جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىۋېلىڭ: جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت پەرھىزلەر

بىلىۋېلىڭ: جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت پەرھىزلەر

ۋاقتى: 2016-10-26 ئاۋاتلىقى: 5669 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت پەرھىزلەر
ئۇيغۇر ئەجدادلىرى تارىختىن بۇيان جىنىس ۋە جىنسىي ئالاقە مەسىلىسىگە ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن. رايونىمىز تەۋەسىدىن بايقالغان قىيا تاش سۆرەتلىرىدىكى جىسىي ئەزا ۋە جىنسىي ئالاقە تەسۋىرلەنگەن مەزمونلاردىن قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەلۇم چاغلاردا جىنىسقا تىۋىنىش ئىشەنچىلىرىدە بولغانلىقىنى بىلسەك، كېيىنكى ھەر قايسى دەۋىرلەردە دىنىي كۆزقاراش ۋە ئەخلاقىي مىزانلار سەۋەبىدىن جىنسىي ئالاقىنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنغانلىقىنى، ناپاك دەپ قارىلىپ پىنھان تۇتۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئالاقە مەسىلىسىگە قارىتا ھەم ئىلمىي، ھەم خۇراپىي تەركىبلەر ئارىلاشقان بىر قاتار مىزانلار ۋە چەكلىمىلەر (پەرھىزلەر) بارلىققا كەلگەن. تۆۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئىشەنچىلىرىدىكى جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت پەرھىزلەرنى بىر قانچە نوقتا بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ ئۈتىمىز.

نىكاھتىكى جىنسىي ئالاقىگە ئائىت پەرھىزلەر
تارىختىن بېرى جىنسىي ئالاقە بىلەن نىكاھنىڭ مۇناسىۋىتى بارچە ئېتىكا سېستىمىلىرىنىڭ يادرولۇق مەزمونى بولۇپ كەلدى. نىكاھنىڭ بارلىققا كېلىشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا جىنسىي ئالاقىنىڭ قانۇنلىشىشى، جامائەت ئەخلاقىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتۇر. ئومومەن نىكاھ چەكلەنگەن بارلىق ئوبيېكتلار ئوتتۇرىدا جىنسىي ئالاقىنىڭ بولۇشى چەكلىنىدۇ، شۇڭا، نىكاھ پەرھىزلىرى مەلۇم دەرىجىدە جىنسىي ئالاقە پەرھىزلىرىنىڭ خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇيغۇرلار خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىنتايىن قەدىمكى دەۋىردىكى توپ نىكاھلىق تۈزۈمى شارائىتىدىكى قالايمىقان جىنسىي ئالاقە باسقۇچىدىن تارتىپ مانى ۋە بۇددا دىنىغا ئېيتقاد قىلغان دەۋىرلەردىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى جىنسىي ئالاقىدىن قەتئىي چەكلىنىش باسقۇچلىرىغىچە ۋە كېيىنكى ئىسلامىي شارائىتتىكى «جىما» ۋە «زىنا» دەپ ئاتالغان قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز جىنسىي ئالاقىلەر باسقۇچىغىچە تەدرىجىي قائىدە-يۇسۇن ۋە ساغلاملىق تۈسىنى ئالغان جىنسىي ئالاقە جەريانىنى باشتىن كەچۇردى. ئۇيغۇرلار مانى دىنىغا ۋە بۇددا دىنىغا ئىشەنگەن مەزگىللەردە رەھىبلار جىنسىي ئالاقىنى «ئىنتايىن قەبىھ ۋە يامان قىلىق»، «ناپاك ئىش» دەپ قاراپ، جىنسىي ئالاقىدىن چەكلەنگەن. ئىسلام دىنىغا ئېيتقاد قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى قۇدرىتى يەتكەن كىشلەرنىڭ توي قىلىپ نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا نىكاھتىن سىرت ھەرقانداق جىنسىي ئالاقىدە بۇلۇشنى قەتئىي چەكلەيدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ھالال نىكاھ ئىچىدە نورمال جىنسىي ئالاقىدە بولۇش، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ئىستىكىنى قاندۇرۇشنى گۈزەل ئەخلاق دەپ تۇنۇپ، نىكاھلىنىشقا بولىدىغان ئونىكىتلاردىن سىرت ئوبيېكتلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنى ئىنتايىن قەبىھلىك، ھايۋانىيلىق، ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق دەپ قاراپ، قاتتىق پەرھىز قىلىپ كەلدى.

نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ئالاقىگە ئائىت پەرھىزلەر
دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەردە دىنىي ئېتقادنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماي، نىكاھ سىرتىدىكى ھەرقانداق كىشى بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش ئىنتايىن قاتتىق چەكلىنىدۇ. چۇنكى، بۇ ئەڭ چوڭ ئەخلاقىي مەسىلە بۇلۇپ، ئۇنى چەكلەش ئىنسانغا خاس تەبىئەت ۋە خىسلەتكە ئايلانغان. نىكاھتىن سىرت جىنسىي ئالاقە قىلىش مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بىرى، توي قىلىشتىن بۇرۇن جىنسىي ئالاقە قىلىش؛ يەنە بىرى، توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۈچىنچى كىشى بىلەن (كوپ خۇتۇنلۇق تۈزۈمدە ئۆز نىكاھىدىكى بارلىق خۇتۇنلاردىن باشقا ئاياللار بىلەن) جىنسىي ئالاقە قىلىش. نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ئالاقىنى چەكلەش پەرھىزلىرىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا توي قىلماي تۇرۇپ جنسىي ئالاقە قىلىشنى چەكلەش پەرھىزى بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن نىكاھتىن سىرتقى باشقا كىشى بىلەن جىسىي ئالاقە قىلىشنى چەكلەش پەرھىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلام دىنىدا جىنسىي ئالاقە «جىما» ۋە «زىنا» دەپ ئايرىلىدۇ. «جىما» ئەرەپچە ئىنارە بولۇپ، «ئەر - خۇتۇنلارنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، قوشۇلۇشى» دېگەنلىك بۇلىدۇ. بۇ ئەرنىڭ شەرىئەت قائىدىسىگە ئاساسەن نىكاھلاپ ئالغان خۇتۇنى بىلەن قىلغان جىنسىي ئالاقىنى كورسىتىدۇ. «زىنا» بولسا ئۆز خۇتۇنىدىن ياكى ئۆز ئېرىدىن باشقا (توي قىلمىغان بولسا ھەرقانداق يات جىنىس بىلەن ) كىشى بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنى كورسىتىدۇ. زىنا ئاللانىڭ نەزىرىدە ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ، ئۇ دائىم ئېيىتىلىدىغان «گۇناھى كەبىر» (چوڭ گۇناھ) لەر ئىچىدىكى ئەڭ يامىنىنىڭ بىرىدۇر. 
ئۇيغۇرلار توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەرنىڭ زىنا قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ. مەلۇم مەنىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار زىنادىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپلا بالدۇر توي قىلىشتەك ئادەتنى بارلىققا كەلتۇرگەن. ئۇيغۇرلار مەيلى دىننىي تەلەپ جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئادەت كۈچى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئادەت كۈچى جەھەتتىن بولسۇن، قىزلارنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇن زىنا قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ. توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلىپ قويغان قىزلار (مەيلى ئىختىيارىچە بولسۇن ياكى مەجبورىي بولسۇن) خەلق ئارىسىدا ناھايىتى يامان ئاتلىق بولۇپ قالىدۇ. توي قىلماقچى بولغان يىگىتلەرمۇ لايىقىنىڭ قىز بۇلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. يېقىنقى چاغلارغىچە ئۇيغۇرلاردا توي كىچىسى قىزنىڭ ئاستىغا ئاق رەڭلىك رەخىت قۇيۇپ، چىققان قىزلىق قېنىنى ئەتىسى يىگىت ئانىسىغا ياكى يېقىن دوست -بۇرادەرلىرگە كۆرسىتىپ خۇتۇنىنىڭ قىز چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، ئەگەر خۇتۇنى قىز بولماي قالسا (يەنى ئىپپىتى ئىلگىرىلا يوقالغان بولسا) ئەتىسى تالاق قىلىپ قۇيىۋېتىپ ياكى قاتتىق ئۇرۇپ ئاندىن كىشلەرگە بىلدۇرۇپ ھەيدىۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ ئىنتايىن مۇستەھكەم ھالەتتە خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ تۇرماقتا. شۇڭا، قىزلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشقا ئىنتايىن دېققەت قىلىپ، كىشلەر ئالدىدا ئۇياتقا قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نوقتا شۇكى، تويدىن بۇرۇن زىنا قىلماسلىق تەلىپى ئوغۇللارغا نىسبەتەن قىزلارغا قاتتىقراق بۇلىدۇ. خەلق ئارىسىدا ئوغۇللارنىڭ زىنا قىلىشى ئەگەر ئاشكارە بۇلۇپ قالمىسىلا ئوغۇللارغا ئۆمۈرلۈك بەخىتسىزلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ خەلق ئوغۇللارنىڭ تويدىن بۇرۇن زىنا قىلماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بالاغەتكە يەتكەن ھامان تۇيىنى قىلىشقا ئالدىرىغان. ئۇيغۇرلاردا ئىلگىرى توي قىلىش يېشىنىڭ نىسبەتەن كىچىك بولۇشى ئەنە شۇ پەرھىزلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن. 
توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن جورىسىدىن باشقا ئادەم بىلەن زىنا قىلىش، يەنى جىنسىي ئالاقە قىلىشمۇ ئىنتايىن قەبىھ ۋە ئەخلاقسىز ئىش بۇلۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن جەمەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپچى بۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، بۇنداق قىلىق شەخسنىڭ سالامەتلىكىگە، ئائىلىۋى ھېسياتىغا قەبىھ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئائىلە بۇزۇلۇپ، جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ، تەرتىپىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ زەنجىرسىمان بۇزۇلۇش ھالقىسىنى شەكىللەندۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى بۇنداق زىنانى قاتتىق چەكلەپ كەلگەن. بىرەر ئەر ئۆز ئايالىنىڭ باشقا ئەر بىلەن زىنا قىلغانلىقىنى ئۇقۇپ قالسا ياكى تۇتىۋالسا ھەر ئىككىسىنى ئۆلتۇرۇپ تاشلايدىغان ياكى شەرىئەت ئۇلارنى چالما- كىسەك قىلىپ ئۆلتۇرۇش جازاسى بېرىدىغان ئەھۋاللار پات- پات بۇلۇپ تۇرغان. شەرىئەت جازاغا تارتىلمىغان تەغدىردىمۇ، كىشلەر بىلىپ قالسا، زىناخورنىڭ خەلق ئارىسىدا يۇزىنى كۇتۇرۇپ يۇرۇشى ھەقىقەتەن تەس بولغان.
نىكاھ سىرتىدا زىنا قىلىشنىڭ يەنە بىر شەكلى ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ زىنا قىلىشىدۇر. بۇ «لەۋۋاتلىق» ياكى «لىۋاتە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىنسان تەبىئىتىگە مۇخالىپ كېلىدىغان، بارلىق جەمئىيەتلەردە بىردەك تۇرۇلغان قىلىقتۇر. نۆۋەتتە غەرپ ئەللىرىدە ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ۋە زىنا قىلىشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر يامان ئىجتىمائىي مەسىلە بۇلۇپ قالدى. ئومومىي جەھەتتىن قارىغاندا ئايال جىنىسلىقلارغا قارىغاندا ئەر جىنىسلىقلار ئارىسىدا لەۋۋاتلىق قىلىش ھادىسىسى كوپرەك ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىمۇ ئەرلەرنىڭ لەۋۋاتلىق قىلىش ھادىسىسى ئاندا- ساندا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇنداق كىشلەرنى «قوڭچى»،«ھېجىقىز» دەپ ھاقارەتلىك ئاتايدۇ ھەمدە مۇنداق كىشلەرنى ئىنتايىن پەس كورۇپ، ئۇلار بىلەن بولغان ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئۇزىدۇ. نىكاھ ئوبيېكتىنى تاللاشقا ئالاقىدار پەرھىزلەردە ئوخشاش جىنىسلىق كىشلەرنى لايىق سۈپىتىدە تاللاش چەكلەنگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ زىنا قىلىشىنى چەكلەش كۆزدە تۇتۇلغان. شۇڭا قاتتىق پەرھىز قىلىنىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ.
«ﺟﻪﻟﻪﻕ (ﺋﺎﻧﺎﻧﯩﺰﻡ) ﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x005 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى