىسىدىن تۇرۇپ فرويىد قاراشلىرىنى سىستىمىلىق تەنقىد قىلغان. پەنچى بالىلار بىلىكتە خېلى بار، مەنچە شۇلارمۇ بىر ئوقۇپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقسا ئوبدان بولاتتى.. فرويىد نەزەرىيەسىنىڭ پىسخولوگىيىلىك تەجرىبە تەتقىقاتى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغانلىقىنى ئىلگىرىكى مۇنازىرەمدە ئۇلىنىش قىلىپ كۆرسەتتىم، قايتا دەپ ئولتۇرماي. پەن بولغانىكەن تەجرىبە ئاساسى بولۇشى كېرەك.
بۇ يەردە مەن يەنىلا ئەستايىدىللىقنى، ئىلمىيلىكنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەرغىپ قىلىمەن. بولۇپمۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە، پىسخىكىسىغا باھا بەرگەندە شۇنداق بولۇشى كېرەك. بۇ ئارىمىزدىكى مۇنازىرىنىڭ تۈگۈنى.
ئەرتۈركنىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن قىلىۋاتقان سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولغاي، مەن مۇنازىرىدىن چېكىندىم. ئەرتۈرك فرويىد ھەققدىكى ھەققدىكى تەنقىدنىڭ بېشىنىلا كۆرۈپ ئاخىرىغا قارىماپتۇ، تەنقىد تۆرت قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قالغان سۇئاللىرى ياكى بىلەلمىگەن يەرلىرى بولسا، مەندەك نائۇستىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئەمەس، ئەسلى مەنبەگە مۇراجەت قىلغاي. ئەرتۈرك ئەگەر بۇ مۇنازىرەمنى مەمەدانىلىق، ياكى قەستەن قۇسۇر تېپىش دەپ چۈشىنىۋاتقان بولسا ئۆزۈر سورايمەن.
ئەرتۈرك:
ئاۋۋال شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، مەن ئاتاقلىق، داڭلىقلاردىن  ئەمەس ھەم داڭلىق بولۇشنى ئۆزەمگە بېسىم قىلىۋالغان ئادەم ئەمەس. پەقەت ھەر قايسىڭلارغا ئوخشاش ئىزدەنگۈچى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيىسىنى، ئەستايىدىللىقىنى، نېتزىلارچە ھەممىدىن گۇمانلىنىش، ھەممىگە قايتا باھا بېرىش ئىستەكلىرىنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. بىز بىر-بىرىمىزگە تازا قايىل بولمايۋاتىمىز، سەۋەب ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە يارىشا توغرا دەپ ئويلىغانلىرى بار. سىز فروئىد نەزەرىيىسى ساختا پەن، رەددىيە بېرىلدى، ئىنكار قىلىندى، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئەمدى ئويغىنىڭلار، كەچكىچە فىروئىد دەپ ئاقمايدىغان بىر نېمىنى تەرغىپ قىلماڭلار... دېمەكچى بولۇۋاتىسىز. بىر ئېقىمغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ماركىسىزممۇ ئاخىرىدا قانداق بولدى؟ دەپ سوئال قويۇۋاتىسىز. ئەمما كۆرۈۋاتىسىزكى، فروئىد نەزەرىيىسى يەنىلا بېشى ئۈزۈلسىمۇ قۇيرۇقى مىدىرلاۋاتقان يىلاندەك ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ، كىشىلەر ئېڭىنى غىدىقلاۋاتىدۇ.  ماركىسىزممۇ پۈتۈنلەي ئۆلگىنى يوق، ئالىي مەكتەپتە ئۇنى زېرىككىچە ئۆگەندۇق، ھازىرمۇ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئەمەلدارلارغا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتىدۇ،  ئۆپەلسەپە بولۇشتىن كۆرە ئىقتىسادشۇناسلىققا چېتىلىدىغان مۇھىم پەن ھېسابلىنىدىكەن. يەنە دېسەم يەنە شۇ، بىز پەقەت ئېقىملار بىلەن تونۇشقۇچى، ئۇ ئېقىملارنى قوللىغانلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەلىللىرى بار، رەت قىلغۇچىلارنىڭمۇ بەلگىلىك ئاساسى بار. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرىنى گوگۇل ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ قاتار-قاتار تىزىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئۈستۈنلۈك تالىشىشمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
پىسخولوگىيىنى تەبىئئ پەن دېگىنىڭىز توغرا، مېنىڭ ئىجتىمائىي پەن دېگىنىممۇ خاتا ئەمەس. چۈنكى  بۇ ھازىرغىچە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە. پىسخولوگىيە ناھايىتى كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر پەن ئىكەن.  ئەڭ دەسلەپتە ئۇ پەلسەپەنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، كېيىن مېدىتسىنا، جۈملىدىن نېرۋا تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەبىئىي پەنگە مايىل تۈس ئاپتۇ.  روھىي ئانالىز نەزەرىيسى كۆپىنچە مېدىتسىناغا، يەنى تەبىئىي پەنگە مەنسۇپ دەپ قارىلىدىكەن؛ ئەمما كەسكىن شۇنداق دەپ قارىغىلىمۇ بولمايدىكەن. ئادەم ماددا بىلەن روھنىڭ مۇكەممەل بىرلىكى بولغاچقا، پىسخولوگىيە ئەگەر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ۋە روھىي ئالامەتلىرىنى تەتقىق قىلغاندا ئىجتىمائىي پەنگە تەۋە بولدىكەن.  ئادەمنىڭ مېڭىسى، نېرۋىسى... نى تەتقىق قىلغاندا تەبىئىي پەنگە كىرىپ كېتىدىكەن.  ئەگەر مېڭە زەخمىلەنسە ئادەمنىڭ روھىي پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندەك، ئادەم روھى جەھەتتىن ئىچ-ئىچىدىن تۈگىشىپ كەتسە مېڭە ۋە نېرۋىنىڭ ساغلاملىقىمۇ زىيانغا ئۇچرايدىكەن.
ئەگەر پىسخولوگىيىلىك ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتىگە بولغان توغرا چۈشەنچە كەمچىل بولسا ئۇنىڭ تەبىئىيلىكى ياكى ئىجتىمائىيلىقى ھەققىدە توغرا قاراشمۇ شەكىللىنەلمەيدۇ.  شۇڭا پىسخولوگىيە مۇرەككەپ پەن.
پىسخىك ئانالىز ساخىتا پەن، چۈنكى ئۇنىڭ جاكارلىغانلىرىنى تەجرىبە قىلغىلى بولمايدۇ، ناتوغرا دېگىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇ تەنقىدچىنىڭ  فروئىدنىڭ قاراشلىرىنى تەجرىبە قىلغىلى بولمايدۇ دېگىنىدىن تەبىئىي پەننىڭ پۇرىقىنى، ناتوغرا دېگىلىمۇ بولمايدۇ دەپ مۈجمەل گەپ قىلغىنىدىن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەن، ئادىمىيەت پەنلىرىگە ئائىت تەرەپلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە يەنە مۇنداق سوئال تۇغۇلىدۇ: ئۇنداقتا  فرئىد نەزەرىيىسىنى تەجرىبە قىلغىلى بولماسلىقنىڭ  ئىسپاتى قېنى؟  ۋاھالەنكى، روھىي ئانالىز نەزەرىيىسىنىڭ ئادىمىيەتكە، ئىجتىمائىي پەنگە ئائىت قاراشلىرىنى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. بۇ ھالدا ئۇنى ساختا پەن دەپ ھۆكۈم قىلىش كېرەكمۇ؟ ئەجىبا ئىجتىمائىي پەن پەن ئەمەسمىكەن؟
گۈلەن: مەن پەندە ئىسپاتى بولمىغان، ياكى ئاپتۇر تەرىپىدىن ئىسپاتى كۆرستىلىمىگەن، مەنبە ئەسكەرتىلمىگەن، نەقىل ئېلىنمىغان شەكىلدە پىسخولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىغا دائىر مەسىلەلەرنى مۇنازىرە قىلىشتىن چېكىنىمەن. قاچانىكى مەن كۆرسەتكەن مەنبەلەرنى ئىنكار قىلىدىغان، مەن تىلغا ئالغان ئىلمىي بايانلارنى رەت قىلىدىغان دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغىچە مۇنازىرىگە كىرمەيمەن.
سىزنىڭ مەنبەنى تەكىتلىشىڭىز ئىلمىي پوزىتىسيە نۇقتىسىدىن توغرا. ھازىر گوگول ياكى بەيدۇغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك سۆزنى كىرگۈزسىلا ئالدىمىزغا ھەممىنى تەييار قىلىپ بېرىدۇ، بۇنداق قىلىشنى  ھەممەيلەن بىلىدۇ. باياننىڭ ھەممىسىنى باشقىلارنىڭ نەقلى بىلەن توشقۇزۇۋېتىش، نەقىلنى چوڭ بىلىپ كېتىش، ئۆز پىكرىنى باشقىلارنىڭ كاللىسىغا سېلىپ ئۆلچەشنى مەن ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن. مەنبەدىن پايدىلىنىش كېرەك، بىراق ئۆز كاللىمىزنىمۇ ئىشلىتىپ قويايلى،  تارقاق بىلىملەرنى يىغىنچاقلايلى، مەسىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزنىمۇ ئىشقا  سالايلى. باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىغا قامىلىپ قېلىش، باشقىلارنىڭ دەلىلىگە تايانمىسا سۆزى ئاقمايدىغاندەك ھېس قىلىشمۇ بىر خىل مەھكۇملۇق. سىزنىڭ ھە دېسە مەنبەنى پەش قىلىشىڭىزدىن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى يىغىنچاق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماسلىقىڭىزدىن، ئۆزىڭىز كاللا يۈرگۈزۈپ  مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ باقماسلىقىڭىزدىن، ئاخىردا  قېيداپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇشىڭىزدىن ئەپسۇسلىنىپ قالدىم.
گۈلەن:
ئەرتۈرك: ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرىنى گوگۇل ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ قاتار-قاتار تىزىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئۈستۈنلۈك تالىشىشمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
مەن قاتار تىزىۋەتكەن ھىچ نېمە يوق، پەقەت سىزگە قايتا قايتا تەۋسىيە قىلىۋاتقان ۋىكىپېدىيە قامۇسى بار.، لېكىن سىز شۇنىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇماي چالا سىتات ئېلىپ، سۇئال قويۇۋاتىسىز. تەپسىلى ئوقۇغان بولسڭىز ئاشۇ ئۆتكۈرلىكىڭىز بىلەن مەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى چۈشەنگەن بولاتتىڭىز. مەن سىزدىن ئۈستۈنلۈك تالاشمىدىم ھەم تالاشقىدەك مادارىممۇ يوق.  سىز لوگىكىلىق تەپەككۇر تەلەپ قىلىنىدىغان سۆھبەت ۋە ماقالىلرىڭىزدە جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى...ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى...ئۇيغۇر جىنسىيىتى ئاينىغان...ئۇيغۇر جىنسىيىتى باشقا مىللەتتىن ئالاھىدە..دېگەندەك پىسخولوگىيەگە تاقىشىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقىرىپتىكەنسىز، مەن سىزدىن ئاساس تەلەپ قىلدىم. بۇ ھۆكۈملىرىڭىزنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى سوراپ قويدۇم. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي ئەگەر غەرپ دۆلەتلىرىدە بولسىڭىز يۇقارقى گەپلىرىڭىز ئۈچۈن سوتقا تارتىلىسىز. شۇڭا غەرپتە سىز ماڭا نېمە دېگەن بولسىڭىز شۇنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئەسكەرتىمەن، بولمىسا يالغانچى بولۇپ ئىشەنچتىن مەھرۇم قالىمەن، چاتاق چىقسا ئوقۇشتىن ياكى ئىشتىن ھەيدىلىمەن. سىز ئىسپاتلىغان بولسىڭىز تەتقىقاتىڭىزنى كۆرسىتىسىز، باشقىلارنىڭ ئىسپاتى بويىچە بىرەر مەسىلىگە باھا بەرمەكچى بولسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ساھەنىڭ مۇتەخەسىسىنىڭ ھۆكۈملىرىدىن نەقىل ئالىسىز. ئۇنداق قىلمىسىڭىز خۇددى  ئەسئەت سۇلايمان ھەسرەتلەنگەندەك ئۇيغۇر زىيالىنىڭ ئۆز مىللىتى ھەققىدە يازغانلىرىدىن ھىچ كىم سىتات ئالمايدۇ. ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ.
مەن قايتا قايتا دېدىم، ئەگەر سىز ئەدەبىي ئەسەرلىرىڭىزدە نېمە دېسىڭىز، مەيلى ئۇ دېگەن ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا مۇبالىغە ياكى بىر نېمە دەپ قويساق بولىدۇ. ئەمما سۆھبەت ماقالىدە تىلغا ئالغانلىرىڭىزنىڭ مەنبەسىنى سورايمىز، ئىسپاتلىغان بولسڭىز ئىسپات جەريانىڭىزنى سورايمىز. گەپ ئۇيغۇرنىڭ پىسخىكىسى ھەققىدە كېتىۋاتقاندىن كېيىن سىزدىن شۇ ھەقتە سورايمىز.
ئەرتۈرك: سىزنىڭ ھە دېسە مەنبەنى پەش قىلىشىڭىزدىن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى يىغىنچاق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماسلىقىڭىزدىن ، ئۆزىڭىز كاللا يۈرگۈزۈپ  مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ باقماسلىقىڭىزدىن، ئاخىردا  قېيداپ...
جاۋاپ، مەن ئۆگەنگەنلىرىمنى ھەرقانداق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قوياي، يەنىلا سىز زېرىككەن نەقىللەر بىلەن تولدۇرىۋېتىمەن. چۈنكى مەن نەسىر، رومان، ھىكايە يازالمايمەن، ماقالىدە بىر ئادەم ھەممىنى قايتا ئىسپاتلاپ ئولتۇرمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىسپاتىنى نەقىل ئېلىپ ئۆزىنىڭكىنى ياقىلايدۇ. ياكى تەجرىبە قىلىدۇ، ياكى جەمئىيەت تەكشۇرىدۇ، ياكى يازما مەنبەلەرنى ئاساس قىلىدۇ...ئەمما بىر مىللەتكە باھا بەرگەندە بىر فرويىدقا ئېسىلىۋېلىشتەك قىلىق ئىلمىيلىك بولمايدۇ، ئىدولوگىيەچىلىك بولۇپ قالىدۇ.
مەن سىزدەك ھىچ سەۋەپسىز پىسخولوگىيەنى ئىجتىمائى پەن دېمەيمەن...ھىچ ئاساسسىز قارىشىمنى گەپتىن گەپ چىقىرىپ، تەسەۋۋۇرۇمنى پاكىت قىلىپ يېزىۋېرەلمەيمەن.
پەن دېگەن سۆزنىڭ ئادەتتە تەبىئى پەنلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ سۆزنىڭ سەنئەتكە مۇقابىل قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلمىسەم ھەم سىزنى بىلىدۇ دېمىسەم ئۇ مەنىدە قوللانمايتتىم.
مەن ھىچ نېمىدن قېيدىمىدىم، پەقەت ئىككىمىزنىڭ تەربىيەلىنىش ئارقا كۆرىنىشىمىز بەك پەرقلىق ئىكەن، مەن يەنىلا ئىلىم ھەققىدىكى ھەر بىر ئېغىز سۆزنى مىسقاللاپ، بىلىپ سۆزلەيدىغان ئادەم بىلەن مۇنازىرە قىلاي. ھىچ بولمىسا باشقىلارنىڭ يازغانلىرىنى ئىنسانغا ھۆرمەت، ئىلىمگە ھۆرمەت نوقتىسىدىن بولسىمۇ تەپسىلى ئوقۇپ،ئويلۇشۇپ، ئىزدىنىپ جاۋاپ يازىدىغان كىشىنى تاپاي.
ئىلمىيلىكىنى تەكىتلەش، مەسئۇلىيەتنى تەرغىپ قىلىش، سەمىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىش توردا ئەمەس، دۇنيانىڭ زاۋۇتى جوڭگۇدا ھازىرچە پەقەت گۈزەل ئارزۇ. بۇ ماكرو موھىتىنىڭ چەكلىمىسى.
لوگىكىلىق تەپەككۇرنى تەرغىپ قىلىش ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا ۋە يازارمەنلىرىگە ئوخشاشلا ئېغىر كېلىدۇ. بۈگۈننى، ئۆتمۇشنى ۋە ھەتتا ئەتىنى ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ھىسسى بىلىشكە كۆنگەن كىتابخاننى پەرەز، ئىسپات، نەزەرىيە، خۇلاسە قاتارلىق مۇرەككەپ تېرمىنلار بىلەن تولغان ئىلمىي ماقالە ئارقىلىق رىياللىق ھەققىدە ئەقلى بىلىشكە يېتەكلەش ھەقىقەتەن تەرس. بۇنداق كەسكىن ئىلمىيلىكنى بازارمۇ كۆتۈرمەيدۇ، خېرىدارمۇ ياقتۇرمايدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ بازارغا يارىشا ئىشلەيدۇ. شۇڭا كىمنىڭ نېمىگە مايىللىقى ماڭا سىر ئەمەس. مەن بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يازغان.

گۈلەن:
سىز لوگىكىلىق تەپەككۇر تەلەپ قىلىنىدىغان سۆھبەت ۋە ماقالىلرىڭىزدە جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى...ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى...ئۇيغۇر جىنسىيىتى ئاينىغان...ئۇيغۇر جىنسىيىتى باشقا مىللەتتىن ئالاھىدە..دېگەندەك پىسخولوگىيەگە تاقىشىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقىرىپتىكەنسىز، مەن سىزدىن ئاساس تەلەپ قىلدىم.
ئەرتۈرك:
مەن سىز تىلغا ئالغان يازما ۋە سۆھبەتلىرىمدە ئۆزەمنىڭ ۋە پىرسۇناژلىرىمنىڭ روھىيىتىنى قېدىرىش داۋامىدا ھېس قىلغانلىرىمنى، جۈملىدىن جىنسىيەت ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى، بۇنى فروئىدنىڭ ۋە كارل جۇڭنىڭ پىسخىك ئانالىز نەزەرىيىسىگە باغلاپ چۈشەنگەنلىرىمنى يۈزەكى بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم، مەن ھېچقاچان ئۇنى ئىلمى تەتقىقات ماقالىسى دەپ قارىمايمەن، ئىلمىي ماقالە دېگەننىڭ ئۇنداق يېزىلمايدىغانلىقىنى ھەم بىلىمەن. سىز مېنىڭ تەسىرات يازمىلرىمنى، سۆھبەتلىرىمنى ئۇنىڭدىكى بەزى ھۆكۈملەرنى ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىگە سېلىپ  پۈتۈنلەي رەت قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن مەنمۇ سىزدىن  يېتەرلىك ئاساس، ئۆزىڭىزگە خاس پىكىر تەلەپ قىلىمەن. مۇشۇ ۋاققىچە  سىزدىن «فروئىد رەت قىلىنغان، ئىشەنمىسىڭىز توردىكى قامۇستىن ئىزدەڭ» دېگەندىن باشقا گەپ چىقمىدى، رەت قىلىنغانلىقىنىڭ، تەجرىبە ئاساسى يوقلۇقىنىڭ ئېنىق دەلىلى نېمە؟ دېگەنگە تېخى جاۋاب بەرمىدىڭىز. سىز تەجرىبىچىلىك، دەلىلچىلىكنىڭ تەشەببۇسكارى ھەم  باشلامچىسىى بولغاندىكىن فروئىدنى،  ئۇنىڭ «ئەبجەق» نەزەرىيىسىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئۆرۈۋەتسىڭىز ھەممىمىز خوش بولاتتۇق. مېنى بىر مۇنچە تەنقىدچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇش بىلەن ئىش تۈگىدى دەپ ئويلاپسىز،  سىزنىڭ ئىلمى مەسئۇلىيىتىڭىزمۇ شۇنچىلىككەن.
فروئىد ئۆزىنىڭ كېسەللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاتىمىغان، ئارخىپ تۇرغۇزمىغان دېگەندەك گەپلەرنى تېرىپ كەلدىڭىز، بۇ ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ تەجرىبە ئاساسى يوقلۇقىغا ئىسپات بولالامدۇ؟  فروئىدنىڭ 20-ئەسىردە كىشىنى زىل-زىلىگە سالغان ئەسىرى دەپ تەرىپلەنگەن « قىزچاق دورانىڭ ھېكايىسى»ناملىق كىتابىدا 18 ياشلىق بىر قىزنىڭ روھى ھالىتى، چۈشى... ۋاھاكازالار مىسال ئېلىنىپ سۆزلىنىدۇ. فروئىدنىڭ چۈش، ئاڭسىزلىق ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى ساختا دەپ ئېيتقۇچىلار فروئىدنى  قەبرىسىدىن قوپۇرۇپ، «كېسەللىرىڭىنىڭ ئىسمىنى ئېيت!» دەپ ئىسپات تەلەپ قىپتىكەنمۇ؟  سىز ئىسپات، ئىسپات دەپ جار سالغان بىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ بىر قىسىم تەنقىدچىلەرگە بېقىنىپ قالغان ئىنكارچىلىق خاھىشىڭىزنىمۇ يېتەرلىك ئىسپاتلىيالمايۋاتىسىز.
روھىيەتكە ئائىت بەزى مۇرەككەپ، نائېنىق مەسىلىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئىنچكىلەپ، لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىنمۇ؟ ئەقىل روھنىڭ بىر تەركىۋى، بۇ ھالدا  ئۇ ئۆزىدىنمۇ چوڭ دائىرىدىكى روھىيەتنى خىمىيىلىك ئېلىمىنتلار جەدۋىلىگە ئوخشاش بېكىتىپ، ئېنىقلاپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ چىقالمايدۇ. مېنىڭ يازمىلىرىمدا لوگىكىلىق تەپەككۇردىن باشقا تۇيغۇ، تەپەككۇر، تەسىرات، ھېسسىيات ئامىللىرى بار.  بۇنىڭ مەنبەسىنى مەن باشقىلارنىڭ كاللىسىدىن كەلگەن ئاتالمىش نەقىللەردىن ئەمەس، ئۆزەمدىن ئالىمەن.
گۈلەن: شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي ئەگەر غەرپ دۆلەتلىرىدە بولسىڭىز يۇقارقى گەپلىرىڭىز ئۈچۈن سوتقا تارتىلىسىز. شۇڭا غەرپتە سىز ماڭا نېمە دېگەن بولسىڭىز شۇنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئەسكەرتىمەن، بولمىسا يالغانچى بولۇپ ئىشەنچتىن مەھرۇم قالىمەن، چاتاق چىقسا ئوقۇشتىن ياكى ئىشتىن ھەيدىلىمەن.
بىز پىكىر ھۆرىيەتچىلىكىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قاراپ كەلگەن غەربتە ئۆزىنىڭ شەخسى ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانغا سوتلايدىغان ئىش بارمىكەن؟ سىز غەربنىڭ (بۇ گەپمۇ بەك چوڭ بولۇپ كەتتى)، غەرب ئەمەس، ئەدناسى ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە، قانۇن-تۈزۈملىرىنى قانچىلىك بىلىسىز؟
غەرب ئەللىرىدە مەيلى تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا ئەستايىدىللىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سەمىمىيلىكنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭغا ئىسپاتىم شۇكى،  مەن ئۆزەم ئارىلاشقان چەت ئەللىكنىڭ تەتقىقات روھىدىن، يازغان ماقالىلىرىدىن بۇنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلغان. بىراق ھەپىلىشىۋاتقىنىم ئەدەبىيات، ھېسسىيات، دەلىلى كەم ئابستراكىت تەپەككۇر بولغاچقا، ئىلمىي تەتقىقات روھى بويىچە ئىش قىلالمىدىم. ئەمدى شۇ ئەستايىدىللارنىڭ روھىدىن ئۆگىنەيلى دەۋاتىمىز.  غەرب نەدە، بىز نەدە، بۇنىمۇ ئويلاۋاتىمىز.
گۈلەن: مەن ئۆگەنگەنلىرىمنى ھەرقانداق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قوياي، يەنىلا سىز زېرىككەن نەقىللەر بىلەن تولدۇرىۋېتىمەن. چۈنكى مەن نەسىر، رومان، ھىكايە يازالمايمەن، ماقالىدە بىر ئادەم ھەممىنى قايتا ئىسپاتلاپ ئولتۇرمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىسپاتىنى نەقىل ئېلىپ ئۆزىنىڭكىنى ياقىلايدۇ. ياكى تەجرىبە قىلىدۇ، ياكى جەمئىيەت تەكشۇرىدۇ، ياكى يازما مەنبەلەرنى ئاساس قىلىدۇ...ئەمما بىر مىللەتكە باھا بەرگەندە بىر فرويىدقا ئېسىلىۋېلىشتەك قىلىق ئىلمىيلىك بولمايدۇ، ئىدولوگىيەچىلىك بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە،  فروئىد ھەققىدە زېرىكمەي، تېرىكمەي، ھورۇنلۇق قىلماي سىستېمىلىق بىر ماقالە يېزىشىڭىزنى تەمە قىلىپ قالدىم.  ماقالىڭىزنى نەقىللەر بىلەن توشقۇزۇۋەتسىڭىز مەيلى، ئۇنىڭدىن زېرىكىپ قالمايمىز. بىراق ئۆز قاراشلىرىڭىزنى بىرەر جۈملە بولسىمۇ  قوشۇپ قويۇڭ. ئاندىن ئۇنى تەنقىدچىلەرنىڭ قاراشلىرى ئارقىلىق ياقلىسىڭىز تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدا فروئىد نەزەرىيىسىنىڭ خاتالىقىنى تەجرىبە قىلالمايدىغاندەك تۇرىسىز، شۇنداقتىمۇ باشقا پىسخىلوگلارنىڭ بۇ ھەقتىكى رەددىيە خاراكتېرلىك تەجرىبە-دەلىللىرىنى كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ. 
مەن مىللەتكە باھا بېرىشتە فروئىدقا ئېسىلىۋالمىدىم، «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟» دېگەن يازمامدا ئۆز ئىجادىيىتىمدە جىنسىي ئاڭ، مۇھەببەت ۋە بۇنىڭغا باغلانغان تەپەككۇرنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسام، ئارىلىقتا بۇ قاراشلىرىمنى فروئىدنىڭ نەزەرىيسىدىن كەلگەن ئىلھام بىلەن روياپقا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتىم. شۇغىنىسى بۇنداق ئومۇمىي تەسىرات، ئومۇمىي يەكۈننى قايسى كىتاب، قايسى ۋاراقتىن ئالغان دەپ ئەسكەرتەلمىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىيىتى ئالاھىدە، بىقسىغان، بۇزۇلغان... ۋاھاكازا. دېگەنلىرىم ئۆزەم كۆرگەن، بىلگەن، ئاڭلىغان، مەتبۇئات ۋە تورلاردىن يىغىشتۇرغان چۈشەنچلىرىم، بەلكىم بىر چاغلاردا «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دا ئېلان قىلىنىپ زىل-زىلە قوزغىغان «دېلو ئەھۋالىدىن ئەخلاقىمىزغا نەزەر»(تولۇق ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم)،  دېگەن  ماقالە ۋە تورلاردا بىر ئەمەس، بىر قانچە قېتىم «قىزىغان باسقۇنچىلىق قىلغان ھايۋان...» دېگەندەك تېمىلار بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك. بۇنداق ئەھۋال باشقا مىللەتتىمۇ بار، بىراق مېنىڭ كۆزىتىش نۇقتام يەنىلا ئۆز قەۋمىم. جېدىلىم شۇلار بىلەن.  ئومۇمەن مەن بىرەر پىكىر قىلسام ھەر ھالدا بىرەر ئاساسىنى تېپىپ ئوتتۇرىغا قويىمەن دەپ ئويلايمەن، بىراق بەزى پىكىرلىرىمنىڭ سىز دەۋاتقان ئىلمىيلىك ئۆلچىمىدىن يىراق ئىكەنلىكىنى تەن ئالىمەن.
گۈلەن:
ئەرتۈركنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلىپ ئىنكاسىمدىن نەقىل ئېلىشنى باشلىغىنىغا كۆپ رەھمەت، ھىچ بولمىسا مېنىڭ بۇ مۇنازىرىدە قىلغان ئەجرىمنىڭ مىۋىسى، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئىلمىيلىككە كۆنۈپ كەتكەي.
مەن ئىلمىلىكنى بۇرۇن مەتبۇئاتقا چىققان ماقلىلىرىمدە تەكىتلىگەن، ئىلمىي ماقالە دېگەنننى جىق ئادەم ئوقۇمىغاچ، تورغا چۈشۈپ قالدۇق. مۇنازىرە ئىلمىيلىكنى تاۋلايدىغان ئوچاق، چۈنكى مۇنازىرىدە لوگىكا تەكىتلىنىدۇ.
مەن بۇلتۇر بەرقى تورىغا مۇنازىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر تېما يازغان، بوسا شۇ يازمىنى بىلىدىغانلار بۇ يەرگە چاپلاپ قويسا ئاندىن مۇنازىلەشسەك. ئەرتۈرك ھازىر مۇنازىرىدە  تېمىنى ئەمەس مېنى مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇنازىرە قائىدىسىگە خىلاپ. مەسىلەن، سىز قانچىلىك بىلىسىز، سىز نىمىشقا ئىسپاتلىمايسىز...
مېنىڭ بۇنداق نېمە دېسە بولىدىغان گەپلەرنى دېيىشكىم يوق. مەن ئۆلچىمى،پىرىنسىپى، نەزەرىيەسى يوق  ھەر قانداق مۇھاكىمىدىن يالتىيىمەن.
ھەممە ئىشنىڭ بىر قائىدىسى، بىر يۇسۇنى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە بۇنداق قائىدىگە چۈشمىگەن، تېما ئەمەس تېما ئوتتۇرىغا قويغۇچى مۇنازىرە قىلىنىدىغان سورۇندىن چېكىنگەن ئېدىم. ئەرتۈرك شۇنداق دەپ تۇرساممۇ بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس.
مەن ئەرتۈركنىڭ ماركىسىزىمىنى ئاقلىشىنى توغرا چۈشىنىمەن، ئەمما توغرىلىقى ئىسپاتلانغان شۇنچە كۆپ پىسخولوگىيە نەزەرىيەلىرى تۇرسا نېمىشقا فرويىدقا بۇنچە شەيدالىقىنى ئاڭقىرالمىدىم. ئەسلى كىم قايسى ئىدىلوگىيەگە ئىشتىياق باغلىسا ئۆزىنىڭ ئىشى، لېكىن مىللەتكە باھا بەرگەندە توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ئىلىمىي ھۆكۈمنى ئاساس قىلساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن.
غەرپتە بىر مىللەتنى جىنسىيىتى ئاينىغان... دېگەندەك گەپلەربىلەن سۈپەتلەش ھەم بۇنى ئاساسسىزلا ئوتتۇرىغا قويۇش ھەقىقەتەن سوتقا لايىق. مەسىلەن تۈركىيە قانۇنلىرىدا «تۈركلۈككە ھاقارەت دەيدىغان» دەيدىغان بىر ماددا بار. ئامېرىكىدا ئەگەر سىز «قارا تەنلىكلەرنىڭ جىنسىيىتى ئاينىغان» دېسىڭىز ئىرقچىلىق بىلەن ئەيپلىنىپ قولغا ئېلىنىسىز.
ئەرتۈرك توغرا ئېيتىدۇ، مەن ئامېرىكا قانۇنىنى ياخشى بىلمەيمەن، چۈبنكى مەن ئادۋۇكات ئەمەس. مەن ئالىملار ئىسپاتلاپ بولغان نەرسىنى يەنە ئىسپاتلىيالمايمەن. چۈنكى ئۇنچە جىق مەبلەغ، ئۈسكۈنە، ئادەم كۈچى يوق. شۇنداق كۈچى بار ئورگانلار كۆگنىتىۋ پەنلىرى، نېرۋاپىسىولوگىيە تەجرىبىلىرى ئارقىلىق توغرىلىقىنى ئىسپاتلىتالمىغان فرويىد تەلىماتىنى مەن قانداق ئىسپاتلاي؟ ھەم مەبلەغ سالىدىغان ئادەممۇ ئۇنداق ئەخلاق، دىن، پەن، ئىدولوگىيە جەھەتتە تەڭلا تەنقىدكە ئۇچراپ ئىسپاتسىزلىق سەۋەبىدىن ھۆكۈم ئاساسى بولالمايدىغان نەزەرىيەگە مەبلەغ سالماس.
سىز دېگەندەك مەن سىز قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ فرويىد تەرەپتارلىقى ھەققىدە بىر نەرسە يازاي دەيمەن، تېمىسى «ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدا فرويىد ئىشتىياقى»، چۈنكى بىر نەزەرىيەنىڭ بىر مىللەت زىيالىلىرىدا زادى قانداق چۈشىنىلگەنلىكى مېنىڭ قىزىقىشىمغا ئۇيغۇن. بۇ تېمىنى بەلكىم 2011-يىلى ئىيۇندىن كېيىن يېزىشىم مۇمكىن، ئىمكان بولسا بلوگىڭىزدا ئېلان قىلىپ بېرەرسىز.
ئەرتۈرك:
گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىكى فروئىدچىلىق خاھىشى ھەققىدە ئەتراپلىق، پاكىتلىق، كاللىمىزنى سىلكىۋەتكۈدەك بىر ماقالە يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماقالە روياپقا چىقىپ قالسا بلوگىمدا ئېلان قىلىمەن.
بۈركۈت:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەنۋەر ھاجىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت. قارىسام توردا مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ قاپتۇ، «ئەنۋەر ھاجىم جىنسىيەتنى يازامدۇ»، «جىنسىيەت ۋە ئەدەبىيات» ... ۋاھاكازا تېمىلىرىدا گەپ بولىۋېتىپتۇ. مەن بۇ ھەقتە بۇرۇن بۇنداق تېمىلارنى كۆرۈپ باقمىغان. ئالدىنقى كۈنى بۇ تېما ۋە ئىزدىنىشتىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئوقۇپ باقتىم.
خەنزۇچە «دەرەخنى كۆرۈپ، ئورماننى كۆرمەسلىك» دەيدىغان بىر تۇراقلىق ئىبارە بار. ھاجىمنىىڭ ئەسەرلىرىنى جىنسىيەت تېمىسىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن ۋە ياكى چۈشەندۈرمەكچى بولغانلارغا يۇقۇرىقى تۇراقلىق ئىبارە بەكمۇ ماس كېلىدۇ.
ھاجىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىر بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى يېقىنقى ئەسەرلىرىدە ئىسلام دىنى ھەققىدىكى ئۇچۇر-بىلىملەر مول. بۇنى ھازىرغىچە ھاجىمدىن باشقا ھىچقانداق بىر ئۇيغۇر يازغۇچى تېخى قىلالمىغان ياكى قىلىپ باقمىغان. چۈنكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھاراق شاراپ بىلەن %99 تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئىسلام دىنى بىلىملىرى بىلەن %99 تونۇشسىز. يەنە بىرى ئەيدىز، ساتىراچخانا، بۇزۇقچىلىق ئىشلىرى.
بەزىلەر يېپىق قازان يېپىق پېتىم قالسۇن دەپتۇ. ئەدەبىيات رىئال تۇرمۇشنى مەنبە قىلغان بولغاچقا، قازاننى يېپىپ قويۇش خۇددى «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاپ» ئۆزىنى ئالدىغان بىلەن باراۋەر ئىش. بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، «بۇنى يازسا، بۇزۇقچىلىق كۆپىيىپ كېتىدۇ.» مېنىڭ بۇ ھەقتە قارىشىم، بۇنى يازمىغان زامانلاردىمۇ بۇزۇقچىلىق ئاز ئەمەستى.
جىنسىيەت ھەققىدە غىدىقلىنىشنى ئىزدىمەكچى بولغانلار، ھاجىمنىڭ 500 بەتلىك رومانلىرىنى ئوقۇمىسىمۇ، تورخانىغا كىرىپ، كومپيۇتېر ئالدىدا 1 مىنۇت ئولتۇرسا، جىنسىيەت دىگەن ئېكرانغا ئۆزى سەكرەپ-ئۇچۇپ چىقىۋېرىدۇ.
ھاجىمنىڭ 2004-يىلى يازغان «ئىگىز-پەس مۇھەببەت» ئەسىرىگە قارىغاندا يېقىنقى 2 «قىز»، «خوتۇن» ھەققىدىكى ئەسەرلىرى تېخىمۇ ياخشى چىققان. دىمەك ھاجىمدا ئىلگىرىلەش زور. مەن ھاجىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك، بەخت-سائادەت، خىزمەت-ئىجادىيىتىگە زور نەتىجە، يۈكسىلىشلەرنى تىلەيمەن.
پەنگىيار:
بۈركۈت ئەپەندىنىڭ بۇ پىكىرىنى قوللايمەن. شۇنداق ئەنۋەر ھاجى بىزنىڭ باشقا يازغۇچىلىرىمىز قەلەم تەۋرىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بۇ ئۇسلۇبتا ئەسەر يېزىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساقلانغان چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدە رىئاللىقتىكى دىنغا ئائىت ئىشلار شۇنچىلىك تەبئىي چىققانكى سىز ئۇنىڭ ئوبدان دىققەت قىلمىسىڭىز بايقىيالمايسىز.
ئەڭ ئاددىيسى، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دا غېنى شاڭجاڭنىڭ مەيلى ياسىنغا بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئايالى رەيھانغا قىلغان سۆزلىرى بولسۇن، دىققەت قىلىپ ئوقۇغان ئادەمگە ناھايىتى مۇھىم تۇرمۇش مىزانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. غېنى شاڭجاڭ گەرچە شەھۋەتپەرەسلىككە ئىنتىلسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئىمانى يەنىلا ئۇنى غۇرۇرلۇق ياشاشقا ئۈندىگەن (كەمىنە تېخى ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتمىگەن، كېىين قانداق بولىدۇ بۇ ماڭا نامەلۇم، لېكىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئۆمەرنى تۈرمىگە كىرىپ كىتىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن رەيھانغا ياردەم بېرىشنى ئېيتقاندا ياسىن كېلىپ ئۇنىڭغا نېمىشقا ماڭا ياردەم قىلماي خوتۇنۇمغا ماقۇل دەيسەن دېگەندە ئۇنىڭ ياسىنغا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئوبدان ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ.) دېمەك ئادەمدە ئىمان بولسا يامان ئىش قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسەن بىزنىڭ ئىمانلىق ياشاش ھەققىدە بىشارەت بەرگەن. يەنە بىرى ھاجىم ئەسەرلىرىدە پىرسۇناژلار خاراكتىرىگە سىڭدۈرىۋەتكەن، نۇرغۇن سۇئاللار بار. گەرچە بۇ سۇئاللارغا ئىنىق جاۋاب بېرىلمىگەن بولسىمۇ لېكىن بىز سۇئالغا قاراپ ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاسانلا بىلەلەيمىز. بۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ھاياتلىق يولىدا ئىمانلىق ياشاش ھەققىدە بىزگە يول باشلايدۇ. ھاجىمنىڭ ئەسەردە جاۋابسىز قالدۇرغان ھەر بىر سۇئاللىرى ئەمىلىيەتتە بىزگە قويۇلغان سۇئاللار بىز كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلانساق ھاجىمنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنىڭ تىگىگە يىتەلەيمىز.
(بىلىك تورىدىن رەتلەندى)

مەنبەسى: ئەرتۈرك ئەسەرلىرى
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ.
«ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ 6 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x013 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى